Www.SalamUrumqi.Com - سالام ئۈرۈمچى ئونۋېرسال تور بېكىتى - 萨拉穆乌鲁木齐娱乐资讯门户网
مىقلاڭ ئەسەر يوللاڭ تىزىملىتىڭ
ساقلىۋىلىڭ ئۇچۇر يوللاڭ مەرھەمەت
 
 
 


سۆيگۈگە مەپتۇن بولغان قىز


1

  
سەن ئۇنىڭ بىلەن ئۇچۇرشىشتىن بۇرۇن خۇددى سەھەر شامىلىدەك ئەركىن ، ھۆر قىز ئىدىڭ، مانا ئەمدىلىكتە...
   سەن ئۇنى بارلىقىم، ھازىرىم ۋە كەلگۈسىمدىكى بەختىم دەپ ئىشەندىڭ، يەنە كىلىپ ئۇنىڭغىمۇ سېنى ئەنە شۇنداق چۈشىنىشنى ئارزۇ قىلدىڭ! ئەپسۇسكى، ئۇ ساڭا ئىچ -ئىچىدىن قىزىقمايتى،ئىلگىرى بىر قىزنى سۆيگەن،سۈيىدە ئېقىپ، ئوتىدا كۆيگەن كىشىدە، ئۇنىڭ جاراھەتلىك قىلبىدە قان زەردابىدىن باشقا ھېچنىمە يوق ئىدى. بىراق سەن بۇ تەرىپىنى ئويلاپ ئولتۇرمىدىڭ،پەقەتلا ئۇ يېنىڭدا بولسا... دۇنيا سىنىڭ بولدىغاندەك تاتلىق تۇيغۇلارغا چۈمۈلدۈڭ!...


سەن ئۇنى قېشىمغا كۈنلەرنىڭ بىرىدە بولمىسۇن بىرىدە كىلىپ قالىدۇ، دەپ ئۈمىد كۈتۈپ يۈردۈڭ. بىر ئەمەس، بىر نەچچە يىللار ئۆتۈپ كەتتى. سەن كۈتۈش بىلەن تالاي -تالاي پۇرسەتلەرنى قولدىن چىقىرىپ قويدۇڭ،ئەڭ يامىنى« ھالى يامان قېرى مادا...» دەپ ئاھانەتكە قالدىڭ! مانا بۇ يىل يېشىڭ 35كە قەدەم قويدى.
  ئايدىڭ كىچە ... سەن قايسى بىر كىتابتىن كۆچۈرۋالغان مۇنۇ شېئىرنى ئوقۇپ، ئۆز-ئۆزۈڭگە شىۋىرلىدىڭ:


تۇيۇلار بۇ قىسمەت قارا باسقاندەك،
بىر مۇدىھىش چۈشتىكى تۇمانغا ئوخشاپ.
شۇ تۇمان ھەممىنى ئالدى ئىلكىگە،
ۋە سەنمۇ يوقالدىڭ تۇماندا شۇ تاپ!


ھىلال ئاي سېنىڭ پەرىشان چىرايىڭغا قاراۋىرىشتىن شەكىللەنگەن ئازابنى كۆتۈرەلمەيمەن دەپ قالدىمۇ، ئايرىمخانىسىغا « غىپپىدە» كىرىپ كەتتى.

2

سېنىڭ ئۇيقۇڭ ئۇيقۇ بولمىدى....
  سېنى كېچىچە قارا بېسىپ چىققان ئىدى! سېنىڭ بار ئاۋازىڭنى قويىۋىتىپ جۆيلۈشلىرىڭ ھەرگىزمۇ ئۆزلىكىڭدىن ئەمەس!
   سەن ، ئېھتىمال ئۇنى چۈشىگەن بولۇشىڭ مۇمكىن. ئۇ سېنى تۇرمۇشىدا ئانچە مۇھىم دەپ بىلمەيدۇ. توغرىسى، سېنىڭدە ئۇنى بىر ئۆمۈر باغلىۋالغۇدەك ئۇزۇن ئارغامچا يوق! سەن زادى نېمەڭگە ئىشىنىسەن؟ لېكىن، بۇ تەرەپلىرىنى ئويلاش خىيالىڭغىمۇ كىرىپ چىقمايدۇ. ھەتتا سېنىڭ ھەممە نەرسەڭ تەل، باشقىلارنىڭكىدىن كۆپ ھەمدە سەرخىل بولسىمۇ ئۇ سېنى چىن يۈركىدىن ياخشى كۆرەلمىسە، بۇلارنىڭ ھەممىسى بىكار!



3

  
سەن ئۇنىڭ تۇرقىغا خۇمار بولدۇڭمۇ؟ سەن ھەققىدە يازغان شېئىرلىرىغا؟
   ياق ،ياق!.، ياق!! ... بۇ گەپ - سۆز غەرەرسىز سۆيگۈ!
   سەن ئۇنى ۋىجدان تارازىسىغا قويدۇڭ، ئۇ سەن ئويلىغان ھەرقانداق كىشىدىن يىنىك كەلدى. لېكىن ، شۇنداقتىمۇ ئۇنى تاشلىۋەتكىڭ كەلمىدى.
   سەن ئۇنى بايلىق تارازىسىغا قويدۇڭ، ئۇ تېخى يىنىك كەلدى. سەن ئۆمۈر بويى ئۇنىڭ بىلەن نامرات ئۆتۈشكىمۇ رازى بولدۇڭ.
   سەن ئۇنى ئەخلاق تارازىسىغا قويدۇڭ، ئۇ ساڭا گۆدەيگىنىچە جىڭ تەخسىسىدىن سەكرەپ چۈشىۋالدى-دە، ساڭا قاراپ ئېغزىنى بۇزۇپ، پېشىنى قېقىپ كىتىپ قالدى.
   سەن ئۇ بەش - ئون قەدەم ماڭا -ماڭمايلا ۋارقىراپ - جارقىراپ ئاللا - توۋا كۆتۈرۈشكە باشلىدىڭ، چاچلىرىڭنى يۇلدۇڭ، يۈز - كۆزلىرىڭنى، قاش - پاشلىرىڭنى شاپىلاقلاپ كۈپتەك ئىششىتىۋەتتىڭ! ئىسەدەپ يىغلاپ مەھەللىرىنى بېشىڭغا كىيدىڭ! شۇنداقتىمۇ ئۇ «مىت» قىلىپ قويماستىن، يولىنى داۋام ئەتتى.
  
  سەن شۇ ھالىڭ بىلەن يولدا كەچ كىرگۈچە قىيا-چىيا كۆتۈردۈڭ!


4

سەن ئۆلۈم بىلەن ھاياتنىڭ چىگراسىنى ئاجىرتىش مۇمكىنچىلىكى يوقلىقىنى جەزىملەشتۈرگىنىڭدە، ئۇ سېنى ئۈمىدسىز، چۈشكۈنلەشكەن ئادەم دەپ قارىدى.
  سەن پاكلىق بىلەن مۇھەببەت قەلئەسىنى قوغداپ قالماقچى بولغاندا، ئۇ سېنى يەنە زاماننىڭ ئارقىسىدا قالغان دەپ ھاقارەتلىدى.
   سەن جىنسى تەلپۈنۈشتىكى ئاشكارلىقنى چەكلەش بىلەن بۈيۈكسەن! ئۇنىڭغا بولغان خۇمارلىق ئەقىل كۆزۈڭنى توسۇۋالمىسۇن، ئىلاھىم! سەن ئۇنى ئېتقادىڭ بىلەن سۆي!

ياشلىق چۇقانلىرى ناملىق كىتابتىن ئېلىندى.


         كۆرۈلۈشى:1520     قوشۇلغان ۋاقتى:2012/1/24 16:52:14يوللىغۇچى ئەزا:

 
   

   ئاۋات ئەسەرلەر

ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:روزى گۈلباي (تاجىك) رۇبائىيلىرى
روزى گۈلباي (تاجىك) رۇبائىيلىرى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ھەر قايسى پەن ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئەرلەرگە بەرگەن باھاسى;
ھەر قايسى پەن ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئەرلەرگە
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:تەنھالىق ساداسى
تەنھالىق ساداسى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:مازار چاشقىنى
مازار چاشقىنى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئەمدى مەن سېنىڭ ئەمەس !
ئەمدى مەن سېنىڭ ئەمەس !
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئىككى پارچە خەت (مەڭگۈلۈك ئايرىلىشنىڭ سەۋەبى)
ئىككى پارچە خەت (مەڭگۈلۈك ئايرىلىشنىڭ سە
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئەي ئۇلۇغ ئاتا-ئانا
ئەي ئۇلۇغ ئاتا-ئانا
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ناننىڭ كۆيۈكى
ناننىڭ كۆيۈكى

پىكىر ئالماشتۇرۇڭ   بىزنى قوللاڭ   بىزدىن پايدىلىنىڭ   بىزنى بىلۋىلىڭ
       
ئالاقىلىشڭ تەكلىپ-پىكىر ئېلان بىرىڭ بېكەت ھەققىدە
سەيناغا كىرىڭ ئەزا بولوڭ ھەمكارلىشىڭ سەھىپىلەر
  ئۇلىنىش قوشۇش ئۇچۇر يوللاڭ مۇلازىمەتلىرىمىز
  بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ   بېكەت لوگوسى ئەسەر يوللاڭ بېكەت رەسمىيەتلىرى
 
 
 
 

 

   

工信部备案:新ICP备11000444号

乌鲁木齐市公安局网络支队备案号-6501201108002 Copyright© 2010-2014 SalamURUMQI.Com