Www.SalamUrumqi.Com - سالام ئۈرۈمچى ئونۋېرسال تور بېكىتى - 萨拉穆乌鲁木齐娱乐资讯门户网
مىقلاڭ ئەسەر يوللاڭ تىزىملىتىڭ
ساقلىۋىلىڭ ئۇچۇر يوللاڭ مەرھەمەت
 
 
 


مۇھەببەتنىڭ ئاۋازى

جىمجىت كېچە ئاسمىنىدا پىلىلداپ يېنىپ تۇرغان يۇلتۇزلار خىياللىرىمنىڭ گۇۋاھچىسى،ئۇلار گاھ يېنىپ گاھ ئۈچۈپ ئەشۇ قاپقارڭغۇلۇق ئىچىدىن تۇلىمۇ غۇۋالىشىپ كىتىپ بارغان قەلبىمگە يۇرۇقلۇق ئارتىپ مۇشۇ ھاياتنىڭ قىسقىلىقىنى ماڭا بىلىندۇرۇپ تۇرماقتا.ئەشۇ تۇلىمۇ يىراقتىن ماڭا كۆز قىسىپ تۇرغان چولپان ئاي خىياللىرىمغا ھەمراھ بۇلۇپ ئازاپلىق قايغۇلارغا كۆز ئاچقان شۇ كۈنلىرىمنى ئەسلەتمەكتە .....
كېچىچە ئۇخلىماي چىقتىم .تىنىم خۇددى جۇتتىكى گۈللەردەك تىترىمەكتە،ماڭا يىغلاش شۇنچىلىك قىيىن ھازىر خۇددى كۆز ياشلىرىمنى يامغۇرلار ئوغۇرلاپ كەتكەندەك ،،،،كۈلۈش تۇلىمۇ يىراق خۇددى قۇياشقا بىرىۋەتكەندەك.....ۋۇجۇدۇمنى  ئەشۇ  شىرىن ئازاپ ئۆز ئىسكەنجىسىگە ئېلىپ، ماي ئېيدەك سالقىن بىر ئېقىم مۇز بۇلۇپ تۇرغان باغرىمغا قىش ئاپتىپىدەك يىنىككىنە ئىللىپ كىرمەكتە....
تاڭ سۈزۈلەي دەۋاتىدۇ ، ئاستاغىنە ئورنۇمدىن تۇرۇپ دەرىزىنى تۇلۇق ئېچىۋەتتىم .ئۇنىڭ مەستخۇش ھىدلىرنى ھەركۈنى ئەپ كىلىدىغان ئىللىق شاماللارنى بەھۇزۇر كىرسۇن دەپ...تەشنالىق بىلەن شۇنچىلىك بىتاقەت تۇرىمەن ..تاڭ سەھەرنىڭ ئىللىق ھاۋاسى يۈزۈمگە ئۇرۇلغان شۇ دەقىقىدە ئۇنى ئالدىمدىلا تۇرىۋاتقاندەك باغاشلاپ ،باغاشلاپ قۇچاقلىغۇم كېلىدۇ .تاڭ پەرىشتىسىنىڭ ئەتراپىمدا چۆرگىلەپ ماڭا ھەمدەم بۇلىشىنى ئارزۇ قىلغان شۇ مىننۇتلاردا روھىمغا چەكسىز كەڭرى كەتكەن ئاسمان مۇھەببەتلىك كۆزلىرى بىلەن بېقىپ قەلبىمدىكى شەيتانلارنىڭ ۋەسۋەسىنى قاياقلارغىدۇ ئۇچۇرۇپ كەتتى .


 چۆلدەرىدى باغلارمۇ سەنسىز،
ياشارمىدى تاغلارمۇ سەنسىز.
سايرىمىدى قۇشلارمۇ ھەرگىز،
سەن بولمىساڭ يېنىمدا جېنىم . 
 
ئازغۇن پەرىشتە

تالاي غەملەر تالاي ھەسرەتلەر شۇ خىيالىمغا ئەبىدى قۇل بولغاندەك كۆز ئالدىم دىن نېرى كەتمەيدۇ ،گۈللەر تۆزۇپ ئېتىكىمگە چۈشكىنىدە ئۆكسۈپ -ئۆكسۈپ يىغلاپ كەتكىنىم ھېلىمۇ ھەم ئىسىمدە تۇرۇپتۇ .شاماللارنىڭ يىنىككىنە چاچلىرىمنى سۈيۈپ تۇرۇپ ئەشۇ گۈل بەرگىلىرىنى تۇيدۇرماستىن يىراققا ئۇچۇرۇپ كەتكىنىمۇ ئۇنتۇپ قالغىنىم يوق.
بۇ ھايات بىزنى سىناپ يۇرىۋاتىدۇ ،تەقدىر شۇنچىلىك رەھىمسىز ئىدىكى مىھىر شەپقەت دىگەننى ئەسلا بىلمەيدۇ .بىز گەرچە سۆيگۈ باغرىدا مۇساپىرچىلىق تارتقان بىر دىۋانە بولساقمۇ ،ئۇ ئالدىمىزغا مۇھەببەت ئۇرۇقلىرىنى سېخىلىق بىلەن ئۆز ئەركىسى بىلەن مىھنەتسىزمۇ ھەم بەرگىنى يوق .بىز گۇيا سۇيى قاتقان زاغرا ناننى چىشلەپ، چاڭقاق ھالدا رەھىمسىز لەرچە چۆلدە ئېچىرقاپ ،تىكەنلەر ئارىسىدا
قاپسىلىپ قالساقمۇ ئۇ ئەزەلدىن كەينىگە قايرىلىپ قاراپمۇ قويغان ئەمەس .....بىز تىركىشىپ تىرمىشىپ ھەممە جاپا مۇشەققەتنى تەڭ تارتىپ ئاخىرى ئېرىق بۇيىغا يىتىپ كىلىۋىدۇق ،ئېرىق قۇپقۇرۇق...سۇ دىدارىمۇ يوق ..ھالسىزلاندۇق ماغدۇرىمىز قالمىدى ..ئۇ مېنى يۇلەيتتى چاڭ-چېكىدىن يېرىلىپ قاناپ كەتكەن پۈتلىرىنى شۇنچىلىك تەستە يۆتكەپ مىنى قولتۇقلىغىنىچە بار كۈچى بىلەن ئالغا مېڭىشقا دەۋەت قىلاتتى .ئالدىمىزغا تارچۇقلاردىن ئېقىپ چۈشكەن ئېقىن كۆرۈندى بىز قايتىدىن ھاياتلىققا ئېرىشتۇق ...... تۇرىۋاتقىنىمىز ئاددى ياغاچ كەپە ،يىيىشىمز قۇرۇق نان ..ئەمما بىز شۇنچىلىك بەخىتلىك ئىدۇق غەم دىگەنلەر ئەسلا بىزدە يوق، چۈنكى بىز يەنىلا بىللە .
گۇناھ پەرىشتىسى شەيتانلار ئارىلىدىن ئازغۇن شەيتانلارنى ئەۋەتكەن شۇ دەقىقىدە ئۇنىڭ تەمتىلەپ قالغىنىنى كۆردۈم ....چۈشلىرىمگە ئايان بولغىنى ئۇنىڭ شاھلاردەك ئىسىل تۇرمۇشلارغا ئىنتىلىپ گۈزەل نازىنىلارنى قولتۇقلاپ ماڭغىنى بولدى .....رەشىك ئوتلىرىم ئۇلغۇيۇپ مېنىڭ كۆزلىرىمنى قارىغۇ قىلىپ قويدى ....بىردىنلا تىنىچلىقىمىز يۇقاپ غەيۋەت ئارىلىغا غەرىق بولغىنىمنى سەزمەي قاپتىمەن .....


پاكلانغان روھ 

دەل شۇ ۋاقىتتا ھەممە ھەممە خۇشاللىققا قەسىت قىلىپ ،دىللارنىڭ ئارامىنى بۇزۇپ ،كۆيۈكنىڭ ئازاۋىدىن ئىڭرىغاندەك يېقىمسىز بىر ئاۋاز ئاڭلنىپ خەستە دىلىمنى يەنە زىدە قىلدى .يۈرىگىمدىكى كۆيىۋاتقان رەشىك ئوتلىرى تېخىمۇ يېنىپ بارماقتا .ئىنىقسىز چۈشىنىكسىز سۇئاللار مىڭەمنى تېخىمۇ قوچۇپ مىنى بىئارام قىلىپ يىراقتىكى چوپاننىڭ ناخشىلىرىمۇ ماڭا شۇنچىلىك يېقىمسىز ئاڭلىنىپ تۇرۇپتۇ .ئىسىمگە كەچكىنى ئۇنىڭ لەۋلىرىمنى تاتلىق تاتلىق شۇراشلىرى،سۆيگەن بۇلۇپ يىنىككىنە چىشلىۋېلىشلىرى،بەدەنلىرىمنى تاتلىققىنا سىيلاپ ئاھ ! ئاشۇ گۈپۈلدەپ سۇقۇپ تۇرغان يۈرىگىمنى بېسىۋالغىنى......شۇتاپ قەلبىمگە ئىللىق بىر سېزىم پەيدا ببولدى دە -،ئۈمۈت چىراقلىرى قايتىدىن يانغاندەك بۇلۇپ كۆزلىرىم ئاستا ئاستا ئېچىلىشقا باشلىدى .
ئەجەبا ياخشى كۆرمىگەن بولسا مەندە شۇخىل سېزىملارنى پەيدا قىلالارمىدى...ئازغۇنلۇقتا يۇمۇلغان كۆزلىرىم شۇلارنى ئويلىغىنىدا ئېچىلارمىدى ..........
شۇئان يىنىككىنە ئورنۇمدىن تۇردۇم .ئىشىق كۆلىدە داۋالغۇپ ئازغان كۆڭلىمنى پاكىزە يۇيدۇم .ئالتۇن باشاقلاردەك يېنىپ تۇرغان ئاشۇ ھەسەت ئوتلىرىمغا تولغىنىپ تۇرۇپ سىھرى بۇلاقلارنىڭ سېھىرلىك سۇلىرىدىن قانغۇدەك چاچتىم...
ئاھ !شۇ دەقىقىدە تۇلا يىغلاپ قاناپ كەتكەن روپاچ يۈرىگىم سۇبھىگە يەنە قايتىدىن ھامىلدار بولدى . ئاستا- ئاستا ئىز بېسىپ كىلىۋاتقان سۆيگۈ تىۋىشلىرىنى ئاڭلىغاندەك بولدۇم .يۈگىرەۋاتىمەن كەينىمدە شۇلارنىڭ قالغىنى ئىسىمدە، ئۇنى تەنھا قالدۇرۇپ كەپىدە گۇناھلىق ھىسلارغا شىرىك بۇلۇپ كەتكىنىم ئۈچۈن مىڭ مىڭ ياشلارنى تۇكىۋاتىمەن .
بار كۈچۈم بىلەن شۇلارنى توۋلىغىم كىلىدۇ ...جېنىم سۇنۇپ بەر لەۋلىرىڭنى ،ئۇنىڭدىكى بال قاغجىراپ كەتكەن لەۋلىرىمگە ئۇزۇق،ئاچقىن باغرىڭنى، يىنىككىنە ئەركىلەپ قانغۇدەك پۇرىۋالاي ھىدلىرىڭنى ، چۈشلىرىمدىن قاچمىغىن چۈشلىرىم يىتملەردەك تەمتىرەپ قالمىسۇن.....
كۆزۈمنى ئاچقىنىمدا بولسا ئۇنىڭ چاچلىرىمنى سىيلاپ مىنى باغرىغا بېسىپ تۇرىۋاتقىنى سەزدىم ....
         كۆرۈلۈشى:1242     قوشۇلغان ۋاقتى:2012/1/24 16:44:27يوللىغۇچى ئەزا:

 
   

   ئاۋات ئەسەرلەر

ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:روزى گۈلباي (تاجىك) رۇبائىيلىرى
روزى گۈلباي (تاجىك) رۇبائىيلىرى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ھەر قايسى پەن ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئەرلەرگە بەرگەن باھاسى;
ھەر قايسى پەن ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئەرلەرگە
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:تەنھالىق ساداسى
تەنھالىق ساداسى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:مازار چاشقىنى
مازار چاشقىنى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئەمدى مەن سېنىڭ ئەمەس !
ئەمدى مەن سېنىڭ ئەمەس !
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئىككى پارچە خەت (مەڭگۈلۈك ئايرىلىشنىڭ سەۋەبى)
ئىككى پارچە خەت (مەڭگۈلۈك ئايرىلىشنىڭ سە
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئەي ئۇلۇغ ئاتا-ئانا
ئەي ئۇلۇغ ئاتا-ئانا
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ناننىڭ كۆيۈكى
ناننىڭ كۆيۈكى

پىكىر ئالماشتۇرۇڭ   بىزنى قوللاڭ   بىزدىن پايدىلىنىڭ   بىزنى بىلۋىلىڭ
       
ئالاقىلىشڭ تەكلىپ-پىكىر ئېلان بىرىڭ بېكەت ھەققىدە
سەيناغا كىرىڭ ئەزا بولوڭ ھەمكارلىشىڭ سەھىپىلەر
  ئۇلىنىش قوشۇش ئۇچۇر يوللاڭ مۇلازىمەتلىرىمىز
  بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ   بېكەت لوگوسى ئەسەر يوللاڭ بېكەت رەسمىيەتلىرى
 
 
 
 

 

   

工信部备案:新ICP备11000444号

乌鲁木齐市公安局网络支队备案号-6501201108002 Copyright© 2010-2014 SalamURUMQI.Com