Www.SalamUrumqi.Com - سالام ئۈرۈمچى ئونۋېرسال تور بېكىتى - 萨拉穆乌鲁木齐娱乐资讯门户网
مىقلاڭ ئەسەر يوللاڭ تىزىملىتىڭ
ساقلىۋىلىڭ ئۇچۇر يوللاڭ مەرھەمەت
 
 
 


سىنى سېغىندىم تاتلىق

سىنى سېغىندىم تاتلىق



ئۆزەمچىلا ئولتۇرۇپ قالدىم ،
ئەسلەپ تاتلىق سۆيگۈ رىشتىنى .
پۇشايماندا ئۆرتەندى يۈرەك ،
ئويلاپ چەككەن ئازاپلىرىمنى .



سىنى خىيال قىلىپ ئولتۇرۇپ بىرىنىڭ < ئەگەر ھاياتىڭدا ئۆزۈڭ ياخشى كۆرگەن ئادەمگە ئۇچرىساڭ ئۆزۈڭنى تەلەيلىك ھىساپلىغىن،ئاخىرقى نەتىجىنىڭ قانداق بولىشىدىن قەتئىينەزەر ئۆزۈڭنى مەن بەخىتلىك دەپ ھېساپلىغىن > دېگەن سۆزلىرىنى ئويلاپ قالدىم .



مۇشۇ كۈنلەردە نىمە بولغىنىمنى بىلمەيمەن . ئەتتىگەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ بىرىنجى قىلىدىغان ئىشىم سىنى سېغىنىش ، سىنى ئەسلەش . ئىككىنجى قىلىدىغان ئىشىم ئۇزاق ۋاقىتلاردىن كىيىن سىنىڭ پۇشايمان قىلغاندىكى غەمكىن ھالىتىڭنى كۆرمەسلىكنى ئۇلۇغ ئاللادىن تىلەش .



ئىسىڭدە بارمۇ ، مەن ساڭا سەن مەڭگۈ مىنىڭ تاتلىقىم دېگەن ئىدىم...ياق ياق ...پەقەت ئەمدىلەتتىن ھىس قىلىۋاتىمەن سەن مىنىڭ تاتلىقىملا ئەمەس بەلكى بارلىقىم ئىكەنسەن .



شۇ كۈنى سىنىڭ < بۇ مىنىڭ ساڭا ئەڭ ئاخىرقى قېتىم خەت يېزىشىم ، مىنى تاش يۈرەك دېسەڭمۇ مەيلى ، بىز ئىزدەشمەيلى ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ ئۈچۈن ، سەن مىنى مەڭگۈ تاپالمايسەن > دېگەن سۆزلىرىڭ ھېلىھەم قولاڭ تۈۋىمدە جاراڭلاپلا تۇرىدۇ . شۇنچە قىلىپمۇ بۇ سۆزلىرىڭنى ئۇنتۇپ كىتەلمەيۋاتىمەن .



شۇ مىىنۇتلاردا ساڭا بىر نەرسىلەرنى دىگۈم بار ئىدى لىكىن ھەرقانچە قىلىپمۇ ساڭا چۈشەندۈرۈپ بىرەلمىدىم .سىنى ياخشى كۆرىشىم بۇ ئەمىلىيەت لىكىن ئىككىمىزنىڭ مۇناسىۋىتىدە مىنىڭ ئاللىقاچان پۇرسىتىم قالمىدى .



يامغۇرنى سېغىندىم ، قارنى سېغىندىم . يامغۇر ياغقان شۇ كۈنى سەن بىلەن قول تۇتۇشۇپ بىرگە سەيلە قىلسام . قار ياغقان شۇ كۈنى سەن بىلەن قار ئېتىشىپ ئوينىسام .ياق،بۇ ئەمدى مومكىن بولمايدۇ.مەن يامغۇردا تۇرۇپ ئۆكسۈپ يىغلىسام كۆز ياشلىرىم يامغۇر تامچىلىرىغا قوشۇلۇپ ئاسماندىن غەمسىز تامچىسا . ئاپئاق قارلىقتا تۇرۇپ توڭلاپ كەتسەم . ۋۇجۇدۇمدىكى بارلىق ئازاپلار مەن بىلەن بىرگە توڭلاپ كەتسە . شۇندا يۈرىگىم ھېچ ئازاپنى سەزمەس بولارمىدى ؟



گەرچە تۇنۇشقان بىلەن تەقدىرىمىز قوشۇلمايدىغانلىقىنى بىلسەممۇ ئەمما كىيىنكى كۈنلەردە سىنىڭ خاتىرەڭدە گۈزەل ئەسلىمىلەرنى قالدۇرغۇم بار ئىدى . بۇ ھاياتلىقىمدا قاتتىق تىرىشىپ كىيىنكى ھاياتلىقىمدا مۇھەببەتنىڭ گۈزەل دەقىقىلىرىنى كۆرگۈم بار ئىدى .



ئىسىڭدە بولسۇن جېنىم نىمىنى يۈتتۈرۈپ نىمىنى تاپقانلىقىڭنى سەزگەن ۋاقىتتا سەن ئاللىقاچان كىچىككەن بولىسەن ...مەنمۇ ھەم شۇنداق ...خەيىر بەخىت ، ئامەت ساڭا يار بولسۇن ..........

         كۆرۈلۈشى:904     قوشۇلغان ۋاقتى:2012/4/25 19:11:16يوللىغۇچى ئەزا:

 
   

   ئاۋات ئەسەرلەر

ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:روزى گۈلباي (تاجىك) رۇبائىيلىرى
روزى گۈلباي (تاجىك) رۇبائىيلىرى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ھەر قايسى پەن ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئەرلەرگە بەرگەن باھاسى;
ھەر قايسى پەن ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئەرلەرگە
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:تەنھالىق ساداسى
تەنھالىق ساداسى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:مازار چاشقىنى
مازار چاشقىنى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئەمدى مەن سېنىڭ ئەمەس !
ئەمدى مەن سېنىڭ ئەمەس !
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئىككى پارچە خەت (مەڭگۈلۈك ئايرىلىشنىڭ سەۋەبى)
ئىككى پارچە خەت (مەڭگۈلۈك ئايرىلىشنىڭ سە
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئەي ئۇلۇغ ئاتا-ئانا
ئەي ئۇلۇغ ئاتا-ئانا
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ناننىڭ كۆيۈكى
ناننىڭ كۆيۈكى

پىكىر ئالماشتۇرۇڭ   بىزنى قوللاڭ   بىزدىن پايدىلىنىڭ   بىزنى بىلۋىلىڭ
       
ئالاقىلىشڭ تەكلىپ-پىكىر ئېلان بىرىڭ بېكەت ھەققىدە
سەيناغا كىرىڭ ئەزا بولوڭ ھەمكارلىشىڭ سەھىپىلەر
  ئۇلىنىش قوشۇش ئۇچۇر يوللاڭ مۇلازىمەتلىرىمىز
  بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ   بېكەت لوگوسى ئەسەر يوللاڭ بېكەت رەسمىيەتلىرى
 
 
 
 

 

   

工信部备案:新ICP备11000444号

乌鲁木齐市公安局网络支队备案号-6501201108002 Copyright© 2010-2014 SalamURUMQI.Com