Www.SalamUrumqi.Com - سالام ئۈرۈمچى ئونۋېرسال تور بېكىتى - 萨拉穆乌鲁木齐娱乐资讯门户网
مىقلاڭ ئەسەر يوللاڭ تىزىملىتىڭ
ساقلىۋىلىڭ ئۇچۇر يوللاڭ مەرھەمەت
 
 
 


بىر قىزنىڭ يىگىتكە يوللىغان 60 تال قىسقا ئۇچۇرى

1. ئورنۇمدىن تۇردۇم، قۇياش چىقىپتۇ، سىزنى سېغىنىشقا باشلىدىم.
 2. ئورنۇمدىن تۇردۇم، يامغۇر يېغىپتۇ، كۈنلۈك كۆتىرىپ مەكتەپكە كەلدىم.
 3. يامغۇر توختىدى، بۇلۇت چىقىتۇ، مۇھەببەت يەنىلا كۈتىۋاتىدۇ.
 4. يېڭى بىر كۈن باشلاندى، تىرىشىپ كۈرەش قىلىش باشلاندى.
 5. تۇيۇقسىز بىر جۈملە سۆز يادىمغا كېلىپ قالدى، سىز بىلەن قول تۇتۇشۇپ بىر ئۆمۈر بىرگە ياشىغۇم بار.
 6. ئاخشام يۇلتۇزلارغا قارىدىم، يۇلتۇزلار مېنىڭ قەلبىمنى چۈشىنەلەرمۇ؟
 7. بۈگۈن ئورنۇمدىن ۋاقچە تۇرۇپتىمەن، تاس قالدىم دەرسكە كېچىكىپ قالغىلى.
 8. بۈگۈن چۈشتىن كېيىن نەرسە كېرەك سېتىۋالغىلى چىقىمەن، پەقەت ئاشۇ نەرسە كېرەكلا ماڭا قىسقىغىنا تەسەللى بولالايدۇ.
 9. ئوقۇتقۇچۇم بۈگۈن مېنى ماختىدى، ئۇنىڭ دېيىشىچە مېنىڭ ئىنكاسىم تېز ئىكەن، بەك خۇشال بولدۇم.
 10. ۋاقىت ھەممىنى چۆكتۈرۈۋېتەلەمدۇ؟
 11. ئاغرىپ قالدىم، قىزىتمام ئۆرلەپ كەتتى، ياتاقداشلىرىم ھالىمدىن خەۋەر ئالدى، مەن پەقەت سىزنىلا سېغىندىم، سىزنىڭ يېنىمدا بولىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.
 12. نىمىش قىلىۋاتىسىز؟ يەنە مېنى ئويلاۋاتامسىز؟
 13. بۈگۈن ئەتىگەن ئۈگرە ئىچتىم، ئۈگرە ئىچسە ئۆمرى ئۇزۇن بولىدۇ، دەيدۇ، توغرىمۇ؟ سىز بىلەن بىرلىكتە مېڭىشنى ئۈمىد قىلىمەن.
 14. ھاياتلىق داۋاملاشماقتا.
 15. تورغا چىقتىم، ئەپسۇسلىنارلىقى سىزنى ئۇچرىتالمىدىم.
 16. ئۇيقۇسىزلىق...
 17. قۇياش تولىمۇ پارلاق، ھەممەيلەن مېنىڭ كۈلكەمنى پارلاق دەيدۇ، كەيپىياتىممۇ قۇياشنىڭ نۇر چاچقىنىغا ئەگىشىپ ياخشى بولىۋاتىدۇ.
 18. سىز مېنىڭ ھازىرقى كەيپىياتىمنى چۈشىنەرسىزمۇ؟ سىزنى سېغىندىم.
 19. يەنە مېنى ئويلاۋاتامسىز؟ كۈتۈش...
 20. مۇھەببەت راستىنلا بىر خىل سېغىنىشمۇ؟
 21. ئاخشام ھاراق ئىچتىم، ئىسپىرىت مېنى بىردەم بولسىمۇ بىخۇد قىلسۇن دەپ. بۈگۈن بېشىم بەك ئاغرىۋاتىدۇ.
 22. دوستلىرىم تاماكا چەكتى، مەنمۇ چېكىش چەكمەسلىكنى ئويلىشىپ قالدىم، ئەمما يەنىلا چەكمىدىم. ئۇلارنىڭ دېيىشىچە 520 تاماكا ئادەمگە سالقىن تەم ئاتا قىلامىش.
 23. بازار ئايلىنىپ، ئىككى قاسقان مانتا يېدىم، قورسىقىم شۇنداق تويۇپ كەتتى، بىراق قەلبىم يەنىلا قۇپقۇرۇق.
 24. ھاۋا ئۆزگىرىشكە باشلىدى، سالامەتلىكىڭىزگە دىققەت قىلىڭ.
 25. بۈگۈن مۇشتلىشىش دەرسى ئۆتتى، كۈتىۋاتىمەن.... قورال كۈچىمۇ بەزىدە مەسلىنى ئەڭ تېز بولىدىغان ھەل قىلىدۇ.
 26. زېرىكىشكە باشلىدىم.....
 27. دوستۇمنىڭ تۇغۇلغان كۈنىدە تورت يېدىم، كەيپىياتىمۇ ياخشى بولۇپ قالدى.
 28. ياخشى ئۆگىنىدىغان ۋاقىت كەلدى، ۋاقىت نېمىدېگەن تېز ئۆتكەن-ھە!
 29. ۋاسكېتبول ئوينىدىم، فۇرسىننىڭ دېيىشىچە: ھاياتنىڭ مەنىسى ھەرىكەتتە.
 30. ئۆينى بەك سېغىندىم، قايتىپ كېتىمەن، قاچان كۆرىشەلەيدىغانلىقىمىزنى بىلمەيمەن؟
 31. ئۆي نېمىدېگەن راھەت، ئۆيدىكى ۋاقتىمدىمۇ ئىزچىل سېنى ئويلىدىم.
 32. كۈتۈپخانىدا كىتاب كۆرۈۋاتىمەن...
 33.ئاخشام سىنى چۈشۈمدە كۆردۈم، سىز ماڭا تولىمۇ خۇشال ھالدا: بىز چوقۇم بىرگە بولالايمىز دېدىڭىز.
 34. ھەپتىنىڭ ئالتىسىدىكى تاغقا چىقىشنى تەقەززالىق بىلەن كۈتىۋاتىمەن.
 35. مەيداندىكى ۋاسكېتبول مۇسابىقىسى تولىمۇ قىزىدى، تۇيۇقسىز سىزنىڭ چىرايىڭىزنى كۆرۈپ قالدىم.
 36. مەكتەپنىڭ كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى تولىمۇ كۆڭۈللۈك بولدى، كەلگۈسىدە قانداق بولىدىغانلىقىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ-دە؟
 37. ئىرەن يوپۇرمىقى تولىمۇ چىرايلىق ئىكەن، بىر قانچە پارچە ئىرەن يوپۇرماقلىق ئاتكرىتكا سېتىۋالدىم، سىزگە ئەۋەتمەكچىمەن. كېلەر قېتىم تاغقا چىققاندا سىز بىلەن چىقىشنى ئۈمىد قىلىمەن.
 38. كىچىك تاغدىن ئالتىسىگە چىقىپتىمەن، قولۇم يارىلاندى، پۇتۇممۇ ئاغرىۋاتىدۇ، پەلەمپەيگە چىقىشتا قىينىلىۋاتىمەن، مېنى يۆلەپ ئەپچىقىپ قويمىسىڭىز بولمايدىغاندەك قىلىدۇ.
 39. تۇيۇقسىز ھېس قىلىپ قالدىم، بۇ پەقەت مېنىڭلا ئىشىم ئىكەن.
 40. بەرداشلىق بېرىشكە پەقەت ئىشەنچىم قالمىغاندەك قىلىدۇ.
 41. پۇتۇم ئاغرىۋاتىدۇ، قولۇمنىڭ يارىسىمۇ تېخى ساقايمىدى، تۇيۇقسىز يىغلاپ سالدىم.
 42. مۇھەببەت كىتابىدىن بىرنى سېتىۋالدىم.
 43. لاتارىيەدە 5 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتىم. 20 يۈەن خەجلىگەن ئىدىم، بىراق يەنىلا شۇنداق خۇش بولدۇم.
 44. ئاتكىرىتكامنى تاپشۇرىۋالدىڭىزمۇ؟
 45. ئەتىگەنلىك ھاۋا بەك ياخشىكەن، چوڭقۇر نەپەس ئالدىم، دۇنيا راستىنلا گۈزەل ئىكەن.
 46. مەڭگۈلۈك دېگەن بەك يىراقمۇ؟
 47. يۈرىكىم تۇيۇقسىز ئاغرىپ كېتىۋاتىدۇ.
 48. زۇكام بولۇپ قالدىم. ئۆزەمنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ بولالمىدىم.
 49. مەيداننى ئۈچ قېتىم ئايلاندىم، مۇشۇ ۋاقىتتا ئوخشاش بىر ئاسماننى كۆرىۋاتقانلىقىمىزغا ئىشىنىمەن.
 50. قىلىپ بولالمايدىغان ئىشلار ئۈچۈن چېچىلىپ قالدىم....
 51. ئۆتكەن ئىشلار كۆز ئالدىمدىلا تۇرىدۇ، بېشىم ئاغرىپ كېتىۋاتىدۇ..
 52.مەلىكىنىڭ خاتىرىسى دېگەن كىنو ھەقىقەتەنمۇ ياخشىكەن، ئىنگىلىزتىلى مۇئەللىم بەك ياخشى جۇمۇ.
 53. پەلسەپىنى پەلسەپىچىلە ئۈگەنسە بولغىدەك، مەن ئۇخلاپ قالاي.
 54. سىزگە رەھمەت، ماڭا سەۋر تاقەت بىلەن چىدامچانلىقنى ئۆگىتىپ قويدىڭىز، مەن چوقۇم تىرىشىمەن.
 55. ياتاقدىشىم ئوغۇل دوستى بىلەن ئايرىلىپ كەتمەكچى بولغاندا، مەنمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ يىغلىدىم، مەن ئۆزەمنىڭ يەنە قانچىلىك بەرداشلىق بېرەلەيدىغانلىقىمنى بىلمەيمەن...
 56. يەنىلا سىزدىن ئىنكاس يوق، مېنى قۇچاقلاپ قويىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.
 57. تەلەپ خېتى تاپشۇرىۋالدىم، قارىغاندا مۇھەببەتلىشىدىغان ئوخشايمەن.
 58. سىزنى ئۇنتۇپ كېتىشكە تەييارلىق قىلىۋاتىمەن، مەن ئاخىرىغىچە بەرداشلىق بېرىشكە ئامالسىزمەن.
 59. ئەمدى سىزنى ساقلىمايمەن. باشلىنىشى يوق خۇددى ئاخىرلىنىشىمۇ يوق.
 60. ھەممىسى ئاياغلاشتى. سىزگە بەخت تىلەيمەن.

مەنبە :ئانا تۇپراق تورى

         كۆرۈلۈشى:2948     قوشۇلغان ۋاقتى:2011/7/25 18:43:50يوللىغۇچى ئەزا:

 
   

   ئاۋات ئەسەرلەر

ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:روزى گۈلباي (تاجىك) رۇبائىيلىرى
روزى گۈلباي (تاجىك) رۇبائىيلىرى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ھەر قايسى پەن ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئەرلەرگە بەرگەن باھاسى;
ھەر قايسى پەن ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئەرلەرگە
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:تەنھالىق ساداسى
تەنھالىق ساداسى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:مازار چاشقىنى
مازار چاشقىنى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئەمدى مەن سېنىڭ ئەمەس !
ئەمدى مەن سېنىڭ ئەمەس !
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئىككى پارچە خەت (مەڭگۈلۈك ئايرىلىشنىڭ سەۋەبى)
ئىككى پارچە خەت (مەڭگۈلۈك ئايرىلىشنىڭ سە
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئەي ئۇلۇغ ئاتا-ئانا
ئەي ئۇلۇغ ئاتا-ئانا
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ناننىڭ كۆيۈكى
ناننىڭ كۆيۈكى

پىكىر ئالماشتۇرۇڭ   بىزنى قوللاڭ   بىزدىن پايدىلىنىڭ   بىزنى بىلۋىلىڭ
       
ئالاقىلىشڭ تەكلىپ-پىكىر ئېلان بىرىڭ بېكەت ھەققىدە
سەيناغا كىرىڭ ئەزا بولوڭ ھەمكارلىشىڭ سەھىپىلەر
  ئۇلىنىش قوشۇش ئۇچۇر يوللاڭ مۇلازىمەتلىرىمىز
  بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ   بېكەت لوگوسى ئەسەر يوللاڭ بېكەت رەسمىيەتلىرى
 
 
 
 

 

   

工信部备案:新ICP备11000444号

乌鲁木齐市公安局网络支队备案号-6501201108002 Copyright© 2010-2014 SalamURUMQI.Com