Www.SalamUrumqi.Com - سالام ئۈرۈمچى ئونۋېرسال تور بېكىتى - 萨拉穆乌鲁木齐娱乐资讯门户网
مىقلاڭ ئەسەر يوللاڭ تىزىملىتىڭ
ساقلىۋىلىڭ ئۇچۇر يوللاڭ مەرھەمەت
 
 
 


بىز راستىنلا ئالدىراشمۇ؟

ئىلاۋە: خىزمەتنىڭ ئالدىراشلىقى مەسىلە ئەمەس، لېكىن بىر كىشى ئامالسىز ئالدىراش يۈرۈپ، ‹‹ئالدىراشلىقىنىڭ قىممىتى›› نى كۆرمىسە، جەزمەن زېرىكىدۇ ھەم بېسىم ھېس قىلىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن كىشىلەر كەيپىياتىنى تەڭشىشى، مۇھىمى ھۆكۈمەت ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تېخىمۇ راۋان تەرەققىيات يولى بەرپا قىلىپ، كىشىلەرنىڭ خىزمەت ۋە تۇرمۇش بېسىمىنى يېنىكلىتىشى زۆرۈر.

يېقىندا دوستلار يىغىلىشىپ قالدۇق، كۆپچىلىكنىڭ پارىڭىدىن ھەممەيلەننىڭ بارغانسېرى ئالدىراش بولۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىم. بەزىلەر ئۆزىنىڭ ئەتىگەن سائەت 9:00دا (بېيجىڭ ۋاقتى) ئىشقا بېرىپ يوقلىمىدىن ئۆتسە، كەچ سائەت 5:00تە يەنە يوقلىمىدىن ئۆتۈپ ئىشتىن چۈشىدىغانلىقى، خىزمەتنى بىر مىنۇتمۇ كېچىكتۈرۈشكە بولمايدىغانلىقى؛ بەزىلەر ئۆزىنىڭ ھەپتە ئاخىرىدا ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەيدىغانلىقى، كۈندە چېچىدىن جىق ئىشى بارلىقى؛ يەنە بەزىلەر ئۆزىنىڭ ئامېرىكا زۇڭتۇڭىدىنمۇ ئالدىراش ئىكەنلىكى، باشقىلار يىلدا قەرەللىك دەم ئالسا، ئۆزىنىڭ ئۇزاق يىللاردىن بېرى زىيالىي دەم ئېلىشىنىمۇ ئېلىپ باقمىغانلىقىنى ئېيتىپ زارلىدى.

ئۇنداقتا كىشىلەر نېمىشقا بۇنچە ئالدىراش بولۇپ كەتتى؟

ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، كىشىلەرنىڭ بىر تەرەپ قىلىدىغان ئىشى كۈنسېرى كۆپىيىپ، تۇرمۇش رىتىمى تېزلەشتى، بۇ مۇقەررەر ھادىسە، شۇڭا تەگەپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق. كىشىلەر تېز تۇرمۇش رىتىمى ئارقىلىق ماددىي بايلىققا ئېرىشىپ، تۇرمۇشىنى تېخىمۇ باياشات ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن، تەبىئىي ھالدا خىزمەتنى كۆپ ئىشلەش، تېز ئىشلەشكە ئىنتىلىدۇ.

بەزىلەر، قەدىمكى زاماندا ياشىغان كىشىلەرنىڭ ۋاقتى ناھايىتى يېتەرلىك ئىدى، دەپ قارايدۇ ھەم ئۇلارنىڭ تاغ – دالىلارنى ساياھەت قىلىشى، ئالدىرىماي بەھۇزۇر يەپ – ئىچىشلىرى، بەزمە قىلىپ قوشاق ئېيتىشىشلىرى، ئەركىن – ئازادە ياشىغىنىغا ھەۋەس قىلىدۇ. دەرۋەقە قەدىمكى زاماندا ياشىغان كىشىلەرنىڭ بىزگە ئوخشاش بۇنچە كۆپ ئىشى يوق ئىدى، لېكىن كۆز يۇمۇۋېلىشقا بولمايدىغان يېرى شۇكى، زامانىۋى تۇرمۇش ئۇسۇلى بىزگە خېلى كۆپ ۋاقىتنى تېجەپ بەردى: ئىلگىرى يىراق جايلارغا سەپەرگە چىقساق نەچچە كۈن، ھەتتا نەچچە ئون كۈن كېتەتتى، ھازىر ئايروپىلانغا ئولتۇرساق نەچچە سائەتتىلا ئاپىرىپ قويىدۇ؛ ئىلگىرى ئوتۇن قالاپ تاماق ئېتىشكە ئۇزاق ۋاقىت كەتكەن بولسا، ھازىر تاماقنى ئېلېكتىر ماگنىتلىق ئوچاق، توك قازان بىلەن ئون – يىگىرمە مىنۇتتىلا تەييارلاپ بولىمىز، كومپيۇتېر ئىشلىتىشنى باشلىغاندىن بېرى ماقالە يېزىشمۇ ئاسانلىشىپ كەتتى. قائىدە بويىچە ۋاقتىمىز ئېشىپ – تېشىپ تۇرسا توغرا بولاتتى، لېكىن بەزىلەر ئۈچۈن ئازراق دەم ئېلىۋېلىشمۇ تەستە ئىشقا ئاشىدىغان ئارزۇغا ئايلىنىپ قالدى، نېمە ئۈچۈن بۇنداق بولىدۇ؟

ھازىر شەھەردە ياشاش تەسلىشىپ كەتتى، يۇقىرى ئۆي باھاسى نۇرغۇن كىشىنىڭ بىر ئۆمۈر يىغقان بىساتىنى يەپ كەتتى، بۇنىڭغا يەنە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى، يۇقىرى مائارىپ خىراجىتى ۋە داۋالىنىش ھەققى قوشۇلۇپ، كىشىلەر جېنىنى بېقىش ئۈچۈن جان تىكىپ ئىشلىمىسە بولمايدىغان بولۇپ قالدى. ئالدىراشلىق تۇرمۇش بېسىمىنىڭ تەبىئىي ئىنكاسىغا ئايلىنىپ، نۇرغۇن كىشى يان تېلېفونىنى كېچە – كۈندۈز ئېچىپ قويۇشقا، باشقىلارنىڭ يېرىم كېچىدە ئويغىتىپ، خىزمەت توغرىسىدا پاراڭلىشىشىغا ئادەتلەندى.

ئەلۋەتتە، ھەممە كىشىنىڭ ئېغىر تۇرمۇش بېسىمىغا دۇچ كەلگىنى يوق. شۇنداقتىمۇ بەزى ئىشلار سىزنى ئامالسىز ئالدىرىتىدۇ. مەسىلەن: ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەشنى ئالساق، ئاز ساندىكى خىزمەت مەستانىلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، كىشىلەر ئاساسىي جەھەتتىن ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەشنى خالىمايدۇ. لېكىن بىر دوستۇم ماڭا: ‹‹باشلىقىڭىز ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەۋاتسا، سىز ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلىمەيمەن دېيەلەمسىز؟ ئەگەر باشلىقىڭىز يىللىق دەم ئېلىشىنى ئالمىسا، سىز يىلدا ئالىدىغان يىللىق دەم ئېلىشىمنى ئالىمەن دېيەلەمسىز؟ ئەگەر خىزمەتداشلىرىڭىز كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ جاپالىق ئىشلىسە، سىز خىجىل بولماي <خىزمەت بىلەن دەم ئېلىشنى بىرلەشتۈرەيلى>، <ھەر ئىشنىڭ چېكى بولسۇن> دېيەلەمسىز؟›› دېدى.

ئەمەلىيەتتە ‹‹خىزمەتنىڭ ئالدىراشلىقى›› مەسىلە ئەمەس. ھازىر خىزمەتنىڭ قايسى بىرى ئالدىراش ئەمەس؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە، دۆلىتىمىز ھېلىھەم سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ، ئۆزىمىزنى تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر بىلەن سېلىشتۇرالمايمىز، بىز يەنىلا تەرەققىياتنى تېزلىتىشكە، ئۆزىمىزنى تېزرەك قۇدرەت تاپقۇزۇشقا موھتاج، لېكىن بۇ، كىشىلەرنىڭ بېسىمى چوقۇم مۇشۇنداق ئېغىر بولۇشى كېرەك، دېگەنلىك ئەمەس، بۇنىڭ ئۈچۈن كىشىلەر كەيپىياتىنى پائال تەڭشىشى، ھۆكۈمەت ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى بەرپا قىلىپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، راۋان تەرەققىيات يولى بەرپا قىلىپ، كىشىلەرنىڭ خىزمەت ۋە تۇرمۇش بېسىمىنى يېنىكلىتىش ئارقىلىق، كىشىلەرنىڭ ئالدىراشلىقىنى قىممەتكە ئىگە قىلىشى كېرەك.

         كۆرۈلۈشى:944     قوشۇلغان ۋاقتى:2012/1/17 18:02:29يوللىغۇچى ئەزا:

 
   

   ئاۋات ئەسەرلەر

ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:روزى گۈلباي (تاجىك) رۇبائىيلىرى
روزى گۈلباي (تاجىك) رۇبائىيلىرى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ھەر قايسى پەن ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئەرلەرگە بەرگەن باھاسى;
ھەر قايسى پەن ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئەرلەرگە
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:تەنھالىق ساداسى
تەنھالىق ساداسى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:مازار چاشقىنى
مازار چاشقىنى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئەمدى مەن سېنىڭ ئەمەس !
ئەمدى مەن سېنىڭ ئەمەس !
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئىككى پارچە خەت (مەڭگۈلۈك ئايرىلىشنىڭ سەۋەبى)
ئىككى پارچە خەت (مەڭگۈلۈك ئايرىلىشنىڭ سە
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئەي ئۇلۇغ ئاتا-ئانا
ئەي ئۇلۇغ ئاتا-ئانا
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ناننىڭ كۆيۈكى
ناننىڭ كۆيۈكى

پىكىر ئالماشتۇرۇڭ   بىزنى قوللاڭ   بىزدىن پايدىلىنىڭ   بىزنى بىلۋىلىڭ
       
ئالاقىلىشڭ تەكلىپ-پىكىر ئېلان بىرىڭ بېكەت ھەققىدە
سەيناغا كىرىڭ ئەزا بولوڭ ھەمكارلىشىڭ سەھىپىلەر
  ئۇلىنىش قوشۇش ئۇچۇر يوللاڭ مۇلازىمەتلىرىمىز
  بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ   بېكەت لوگوسى ئەسەر يوللاڭ بېكەت رەسمىيەتلىرى
 
 
 
 

 

   

工信部备案:新ICP备11000444号

乌鲁木齐市公安局网络支队备案号-6501201108002 Copyright© 2010-2014 SalamURUMQI.Com