Www.SalamUrumqi.Com - سالام ئۈرۈمچى ئونۋېرسال تور بېكىتى - 萨拉穆乌鲁木齐娱乐资讯门户网
مىقلاڭ ئەسەر يوللاڭ تىزىملىتىڭ
ساقلىۋىلىڭ ئۇچۇر يوللاڭ مەرھەمەت
 
 
 


ياشاشتىكى جەسۇرلۇق

ياشاشتىكى جەسۇرلۇق

    ئۇنىڭ كۆزى 10 نەچچە يىل ئىلگىرىكى بىر قېتىملىق زور ئوت ئاپىتىدە ئەما بولۇپ قالغانىدى. ئۇنىڭ خوتۇنىمۇ شۇ ئىشتا ئىككى پۇتىدىن ئايرىلغانىدى.

   ئوغۇل كىچىك ۋاقتىدا ئاتا - ئانىسىنى خورلۇق تارتتى، دەپ قاراپ ئۇلارغا چەكسىز مېھىر - مۇھەببەت ئاتا قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇلارغا ياردەملىشىپ ھاسا - تاياقلىرىنى قولىغا ئېلىپ بېرەتتى. شۇ تەرىقىدە بۇ بىر ئائىلە كىشىلىرى خۇشال - خۇرام ھەم بەختلىك تۇرمۇش كەچۈردى.

   ھەش - پەش دېگۈچە ئوغۇل 12 ياشقا كىردى. 12 ياشلىق ئوغۇل بىردىنلا ئۆز ئائىلىسىنىڭ باشقىلارنىڭ ئائىلىسىگە ئوخشىمايدىغانلىقىنى ھېس قىلدى. ئۇ باشقىلارنىڭ ئاتا - ئانىسى بىلەن ئۆز ئاتا - ئانىسىنى سېلىشتۇرۇپ ئىنتايىن ئازابلاندى. بولۇپمۇ باشقىلارنىڭ مەسخىرىسىگە ئۇچرىغاندىن كېيىن، ئوغۇلنىڭ خورلۇق تۇيغۇسى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتى، ئۇ ھەمىشە كەچكى شەپەققە قاراپ تۇرۇپ مۇنداق ئويلايتتى: نېمە ئۈچۈن مېنىڭ ساغلام - بېجىرىم ئاتا - ئانام يوق؟

   بىر كۈنى يامغۇر ياغدى. ئوغۇل تۇنجى قېتىم ئاتىسى بىلەن ئانىسىنىڭ ھاسىسىنى ئېلىپ بەرمىدى. دەسلەپتە ئانىسى ھاسىسى بولمىغاچقا، يامغۇردا يىقىلىپ چۈشۈپ، يەنە ئۆمىلەپ ماڭدى، ئاندىن ئاتىسى يىقىلىپ چۈشتى، ئۇ يەرنى سىيلاشتۇرۇپ ماڭدى، ئۇنىڭ ئۈستىبېشى خوتۇنىغا ئوخشاش لاي بولۇپ كەتتى.

   ئاتا - ئانىسىنىڭ قىيىن ھالىتىنى كۆرۈپ، ئوغۇلنىڭ قەلبىدە بىر ئويغىنىش ۋە ئويلىنىش پەيدا بولدى. ئۇلارنىڭ ياشىشىغا تۈرتكە بولۇۋاتقان نەرسە زادى نېمە؟ ئەگەر ئۆزى ئاشۇلارغا ئوخشاش بولغان بولسا، ئاللىبۇرۇن ئۆلۈۋالغان بولاتتى. بۇ دۇنياغا گۇناھ قىلىش ئۈچۈن ياشىغىلى كەلگەنمۇ؟ ئۆيگە قايتىپ بارغاندىن كېيىن، ئوغۇل ئاتا - ئانىسىدىن سورىدى:

   ـــــ ئاتا، ئانا، سىلەر مۇشۇ ھالغا چۈشۈپ قالدىڭلار، سىلەرنىڭ ياشىشىڭلارغا تۈرتكە بولۇۋاتقان كۈچ زادى نېمە؟ ئەگەر سىلەر بىلەن مېنىڭ ئورنۇم ئالمىشىپ قالغان بولسا...

   ئاتىسى دەسلەپتە ھەيران قالدى، ئاندىن:

   ـــــ سېنىڭچە مېنىڭ ياشىغۇم بارمۇ؟ - دېدى.

   ئانىسىمۇ دەسلەپ ھەيران قالدى، ئاندىن:

   ـــــ مېنىڭ قارىشىممۇ ئاتاڭنىڭ قارىشى بىلەن ئوخشاش، - دېدى.

   ـــــ ئۇنداقتا؟ - دېدى ئوغۇل.

   بىراق ئۇلار گەپ قىلمىدى. ئوغۇلنىڭ جاۋابنى بەكلا ئاڭلىغۇسى بار ئىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ قوشنىسىدىن سورىدى.

 

   قوشنىسى بېشىنى چايقاپ تۇرۇپ جاۋاب بەردى:

 

   ـــــ ئۇ قېتىمقى ئوت ئاپىتىدە ئاتاڭنىڭ كۆزى، ئاناڭنىڭ پۇتى كۆيۈپ كەتكەن. ئۇلار ئىنتايىن ئۈمىدسىزلىنىپ، بىرلىكتە كۆلگە سەكرەپ ئۆلۈۋالماقچى بولغان. ئۇلار ئۆلۈۋېلىشقا تەرەددۇت قىلىۋاتقان ۋاقىتتا، ئويلىمىغان يەردىن سەن ئاپىرىدە بولدۇڭ! بالام، سەن دەل ئۇلارنىڭ ياشىشىغا تۈرتكە بولۇۋاتقان جەسۇر كۈچ!

   ئوغۇل بۇ گەپنى ئاڭلاپ ھەيران قالدى، ئۇ ئۆيگە بېرىپ ئاتا - ئانىسىنى چىڭ قۇچاقلاپ تۇرۇپ:

   ـــــ ئاتا، ئانا، مەن سىلەرگە يۈز كېلەلمەيمەن...، - دېدى.

 ما شياۋجۈن

(ئەسقەر ئەھمىدى تەرجىمىسى)

مەنبە : جۇڭگوئۇيغۇرچە رادىئو تورى

         كۆرۈلۈشى:1057     قوشۇلغان ۋاقتى:2011/7/23 17:55:17يوللىغۇچى ئەزا:

 
   

   ئاۋات ئەسەرلەر

ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:روزى گۈلباي (تاجىك) رۇبائىيلىرى
روزى گۈلباي (تاجىك) رۇبائىيلىرى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ھەر قايسى پەن ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئەرلەرگە بەرگەن باھاسى;
ھەر قايسى پەن ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئەرلەرگە
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:تەنھالىق ساداسى
تەنھالىق ساداسى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:مازار چاشقىنى
مازار چاشقىنى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئەمدى مەن سېنىڭ ئەمەس !
ئەمدى مەن سېنىڭ ئەمەس !
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئىككى پارچە خەت (مەڭگۈلۈك ئايرىلىشنىڭ سەۋەبى)
ئىككى پارچە خەت (مەڭگۈلۈك ئايرىلىشنىڭ سە
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئەي ئۇلۇغ ئاتا-ئانا
ئەي ئۇلۇغ ئاتا-ئانا
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ناننىڭ كۆيۈكى
ناننىڭ كۆيۈكى

پىكىر ئالماشتۇرۇڭ   بىزنى قوللاڭ   بىزدىن پايدىلىنىڭ   بىزنى بىلۋىلىڭ
       
ئالاقىلىشڭ تەكلىپ-پىكىر ئېلان بىرىڭ بېكەت ھەققىدە
سەيناغا كىرىڭ ئەزا بولوڭ ھەمكارلىشىڭ سەھىپىلەر
  ئۇلىنىش قوشۇش ئۇچۇر يوللاڭ مۇلازىمەتلىرىمىز
  بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ   بېكەت لوگوسى ئەسەر يوللاڭ بېكەت رەسمىيەتلىرى
 
 
 
 

 

   

工信部备案:新ICP备11000444号

乌鲁木齐市公安局网络支队备案号-6501201108002 Copyright© 2010-2014 SalamURUMQI.Com