Www.SalamUrumqi.Com - سالام ئۈرۈمچى ئونۋېرسال تور بېكىتى - 萨拉穆乌鲁木齐娱乐资讯门户网
مىقلاڭ ئەسەر يوللاڭ تىزىملىتىڭ
ساقلىۋىلىڭ ئۇچۇر يوللاڭ مەرھەمەت
 
 
 


ئـۇچـرىـشىـش (نەسىر )

1


بىز ئاخىر ئۇچرىشىپ قالدۇق، كۈتۈشلىرىمنىڭ سىرى پاش بولدى، جېنىمدا ياشاپ كەلگەن قىزىلگۈل ئىكەنلىكىڭگە ئىقرارەن ھىدىڭنى پۇرىدىم، مەستخۇش ھالدا كېڭىيىپ ھاياتنىڭ بارچە قاتلىمىغا يېيىلدىم، ھەممە ياقتا سەن ۋە سېنىڭ مەنىدار سۈرەتلىرىڭ جىلۋە ئەيلىدى. قايتىشقا ئامالسىز ئىدىم، مۇساپىلەرنىڭ باش-ئاخىرى بىر تۇتاش ئىدى. ئۇلۇغ بىر ناخشا ھاياتنىڭ مۇشۇ دەملەردىكى مۇتلەق شاۋقۇنىغا ئايلانغانىدى.
ئېھ، جېنىم پىنھانىدا ئېچىلغان قىزىلگۈل، بىلسەڭ، كۆڭۈل باھارىستاندا چېچەك ئېچىپ رەڭ چاققانىدى. كۈيلەر ئۇنىڭ زوقىغا تىرەلگەن ھالدا گۈزەل رېتىم ھاسىل قىلغانىدى، تۇيغۇ ئۇنىڭ قۇۋۋىتىنى تەمىن ئېتىپ نۇرسىمان تۆكۈلمەكتە ئىدى...


2


بىز ئاخىر ئۇچرىشىپ قالدۇق!
سەن ئۈچۈن قەدىرلىگەن تەنھالىقىمدىن زوقلاندىم!
سەن ئۈچۈن يېتىپ بارغان ھايات پەللىلىرىمدىن ئىپتىخارلاندىم!
سەن ئۈچۈن نۇر تۆككەن ئىلاھىي تۇيغۇلىرىمدىن ھەيرەتتە قالدىم!


3


بىز ئاخىر ئۇچرىشىپ قالدۇق.
مانا، ئاۋازىڭدىكى بىھىساب مەنىلەر بىلەن ماڭا ئېقىپ كىرمەكتىسەن، بىرلىك سائادىتىدە سۆيگۈ گۈللىرى ھۈپپىدە ئېچىلدى، تەشنالىقنىڭ ئەلچىسى كاككۇك سېھىرلىك ئۈن-ناۋاسىنى باشلىدى، يىراققا بېقىپ چەكسىز ئۇزاردىم، تىنىقلىرىم بىلەن ھۇزۇرىڭغا يېتىپ بېرىپ چۈشلىرىڭگە سىڭىپ كېتىشنى ئىختىيار قىلدىم.
مەن يۈرەرمەن باغلىرىڭ ئارا،
يېنىپ تۇرغان كۆزۈمگە قارا!
سەپەردىمەن، ئاتەش ھېسلىرىڭدا كۆرۈنگەن نۇرانە چەكسىزلىكتىمەن. مەن ئۇزارغانچە ساڭا شۇنچە يېقىنلىشىمەن، مۇساپىلەرمۇ شۇنچە قىسقىراپ بارىدۇ. ئەمما، ئاخىرقى مەنزىللەردە كۆرۈنگىنى ئۆلۈم خىلۋىتى، ھاياتنىڭ ماماتقا چۆكۈشى، تەڭلىشىپ قېلىشى بولىدۇ. شۇڭا بارلىق ھوسۇل ۋە ئىنئاملار مۇساپىلەردە، مۇساپىلەرنىڭ ساڭا ۋە ماڭا دۇچ كەلگەن، يېتىپ بارغان پەللىلەردە چىراي ئاچىدۇ. ئىنسان ئۆز تەبىئىيلىكىدە ئەسلىي چىنلىقنىڭ باھارىستانىغا يۈز تۇتۇپ ئېسىل گۈل-غۇنچىلار ئۈزەلسە، ھاياتىي كۈي-ناۋالار تۆكەلسە، مەھكۇم شەكىللەر قورشاۋىدىن بۆسۈپ ئۆتەلىسە ئۇنىڭ كىشىنى مۇقەددەس پەللىلەرگە ئۈندەپ گۈزەل ئارزۇ-ئىستەك نۇرلىرى بىلەن يۇيۇپ تاراپ تۇرىدىغان سېھىرلىك روھى دۇنيادىن ئالىدىغان بەھرە-ھۇزۇرى چەكسىز، ئەبەدىيەتلىك بولىدۇ.

4


بىز ئاخىر ئۇچرىشىپ قالدۇق!
ئۇچرىشىشىمىزنىڭ خاسىيىتى تەنھالىق چۆلىدە قالغان غېرىبانە كۈنلەرنىڭ بېشىنى سىلىغۇسى.
ئۇچرىشىشىمىزنىڭ قىممىتى ئېھتىماللىق ئالىمىدە تولغان سائادەت كۈنىنىڭ چۈمپەردىسىنى ئاچقۇسى.
ئۇچرىشىشىمىزنىڭ مەنىسى كۈتۈش ساھىلىدا تالغان ئىنتىزارلىق كۈنلەرگە نۇر-شولىلار چاچقۇسى.


5


بىز ئاخىر ئۇچرىشىپ قالدۇق.
قەلبىڭدە بىر ئۆمۈر ياشاپ بارچە روھىي قۇۋۋەتلىرىم بىلەن ھاياتىڭنى گۈلدەك ئېچىلدۇرۇشۇمغا رۇخسەت قىل، ئۆتكۈنچى يولۇچىلار ئاياغلىرىدا چەيلىنىشىڭگە، بىۋاخ سوغ-شىۋىرغانلار قولىدا سۇلىشىڭغا سەۋرتاقىتىم يوق. دىل تارىڭنى چېۋەر بارماقلىرىم بىلەن تۈزۈپ ھەم چېكىپ ئەڭ ئېسىل كۈي-ئاھاڭلارنى ساڭا تەقدىم قىلغۇم، ئۇنىڭ چەكسىز تەسىر كۈچى بىلەن سېنى ھاياتنىڭ مۇقەددەس پەللىلىرىگە يەتكۈزگۈم بار.
مەغرۇرلۇقىڭغا چەك قويۇپ ئۆز-ئۆزۈڭگە قايتىپ كەل، ئەتراپىڭدا ئەگىپ يۈرگەن ئاق قۇشقاچلار دان تۇتقان باشاقلىرىڭنى كۆزلەپ چۇرۇقلىشىدۇ. قارانچۇق بولۇپ قۇشلىرىڭنىڭ يۈرىكىگە تەشۋىش سالغىنىمدىن خەۋىرىڭ بولمىسىمۇ، ئەمما دانلىرىڭنىڭ باھاسى ئۈچۈن خامىنىڭدا قامچا تۇتۇپ تەر تۆكۈشكە تەييار تۇرغىنىمنى بىلىپ قال. سۈزۈك ئاسماندا لەرزان ئۇچۇپ، شاماللاردا ھەريان سورىلىپ، قاسراق ۋە سامىنىڭدىن پاك-پاكىز ئايرىلىپ قۇياش نۇرىدا تاۋلانغان چېغىڭدا بەختىڭگە گۇۋاھلىق بېرىپ كۈلۈمسىرەپ تۇرىدىغانلىقىمنى ئېسىڭدە ساقلا.


6


شۇنىڭغا ئىشەن ۋە شۇنى چۈشەن:
بىز ئاخىر ئۇچرىشىپ قالدۇق!
ئۇچرىشىش — ياتلىق دۇنياسىدىكى ئۆزلۈك سالامىدىن نىشانە.
ئۇچرىشىش — سەرسانلىق دۇنياسىدىكى مەنزىل ئارامىدىن ئىشارە.
ئۇچرىشىش — ئارزۇلار دۇنياسىدىكى بەخت كالامىدىن جۇلالە...


7


بىز ئاخىر ئۇچرىشىپ قالدۇق!
ئۇچرىشالماي توزۇپ كېتىدىغان ياشلىق باھارىدىن ھەزەر ئەيلە.
ئۇچرىشالماي سولۇپ كېتىدىغان ئۆزلۈك كامالىدىن ھەزەر ئەيلە.
ئۇچرىشالماي نېسى قالىدىغان بەخت ئازابىدىن ھەزەر ئەيلە!



         كۆرۈلۈشى:858     قوشۇلغان ۋاقتى:2011/11/23 15:05:02يوللىغۇچى ئەزا:

 
   

   ئاۋات ئەسەرلەر

ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:روزى گۈلباي (تاجىك) رۇبائىيلىرى
روزى گۈلباي (تاجىك) رۇبائىيلىرى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ھەر قايسى پەن ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئەرلەرگە بەرگەن باھاسى;
ھەر قايسى پەن ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئەرلەرگە
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:تەنھالىق ساداسى
تەنھالىق ساداسى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:مازار چاشقىنى
مازار چاشقىنى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئەمدى مەن سېنىڭ ئەمەس !
ئەمدى مەن سېنىڭ ئەمەس !
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئىككى پارچە خەت (مەڭگۈلۈك ئايرىلىشنىڭ سەۋەبى)
ئىككى پارچە خەت (مەڭگۈلۈك ئايرىلىشنىڭ سە
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئەي ئۇلۇغ ئاتا-ئانا
ئەي ئۇلۇغ ئاتا-ئانا
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ناننىڭ كۆيۈكى
ناننىڭ كۆيۈكى

پىكىر ئالماشتۇرۇڭ   بىزنى قوللاڭ   بىزدىن پايدىلىنىڭ   بىزنى بىلۋىلىڭ
       
ئالاقىلىشڭ تەكلىپ-پىكىر ئېلان بىرىڭ بېكەت ھەققىدە
سەيناغا كىرىڭ ئەزا بولوڭ ھەمكارلىشىڭ سەھىپىلەر
  ئۇلىنىش قوشۇش ئۇچۇر يوللاڭ مۇلازىمەتلىرىمىز
  بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ   بېكەت لوگوسى ئەسەر يوللاڭ بېكەت رەسمىيەتلىرى
 
 
 
 

 

   

工信部备案:新ICP备11000444号

乌鲁木齐市公安局网络支队备案号-6501201108002 Copyright© 2010-2014 SalamURUMQI.Com