Www.SalamUrumqi.Com - سالام ئۈرۈمچى ئونۋېرسال تور بېكىتى - 萨拉穆乌鲁木齐娱乐资讯门户网
مىقلاڭ ئەسەر يوللاڭ تىزىملىتىڭ
ساقلىۋىلىڭ ئۇچۇر يوللاڭ مەرھەمەت
 
 
 


----كۆزلىرىڭنى يۇمىۋال جېنىم...

_كۆزلىرىڭنى يۇمىۋال جېنىم.
_نىمىشقا؟!!!
_ئوتلۇق كۆزلىرىڭدە مىنى كۈل قىلما،كۆزۈڭدىن چاقنىغان ئۇچقۇندا يۈرىكىم كۆيىدۇ،مۇز تاغ كۆيىدۇ،ھەتتا ئۇ پۈتۈن دۇنيانى كۆيدۈرۈپ كۈل قىلىشقا يىتىپ ئاشىدۇ...قېنى،شەھلا كۆزۈڭنى يىنىككىنە يۇمۇپ،چوڭقۇر نەپەس ئېلىپ باققىنا...ئەجىبا ساڭا،ئاشىقلىق دەستىدىن كۈيۈپ كۈل بولغان يۈرەكنىڭ ھىدى پۇرىمايۋاتامدۇ؟!!!
  خۇمارلاشقان جۈپ كۈزۈمنى يىنىككىنە يۇمدۇم،سالقىن شامال مۇھەببەتلىك لەۋلىرى بىلەن يۈزلۈرۈمگە سۆيمەكتە...پۈتۈن دۇنيا ئانا شۇ ئورتاق مۇڭدىكى مۇھەببەتلىك لىرىكىلارغا چۆمۈلمەكتە...
    مۇھەببەت ئوتى لاۋۇلداۋاتقان ئەشۇ جىسمىڭنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرگىنىمدە ،مۇھەببەت بىلەن لىق تولغان قەلبىمنى گويا ئابىكەۋسەر بۇلدۇقلاپ ئېقىپ چىقىۋاتقان زۇمرەت بۇلاققا ئوخشاتتىم،خۇددى ئۇ سىنىڭ تەشنالىقىڭنى قاندۇرۇشقا،كۆڭۈل قەسىرىڭدە ئۆسۈپ چىققان تىكەن ۋە ئازغانلارنى يۇلۇپ،پورەكلىگەن گۈل-چىچەكلىرىڭنى سۇغۇرۇشقا،قەلىب گۈلىستانىڭنى بىئارام قىلغان ياۋا ھېسلارنى قوغلاپ ،سېنى مۇكەممەل بولغان مۇھەببەت دۇنياسىغا باشلاپ مېڭىشقا تەييار بولغاندەك...
   نىمە؟!!!قەلىب ئېتىزىڭغا تاشلىنىپ قالغان ئەشۇ بىر تال سۇلياۋ گۈلنىڭ ،گۈزەللىكىمگە تەسىر يەتكۈزىشىدىن ئەنسىرەۋاتامسەن؟؟؟؟؟
ياق...ئاڭلا ،ھايات گۈللىرىدە خىلمۇ-خىل ياپراق بولىدۇ،ئۇنىڭ بىر ياپرىقى بەخت،بىر ياپرىقى ئازاپ.بىر ياپرىقى مۇھەببەت بولغىنىدەك ، يەنە بىر ياپرىقى نەپرەت،شۇنچە كۈچلۈك مۇھەببەت بار جايدا ھاڭگىرت پېيىچىلىك نەپرەتنىڭ بولماسلىقىنى ئارزۇ قىلىشىڭ سەنچە توغرىمۇ؟؟؟
  سۆزلىرىمگە قۇلاق سال جېنىم،ئۇ سۇلياۋ گۈل دەل سىنىڭ قەلبىڭدىكى نەپرەت،ئۇ قەلب گۈلىستانىڭدا ئۆسكەن تىكەن،يىلتىزىنى ھەممە تەرەپكە سۇزۇپ ،لەنىتى غوللىرى گويا زەھەرلىك يىلاندەك شىددەت بىلەن تولغىنىپ ئۆسىۋاتقان ئازغان،ھاياتلىق دەرىخىڭگە ياماشقان قەدىرسىز چىڭگىلىك.ئۇ قەلىب گۈلىستانىڭدىكى مۇھەببەت گۈللىرىڭنى پايخان قىلىپ ،رەزىللىك ،دۈشمەنلىك ،نۇمۇسسىزلىق،ۋە زەھەرخەندىلىكنىڭ چاۋا چاتقاللىرى بىلەن قەلبىڭنى توسۇشقا ئورۇنىۋاتقان بىر تال ياۋا گىياھ،خالاس.
  زىمىستاندا مەن ئوتقاشتەك باغرىڭنڭ ھارارىتىدىن ئىللىقلىق ئېلىپ خۇشپۇراق چېچىۋاتقان دەقىقىلەرنى ئويلاپ باق ،ئەشۇ قاتتىق شىۋىرغانلارنىڭ رەھىمسىزلەرچە سۇقۇشلىرى ئالدىدا ئۇنىڭ داۋاملىق رەزىللىك قىلىشىغا ،يەنە نىمە ئامالى بولسۇن؟؟؟؟
    ئۇ زەھەر بىلەن سۇغۇرۇلغان خەنجەر،باشقىلار ئۈچۈن تەييارلانغان بىلەن پەيتى كەلگەندە ئۆزىنىڭ قانلىق قولى ئاستىدا جان بېرىدۇ.
    ئۇنىڭ بېغىڭغا تاشلىنىپ قالغىنى ئۈچۈن بىھۇدە ئازاپلانما،ھەر ئازابنىڭ كەينىگە كۈرۈمسىز قۇلۇلە قېپىغا يۇشۇرۇنغان مەرۋايىتتەك كۈتمىگەن بەخت يۇشۇرۇنغان بولىدۇ ،بۇ مەرۋايىت پقەت ئازاپ دېڭىزىدىن باتۇرلۇق بىلەن غۇلاچ تاشلاپ ئۈتۈپ ،ئىشەنچ قىرغىقىغا يىتىپ بارالىغان ،ھاياتقا ئەقىل كۆزى بىلەن قارىيالىغان سەندەك قىران بۈركۈتلەرگە مەنسۇپ!
  ئۈزگىن ...كۈچلۈك غۇلاچلىرىڭنى كەڭ تاشلاپ ،ئۈمۈد قىرغىقىغا قاراپ ئىشەنچ بىلەن  ئۈزگىن ...چۈنكى قارشى قىرغاقتا ،سەن <<بەختىم>>دەپ بىلگەن قار مەلىكەڭ سىنىڭ يولڭغا قاراۋاتىدۇ،،،ئۈزگىن جېنىم ...ئىرىشكەنلەرمۇ ،ئىرىشەلمىگەنلەرمۇ ئوخشاشلا ئازاپلىنىدىغان بەختكە،رەڭدار جەننەت قۇشۇڭغا قاراپ ئۈزگىن...قوللىرىدا سەن كۈندۈزى شىرىن  خىياللىرىڭدا ،كىچىسى تاتلىق چۈشلىرىڭدە ئىچىشنى ئارزۇ قىلىدىغان ،مۇھەببەتنىڭ خام ماتىريالى،ۋاپانىڭ جەۋھىرىدىن ياسالغان ،ھەقىقى ئەتتىرگۈل شارابىنى ساڭا سۇنۇپ تۇرغان ئالتۇن كەشلىك مەلىكەڭنىڭ يۈرىكىگە قاراپ ئۈزگىن...
   ئۇ ئۇيقۇسىز ئۆتىۋاتقان  ھاياتنىڭنى خاتىرجەملىك ئىلكىدە مۈگدىتىدۇ،شىرىن تۇيغۇ ئىلكىدە ئۇخلىتىدۇ ،قەلبىڭنى مامۇقتەك يۇمشاق قوللىرى بىلەن سىلاپ-پەپىلەپ،قەلبىڭگە چېچىلغان ئۆچمەنلىك،نەپرەت ،زەھەرخەندىلىك ئۇرۇقلىرىنى ئۈزۈل-كىسىل تازىلاپ،ھاياتىڭنى مۇھەببەت بىلەن تولدۇرىدۇ،،،
    چوغدەك لىۋىم ،كىكەچ قۇشلىرم ئېلىپ كەلگەن ،سۆيگۈدىن ھىدلانغان رومكىغا تەككىنىدە ،يۈرىكىمنىڭ ئاتەش كەبى كۆيىشىنى سەزدىم.ئاللىقانداق ۋىساللار چاقنىغان سۆيگۈدىن كۆيۈپ پارە-پارە بولغاندەك...بۇ ئوت ھەر بىر تىنىقىمدىن ئۆتۈپ ئىچ-باغرىمغا يامراۋاتقاندەك،،،ۋۇجۇدۇم تۈرلۈك گۈزەللىك مۇھاسىرىسىگە قاپسالغاندەك....
   ئوت.....كۆزلىرىمگە ئوت كۆرۈنمەكتە،،،،روھلىرىم سىنىڭ مۇھاسىرەڭگە بەنت بولماقتا...سەن ئۈچۈن توختاۋسىز تىپىچەكلەۋاتقان يۈرىكىم ،كۆكرەك قەپەسلىرىمنى تىشىۋەتكۈدەك قاتتىق...قاتتىق ئۇرۇلماقتا.....
  كۆيۈش..بەلكىم بۇ سەن دەۋاتقان كۈيۈش بولسا كېرەك ....
  توغرا،مەن ئەنە شۇنداق گۈزەل،تۈن قاراڭغۇسىدەك قاپقارا كۆزلىرىم ،ئاسماندىكى ھىلال ئايدەك ئەرگىمە قاشلىرىم ،،،زىمىستان قىشتىكى پارقىراپ تۇرغان قار-مۇزدەك چىرايىم ...يەنە گىلاس رەڭگىنى ئالغان كىچىككىنە لىۋىم بىلەن ئەمەس،مۇھەببەت بىلەن تولغان ۋاپا گۈلشەنلىرىم ،ھايات نۇرى چاقنىغان تەمكىن روھىم،كىلىشكەن قامىتىڭگە زەپ ماسلاشقان نازۇككىنە جىسمىم بىلەن شۇنچىلىك جەلىبكارمەن!!!
  سەن كۆيگەن ....كۆيىۋاتىسەن...يەنە كۆيىسەن،،،،مۇشۇ تۇرقۇمدا يەنە قانداقمۇ كۆيمەي تۇرالايسەن؟؟؟؟
  كۆيۈش دىگەن بۇ گىپىڭنىڭ راستلىقىغا بارغانسىرى ئىشىنىۋاتىمەن،ئۆتتەك كۆزلەر،،ئوتتەك تىنىقلار ئالدىدا كىممۇ كۆيمەي تۇرالىسۇن؟؟؟؟
  قۇياشنى كۈل قىلغۇدەك ھارارىتىڭ بىلەن مۇشتۇڭدەك يۈرىكىمنى كاۋاپ قىلما...مەنىلىك كۈلكەڭ بىلەن پۇچىلانغان دىلىمنى مەستخۇش قىلما...ئوتلۇق كۆزلىرىڭدە قىيا بېقىپ،مۇھەببەتلىك روھىمنى بىھۇش قىلما......
  سەنمۇ.......
    كۆزلىرىڭنى يۇمىۋال جېنىم.......................
         كۆرۈلۈشى:1067     قوشۇلغان ۋاقتى:2012/1/18 16:11:34يوللىغۇچى ئەزا:

 
   

   ئاۋات ئەسەرلەر

ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:روزى گۈلباي (تاجىك) رۇبائىيلىرى
روزى گۈلباي (تاجىك) رۇبائىيلىرى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ھەر قايسى پەن ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئەرلەرگە بەرگەن باھاسى;
ھەر قايسى پەن ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئەرلەرگە
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:تەنھالىق ساداسى
تەنھالىق ساداسى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:مازار چاشقىنى
مازار چاشقىنى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئەمدى مەن سېنىڭ ئەمەس !
ئەمدى مەن سېنىڭ ئەمەس !
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئىككى پارچە خەت (مەڭگۈلۈك ئايرىلىشنىڭ سەۋەبى)
ئىككى پارچە خەت (مەڭگۈلۈك ئايرىلىشنىڭ سە
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئەي ئۇلۇغ ئاتا-ئانا
ئەي ئۇلۇغ ئاتا-ئانا
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ناننىڭ كۆيۈكى
ناننىڭ كۆيۈكى

پىكىر ئالماشتۇرۇڭ   بىزنى قوللاڭ   بىزدىن پايدىلىنىڭ   بىزنى بىلۋىلىڭ
       
ئالاقىلىشڭ تەكلىپ-پىكىر ئېلان بىرىڭ بېكەت ھەققىدە
سەيناغا كىرىڭ ئەزا بولوڭ ھەمكارلىشىڭ سەھىپىلەر
  ئۇلىنىش قوشۇش ئۇچۇر يوللاڭ مۇلازىمەتلىرىمىز
  بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ   بېكەت لوگوسى ئەسەر يوللاڭ بېكەت رەسمىيەتلىرى
 
 
 
 

 

   

工信部备案:新ICP备11000444号

乌鲁木齐市公安局网络支队备案号-6501201108002 Copyright© 2010-2014 SalamURUMQI.Com