Www.SalamUrumqi.Com - سالام ئۈرۈمچى ئونۋېرسال تور بېكىتى - 萨拉穆乌鲁木齐娱乐资讯门户网
مىقلاڭ ئەسەر يوللاڭ تىزىملىتىڭ
ساقلىۋىلىڭ ئۇچۇر يوللاڭ مەرھەمەت
 
 
 


ناننىڭ كۆيۈكى

ئۇ ھەر ئەتىگىنى ئانىسىنىڭ نان چىلاپ بېرىشىگە قاراپ ئولتۇراتتى. ئانىسى ئۇنىڭ چىنىسىگە نان چىلاۋېتىپ، دائىم ناننىڭ كۆيۈكى بولسىلا ئۆزىنىڭ چىنىسىگە سېلىۋالاتتى. «ناننىڭ ئەشۇ يېرى بەك يىيىشلىك بولسا كېرەك؟» دەپ ئويلايىتتى ئۇ. ئۇ يەنە بىر قېتىم دادىسىغا نان چىلاۋېتىپمۇ ئانىسى ناننىڭ كۆيۈكىنى ئۆزىنىڭ چىنىسىگە تۇيدۇرماي سېلىۋالدى. بۇ قېتىم ئۇنىڭ كۆڭلى ھەقىقەتەن غەش بولدى. «ما ئانامنى، ماڭىغۇ كىچىك بالا دەپ گوللاپ بەرمىسۇن. دادامنىمۇ گوللايدىكىنا؟!». ئۇ دادىسىنىڭ بۇ ئىشنى سەزمەي قالغىنىدىن بەكمۇ ئەپسۇسلاندى. ناۋادا دادىسى كۆرۈپ قالغان بولسا ئانىسىنىڭ نەچچە ۋاقىتتىن بېرى شۇنداق قىلىۋاتقانلىقىنى دادلاپ بەرگەن بولاتتى. «مەنمۇ چوقۇم يەيمەن». ئۇنىڭ كاللىسىغا شۇ ئوي كېلىپ نان چىلاۋاتقان ئانىسىغا دىدى:  -ئانا، نىمىشقا ناننىڭ كۆيۈكىنى ئۆزۈڭلا يەيسەن؟  ئانىسى سۇس كۈلۈمسىرىدى.  -ناننىڭ بۇ يېرى يىيىشلىك. مەن بەك ئامراق.  «ھە، ئەسلىدە ئويلىغىنىمدەككەنغۇ؟ خگپ، مەنمۇ يەپ باقمىسام!»     بىر كۈنى ئۇ ئانىسىنىڭ ئىچىۋاتقان چېيىنى قويۇپ سىرتقا بىر ئىش بىلەن ماڭغان پۇرسەتتە ئانىسىنىڭ چىنىسىنى ئېلىپلا بىر قوشۇق ئاغزىغا سالدى. ئەمما ئاغزىغا سالغىنىنى بىر چىشلەپلا ۋۇژژىدە بولۇپ ۋاقىرىۋەتكىلى تاس قالدى. كۆيۈك نان بەتتام بولۇپلا قالماستىن، چىشىدىن تارتىپ تاڭلايلىرىغىچە تېزلا چاپلىشىپ بىئاراملىقتىن سىلكىنىپ كەتتى. تۈكۈرۈپمۇ قۇتۇلالماي، ئاغزىنى خېلى ۋاققىچە چايقىغان بولسىمۇ يەنىلا ئاغزىنىڭ بىر يەرلىرى ئەخلەت چاينىغاندەك بىئاراملىقتىن قۇتۇلالمىدى. چىشىنىڭ ئارىلىقلىرىغا كىرىۋالغان كۆيۈندىلەر خۇددى قۇمدەك غۇرۇچلاپ نەچچە كۈنگىچە توپا يەۋالغاندەك ئارامسىزلاندى. شۇ چاغدا ئۇ ئانىسىنىڭ نىمىشقا شۇنداق بەتتام ناننى يەپ مەززە قىلىپ ئولتۇرغىنىنى چۈشىنەلمىدى. «مەن يىسەم بەتتام بولغىنى بىلەن ئانام شېكەر سېلىپ ئىچەمدۇ-يا؟» دىگەندەك غەلىتە خىياللارنىمۇ خىيالىدىن ئۆتكۈزمەي تۇرالمىدى. «ناننى خارلىسا يامان بولىدۇ» دەيىتتى ئانىسى كۆيۈك ناننى پەم بىلەن يەۋېتىپ. ئۇ كۆيۈك ناننى يەنە بىر قېتىم يەپ بېقىشنى ئويلىغان بولسىمۇ، ھېلىقى بىئاراملىق يادىغا كەلسىلا قارىغۇسىمۇ كەلمەيىتتى. ھەر قېتىم چاي ئىچكەندە ئانىسىنىڭ چىرايىنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۈزىتىپ باقسىمۇ ئۆزىگە ئوخشاش بىئارام بولغىنىنى سەزمىدى. شۇنىڭ بىلەن «ئانام راستىنلا شېكەر سېلىپ ئىچىدىغان ئوخشايدۇ» دىگەن ئويىنى تەستىقلىدى. ئەمما شۇنچە كۈزىتىپمۇ ئانىسىنىڭ چىنىسىگە شېكەر سالغىنىنى كۆرمىدى. «ئانامنىڭ مەن كۆرەلمەيدىغان سېھرىگەرلىكى بولسا كېرەك» دەپمۇ ئويلىدى بالا.......     ئۇزۇن يىللار ئۆتۈپ ئۇمۇ چوڭ بولدى. بالىلىق بولدى. ئۆزىمۇ ناننىڭ كۆيۈكىنى ئايرىۋېلىپ چىنىسىگە سالىدىغان بولدى. شۇ چاغدىلا ئانىسىنىڭ نىمىشقا ئۆزىنىڭ چىنىسىگە ناننىڭ كۆيۈكىنى ئايرىۋالىدىغانلىقىنىڭ سىرىنى بىلگەندەك بولدى.  ئۇ ئىختىيارسىز ئاھ ئۇردى. ئۆزىنى ئەيىپلىدى. لېكىن بۇ چاغدا ئانىسى ئاللىقاچان بۇ ئالەمدىن باقىغا كەتكەن ئىدى.

         كۆرۈلۈشى:3278     قوشۇلغان ۋاقتى:2012/2/3 19:34:08يوللىغۇچى ئەزا:

 
   

   ئاۋات ئەسەرلەر

ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:روزى گۈلباي (تاجىك) رۇبائىيلىرى
روزى گۈلباي (تاجىك) رۇبائىيلىرى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ھەر قايسى پەن ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئەرلەرگە بەرگەن باھاسى;
ھەر قايسى پەن ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئەرلەرگە
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:تەنھالىق ساداسى
تەنھالىق ساداسى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:مازار چاشقىنى
مازار چاشقىنى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئەمدى مەن سېنىڭ ئەمەس !
ئەمدى مەن سېنىڭ ئەمەس !
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئىككى پارچە خەت (مەڭگۈلۈك ئايرىلىشنىڭ سەۋەبى)
ئىككى پارچە خەت (مەڭگۈلۈك ئايرىلىشنىڭ سە
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئەي ئۇلۇغ ئاتا-ئانا
ئەي ئۇلۇغ ئاتا-ئانا
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ناننىڭ كۆيۈكى
ناننىڭ كۆيۈكى

پىكىر ئالماشتۇرۇڭ   بىزنى قوللاڭ   بىزدىن پايدىلىنىڭ   بىزنى بىلۋىلىڭ
       
ئالاقىلىشڭ تەكلىپ-پىكىر ئېلان بىرىڭ بېكەت ھەققىدە
سەيناغا كىرىڭ ئەزا بولوڭ ھەمكارلىشىڭ سەھىپىلەر
  ئۇلىنىش قوشۇش ئۇچۇر يوللاڭ مۇلازىمەتلىرىمىز
  بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ   بېكەت لوگوسى ئەسەر يوللاڭ بېكەت رەسمىيەتلىرى
 
 
 
 

 

   

工信部备案:新ICP备11000444号

乌鲁木齐市公安局网络支队备案号-6501201108002 Copyright© 2010-2014 SalamURUMQI.Com