Www.SalamUrumqi.Com - سالام ئۈرۈمچى ئونۋېرسال تور بېكىتى - 萨拉穆乌鲁木齐娱乐资讯门户网
مىقلاڭ ئەسەر يوللاڭ تىزىملىتىڭ
ساقلىۋىلىڭ ئۇچۇر يوللاڭ مەرھەمەت
 
 
 


پۇشايمان

پۇشايمان

 

       تۇنجى قېتىم يوق ئىشلارنى باھانىدەپ سەن بىلەن ئۇرۇشۇپ، ئانامنىڭكىگە يامانلاپ بارغىنىمدا، ئانامنىڭ ئۆكۈنگەن ھالدا «قىزىم، ئېرىنىڭ يامان گېپىنى قىلغان ئايال ياخشى ئايال ئەمەس، ‹ئەر رازى خۇدا رازى› دېگەن گەپ بار، ئېرىڭنىڭ پېشىدا ناماز ئوقۇساڭ بولىدۇ» دېگىنى ھېلىمۇ ئېسىمدە.

ئۇ چاغلاردا تولىمۇ نادان ئىكەنمەن. توۋا، نامازنى جاينامازدا ئولتۇرۇپ ئوقۇغاننى كۆرگەنمەن.

«ئەرنىڭ پېشىدا ناماز ئوقۇ» دېگەننى ئاڭلاپ قوقاس دەسسىۋالغاندەك سەكرەپ كەتكەنىدىم.  

     بۈگۈن ئەزرائىل بىلەن ئېلىشىپ ياتىسەن. ساڭا تەلمۈرۈپ ئولتۇرۇپ، ۋىجدان سوتى ئالدىدا قىلدەك تولغىنىپ ئازابلىق ياش تۆكمەكتىمەن. بىچارە ئانام كۈچسىز، ئەمما يېقىشلىق قوللىرى بىلەن يەلكەمگە يېنىك ئۇرۇپ «قىزىم، ياش تۆكمە، يىغا ئادەمگە خوپ قىلمايدۇ. ياراتقان ئىگىسى بەندىسىنى ئېغىر كۈلپەتلەر بىلەن سىنايدۇ، شۇنىڭغا ئىشىنىشىمىز كېرەككى، ياخشى ئادەم بەندىسىگە ئۆزى بەرگەن ۋەدىسى بويىچە يامان كۆزدە قارىمايدۇ» دەپ تەسەللى بېرىپ، سەن ئۈچۈن مەندىنمۇ بەكرەك ياپراقتەك تىترىمەكتە. مەن ئانامنىڭ يېرىمىچىلىك بولالىسام كاشكى. ئەمدى بىلدىمكى، دادام مۇشۇنداق ئىتائەتچان، مۇلايىم ئايالى بىلەن بەختلىك ياشاپ كەپتۇ.

مەنچۇ؟ مەن ساڭا قانچىلىك بەخت ئاتا قىلالىدىم؟ ... سەن ماڭا ھەرقاچان يول قويدۇڭ، شۇڭا گېپىمنى گەپ قىلىپ، ئائىلىمىزنىڭ »زۇڭتۇڭى»غا ئايلاندىم. كۆڭلۈمدە سېنى قورقۇتتۇم دەپ يۈردۈم. ئەسلىدە سەن قورقمايدىكەنسەن. ئائىلىمىزنىڭ ۋەيران بولۇشىدىن، جېدەل - ماجىرا تۈپەيلى بالىلىرىمىزنىڭ بىر بۇلۇڭدا ياش تۆكۈپ، بويۇن قىسىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ قورققان بولۇۋالغان ئىكەنسەن. چۈنكى، سەن «ئەر - خوتۇن كۆپ جېدەللەشسە، ئائىلىدە بەرىكەت بولمايدۇ» دېگەن ھېكمەتكە ئىتائەت قىلاتتىڭ، لاياقەتلىك ئەر، ياراملىق دادا، قائىدە - يوسۇنلۇق ئادەم بولۇشنى تەشەببۇس قىلاتتىڭ. مەن زامانىۋى ئايال بولۇش شوئارىنى توۋلايتتىم. شۇڭلاشقىمىكىن، نەچچە يىل پىكرىمىز بىر يەردىن چىقمىسىمۇ، سەن مېنىڭ ھامان ئۆزۈڭگە قايتىپ كېلىشىمنى كۈتەتتىڭ، مېنى ئەپۇ قىلاتتىڭ. «ئەر دېگەنمۇ سەندەك ياۋاش، مۆمىن بولامدۇ؟ ھازىر دېگەن قانداق زامان، سەنمۇ ئويۇن - تاماشاغا بارساڭ، سورۇن كۆرسەڭ، زامانغا لايىق ئەر بولساڭ بولمامدۇ» دەپ غودۇرىسام، سەن ئەلەملىك كۈلۈپ قوياتتىڭ - دە، بالىلىرىمىزنىڭ ئۆيىگە كىرىۋالاتتىڭ، ئارىمىزدىكى سوغۇقچىلىقنى بالىلارغا بىلدۈرگۈڭ كەلمەيتتى، كۆزلىرىڭ «بالىلار ئالدىدا ئۇرۇشمايلى» دەپ يالۋۇراتتى ...

كۆزۈڭنى ئېچىپ كۆرۈپ باق، مەن ئەمدى ئالدىڭدا ئانىسىغا تەلمۈرگەن قۇش بالىسىدەك تەلمۈرۈپ ئولتۇرۇپتىمەن. ئەسلىدە سەن ئەر، مەن ئايال بولۇشۇم كېرەك ئىدى. بۇ قانۇنىيەتنى بىلسەممۇ، جاھىللىقىم سەۋەبلىك ئېتىراپ قىلماي كەلدىم. سەن ياتقان كۈنلەردىن بېرى ساڭا خوتۇن بولۇپ بۇرچۇمنى قانچىلىك ئادا قىلالىغانلىقىمنى ئويلىدىم، ساڭا بەرگىنىمدىن سەندىن ئالغىنىم كۆپ ئىكەن.

سەن ھەمىشە «قاچانمۇ ئاناڭغا ئوخشاش بولارسەن؟» دەيتتىڭ. ئەسلىدە ئانامدەك بولۇش ئۇنچە تەس ئەمەس ئىكەن، مانا قارا، مەن ئۆزۈمگە ھەم ئائىلىمىزگە قايتتىم. مېھىر - مۇھەببەت چەكسىز ۋە خىلمۇخىل بولىدۇ. ئەمما ئۇلارنى بىر - بىرىنىڭ ئورنىغا قويۇش مۇمكىن ئەمەس. سەن بولمىساڭ مېنىڭ نە قىممىتىم بولسۇن، سەن بولمىساڭ تىكەنسىز گۈلگە، پاناھسىز يېتىمگە ئايلانمامدىمەن، سېنىڭسىز ئۆيۈم گۆرىستانغا، گۈلىستانىم خازانىستانغا ئايلانمامدۇ؟

سەن مېنى «مەن» قىلغان ئىدىڭ، ھەرقاچان ئېغىرىمنى كۆتۈرگەنىدىڭ. ئەمدى بىلسەم، سەن بولمىساڭ ياشىيالمايدىكەنمەن. سەن مەن ئەتكەن ئاشنىڭ تەمىنى تەڭشىگۈچى تۇزۇم، ئەيىبلىرىمنى كۆرسىتىپ بەرگۈچى ئەينىكىم ئىكەنسەن. ۋاي، ئىسىت، مەن سەن كۈتكەندەك مېھرىبان ئانا، ئەقىلگە توشقان ئايال، ھايات زەمبىلىنى كۆتۈرۈپ مەنزىلگە تەڭ ماڭغۇچى ھەمراھىڭ بولاي دېگەندە كېچىكىپتىمەن.

ئۆتۈنۈپ قالاي، «تۆگە مىنىپ تۆگە ئىزدەپ يۈرگەن» نادان خوتۇنۇڭنىڭ ئەمدى سەجدە قىلىشقا ئېگىلگەن بېشىنى پېشىڭدىن ئىتتىرىۋەتمىگىن.

ئاپتورى :  پاشاگۈل تەۋەككۈل

مەنبە : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىئو تورى

         كۆرۈلۈشى:1221     قوشۇلغان ۋاقتى:2011/8/4 18:18:10يوللىغۇچى ئەزا:

 
   

   ئاۋات ئەسەرلەر

ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:روزى گۈلباي (تاجىك) رۇبائىيلىرى
روزى گۈلباي (تاجىك) رۇبائىيلىرى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ھەر قايسى پەن ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئەرلەرگە بەرگەن باھاسى;
ھەر قايسى پەن ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئەرلەرگە
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:تەنھالىق ساداسى
تەنھالىق ساداسى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:مازار چاشقىنى
مازار چاشقىنى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئەمدى مەن سېنىڭ ئەمەس !
ئەمدى مەن سېنىڭ ئەمەس !
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئىككى پارچە خەت (مەڭگۈلۈك ئايرىلىشنىڭ سەۋەبى)
ئىككى پارچە خەت (مەڭگۈلۈك ئايرىلىشنىڭ سە
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئەي ئۇلۇغ ئاتا-ئانا
ئەي ئۇلۇغ ئاتا-ئانا
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ناننىڭ كۆيۈكى
ناننىڭ كۆيۈكى

پىكىر ئالماشتۇرۇڭ   بىزنى قوللاڭ   بىزدىن پايدىلىنىڭ   بىزنى بىلۋىلىڭ
       
ئالاقىلىشڭ تەكلىپ-پىكىر ئېلان بىرىڭ بېكەت ھەققىدە
سەيناغا كىرىڭ ئەزا بولوڭ ھەمكارلىشىڭ سەھىپىلەر
  ئۇلىنىش قوشۇش ئۇچۇر يوللاڭ مۇلازىمەتلىرىمىز
  بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ   بېكەت لوگوسى ئەسەر يوللاڭ بېكەت رەسمىيەتلىرى
 
 
 
 

 

   

工信部备案:新ICP备11000444号

乌鲁木齐市公安局网络支队备案号-6501201108002 Copyright© 2010-2014 SalamURUMQI.Com