Www.SalamUrumqi.Com - سالام ئۈرۈمچى ئونۋېرسال تور بېكىتى - 萨拉穆乌鲁木齐娱乐资讯门户网
مىقلاڭ ئەسەر يوللاڭ تىزىملىتىڭ
ساقلىۋىلىڭ ئۇچۇر يوللاڭ مەرھەمەت
 
 
 


ئانا! ياشناپ تۇرغىن نەۋرۇز گۈلىدەك

 

   كەل قۇچاقلا قىزىم ئانامنى، ھارغىن قەلبى ئېرىسۇن بىر رەت، يەنە كۈلۈپ كەلدى بۇ نەۋرۇز، بولۇپ ئويلۇق-قۇتلۇق سالام خەت. قانچە سوغۇق، قانچە سەرتان ياز، يەلكىسىدىن بېسىپ ھارمىغان، ئالتە پەرزەنت، ئوننەچچە نەۋرە، بېقىپ يەنە بالىغا قانمىغان، بۇ جاپاكەش دەل مېنىڭ ئانام، بۇ دوڭغاق چال دەل مېنىڭ ئەركەم، بۇ پاقمىباش دەل مېنىڭ بەختىم، بۇ باغرى ئاق دەل سېنىڭ موماڭ. دەل بۇ مەزلۇم شاھانە تەختىم.

ئۇنتۇپتىمىز قىزىم نەۋرۇزنى،ئۇنتۇپتىمىز قىزىم ھەممىنى، ئۇنۇتماپتۇ كۆكنى ئانىمىز، ئۇنۇتماپتۇ قىرنى- ئېتىزنى، ئۇنۇتماپتۇ ئانىمىز بىزنى. كەل قۇچاقلا قىزىم ئانامنى، ئاق چېچىنى ئۆرۈپ تاراپ قوي، مۈرىسىنى تۇتۇپ قوي ئاستا، گۈل مەڭزىگە سۆيگىن–يالاپ قوي، چۈنكى نەۋرۇز ئانام ئۈچۈن توي.

كەلگىن قىزىم تىزىدا ئولتۇر، ئانام ئېيتىپ بەرسۇن ھېكايە، ئېيتالمىسا ئۇ ھېچگەپ ئەمەس، كۈلمە ھەرگىز قىلما كىنايە. چۈنكى، ئۇنىڭ كەچمىشى تولا، ئەل دەردىگە يەتمىشى تولا. شۇڭا ئۇنىڭ يۈزلىرى چېچەك، شۇڭا ئۇنىڭ كۆزلىرى ئورچەك، شۇڭا ئۇنىڭ قوللىرى كۆيەك، شۇڭا ئۇنىڭ بەللىرى دۈمچەك، شۇڭا ئۇنىڭ چەكمىنى رۇجەك، شۇڭا ئۇنىڭ ئۆيلىرى كېسەك. شۇڭا ئۇ كۆپ ئىشنى ئەسلىيەلمەيدۇ، شۇڭا ئۇ سېنىڭدەك دەسسىيەلمەيدۇ.

كەلگىن قىزىم، ئانام قېشىغا، گەجگىسىگە ياستۇقنى يۆلە. ئۇ، يىغلىسا بەرگىن تەسەللىي، ئانام تاتلىق مېھرىنى بېرەر، شۇ چاغلاردا داداڭمۇ كۈلەر. ھاسسىسىنى ئېلىپ بەر ئانامنىڭ، ھەم مۈرەڭنى تۇتۇپ بەر چىداپ، ئېلىپ چىققىن ئۇنى دالىغا، سۆيسۇن ئۇنى قۇياشلىق ئاپتاپ، سۆيسۇن ئۇنى نەۋرۇز شامىلى، سوئالى كۆپ ئانامنىڭ ساڭا، ئېرەنمەستىن بېرىۋەر جاۋاب.

ئانا ئۈچۈن نەۋرۇز گۈللىرى، باغدا ھەتتا ئۆيلىرىدە بار، پەرزەنت بەختى ئانىغا باھار، ھەر بىر پەرزەنت سۆيسە ئانىنى، كەپىسىمۇ بىلىنمەيدۇ تار، ئېرىپ كېتەر قەلبىدىكى قار، سايراپ كېتەر ئۇنىڭ يۈرىكى، بولۇپ گويا تامدىكى دۇتتار. چۈنكى، دۇتار ئۇزۇندىن بۇيان، دادام كەبى ئۇنىڭغا ھەمرا، دادام كەبى دەردىگە داۋا، دادام كەبى سۆيگۈگە لاۋا.

كەلگىن قىزىم ئانام قېشىغا، ئېتىپ بەرگىن ئۇنىڭغا ئۈگرە، كۆكنى تۈگۈپ قىلغىن چۆچۈرە، ئىسسىقىدا ئىچسۇن بىر قوشۇق، تەن–تېنىگە مادار يۈگۈرە. چۈنكى، قىزىم ئېسىڭدە بولسۇن، كۆكتىن ئۆتسە ئادەم كۆكلەيدۇ، كۆكتىن ئۆتكەن قۇشلار ئۈنلەيدۇ، كۆكتىن ئۆتكەن جانلار ئۆلمەيدۇ، كۆك بولمىسا  باھار كۈلمەيدۇ.

جېنىم ئانا ئۇشبۇ نەۋرۇزدا، بولالمىدىم يېنىڭدا ھەمراھ. دادام بولسا قالمايتتىڭ يالغۇز، يالغۇز بولۇپ قىپ قالدىڭ ئەمما...

جېنىم ئانا، شۇنچىلىك ئۇزۇن، قىلسىڭىزمۇ بىز ئۈچۈن خىزمەت، يېنىڭىزدا قونۇپ بىر ئاخشام، بۈگۈنكىدەك قۇتلۇق نەۋرۇزدا، كۆرسىتەلمەي قالدۇق، ھەي! ھىممەت. بېرەلمىدۇق سىزگە مۇھەببەت، يېزىپ پەقەت قۇرۇق سالام خەت.

جېنىم ئانا سىزچىلىك بولماق، قىيىن ئىكەن مۇشەققەت ئىكەن، دادا بولۇپ چۈشەنمەكتىمەن، نېمە بەخت، نېمىلەر قىممەت!! نېمە دەنا، نېمە ھەقىيقەت!! نېمە ئۇلۇغ، نېمە مۇقەددەس!!

ئانا، قەلبىم سىزگىلا ئايان، كەچۈرگەيسىز گۆدەك قەلبىمنى، ئارمىنىمدىن يازدىم سالام خەت، ئۆزۈم بىلىمەن بۈگۈن دەردىمنى، ئۆزۈم بىلىمەن كۆڭۈل قەرزىمنى.

جېنىم ئانا! ئەزىزىم ئانا! سۆزلەپ بېرىڭ قىزىمغا چۆچەك، سۆزلەپ بېرىڭ بەخت ھەققىدە، سۆزلەپ بېرىڭ ھايات ھەققىدە، سۆزلەپ بېرىڭ ئانا ھەققىدە، سۆزلەپ بېرىڭ نەۋرۇز ھەققىدە، ئۇ ئۆگەنسۇن ئادىمىيلىكنى، ئۇ ئۆگەنسۇن سىزدىن پەزىلەت، ئۇ ئۆگەنسۇن مېھىر ۋە خىسلەت، ئاھ، ئويغانسۇن  سەبىي قەلبىدە، ۋىجدان-غۇرۇر ، نۇسرەت-ھېدايەت.

جېنىم ئانا، جىگىرىم ئانا، ياشناپ تۇرۇڭ نەۋرۇز گۈلىدەك.

     ئابدۇشۈكۈر راشىدىن

مەنبە : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىئو تورى
         كۆرۈلۈشى:999     قوشۇلغان ۋاقتى:2011/7/23 18:03:36يوللىغۇچى ئەزا:

 
   

   ئاۋات ئەسەرلەر

ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:روزى گۈلباي (تاجىك) رۇبائىيلىرى
روزى گۈلباي (تاجىك) رۇبائىيلىرى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ھەر قايسى پەن ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئەرلەرگە بەرگەن باھاسى;
ھەر قايسى پەن ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئەرلەرگە
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:تەنھالىق ساداسى
تەنھالىق ساداسى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:مازار چاشقىنى
مازار چاشقىنى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئەمدى مەن سېنىڭ ئەمەس !
ئەمدى مەن سېنىڭ ئەمەس !
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئىككى پارچە خەت (مەڭگۈلۈك ئايرىلىشنىڭ سەۋەبى)
ئىككى پارچە خەت (مەڭگۈلۈك ئايرىلىشنىڭ سە
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئەي ئۇلۇغ ئاتا-ئانا
ئەي ئۇلۇغ ئاتا-ئانا
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ناننىڭ كۆيۈكى
ناننىڭ كۆيۈكى

پىكىر ئالماشتۇرۇڭ   بىزنى قوللاڭ   بىزدىن پايدىلىنىڭ   بىزنى بىلۋىلىڭ
       
ئالاقىلىشڭ تەكلىپ-پىكىر ئېلان بىرىڭ بېكەت ھەققىدە
سەيناغا كىرىڭ ئەزا بولوڭ ھەمكارلىشىڭ سەھىپىلەر
  ئۇلىنىش قوشۇش ئۇچۇر يوللاڭ مۇلازىمەتلىرىمىز
  بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ   بېكەت لوگوسى ئەسەر يوللاڭ بېكەت رەسمىيەتلىرى
 
 
 
 

 

   

工信部备案:新ICP备11000444号

乌鲁木齐市公安局网络支队备案号-6501201108002 Copyright© 2010-2014 SalamURUMQI.Com