Www.SalamUrumqi.Com - سالام ئۈرۈمچى ئونۋېرسال تور بېكىتى - 萨拉穆乌鲁木齐娱乐资讯门户网
مىقلاڭ ئەسەر يوللاڭ تىزىملىتىڭ
ساقلىۋىلىڭ ئۇچۇر يوللاڭ مەرھەمەت
 
 
 


مىللىتىمىزنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشتىكى ئەدەپ-ئەخلاق يوسۇنلىرى(4)

 6 .  قوشنىدارچىلىقتىكى ئەدەپ - ئەخلاق
     ئائىلە __ جەمئىيەتنى تەشكىل قىلغۇچى مۇھىم ھۈجەيرىدۇر، جەمئىيـەت ئەخلاقـىـنـىـڭ سـاغلام بولۇش - بولماسلىقى شۇ جەمئىيەتنى تەشكىل قىلغۇچى ھەربىر ئائىلىنىڭ، ھەربىر ئائىلە ئەزاسىـنـىـڭ ئەخلاق ساپاسىغا باغلىق. تامچە سۇدىمۇ قۇياش نۇرى ئەكس ئەتكـىـنـىـگـە ئوخـشـاش، بـىـر پـۈتـۈن جەمئىيەتنىڭ ئەخلاق ساپاسىنى مەلۇم بىر ئائىلىنىڭ ئەخلاق - پـەزىـلـىـتـىـدىـن، جـۈمـلـىـدىـن شـۇ ئائىـلـە ئەزالىرىنىڭ ئەخلاق - پەزىلەتتىكى ئەمەلىي ئىپادىسىدىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. جەمئىيەت ئەخلاقىنـىـڭ قانداق بولۇشى ئائىلە ئەخلاقىغا مۇناسىۋەتلىك بولغىنىدەك، ئائىـلـە ئەخلاقـىـنـىـڭ قـانـداق بـولـۇشـىمۇ قوشنىدارچىلىق ئەخلاقىنىڭ قانداق بولۇشىنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرىدۇ. شۇڭا، قوشنىدارچىلىقتىكى ئەدەپ - ئەخلاقـنـىـڭ ئىـجـتـىـمـائىـي مۇناسىۋەتتىكى ئورنى ۋە رولىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ.
     كۈندىلىك تۇرمۇش، ئولتۇراقلىشىش ئېھتىياجى كىشىلەرنىڭ ئۆزئارا قوشنا بولـۇشـىـنـى ھـەمـدە قوشنىدارچىلىق مۇناسىۋەتنى شەكىللەندۈرگەن. دۇنيادا يالغۇز دەرەخ ئورمان ھېسابلانمىغىنىدەك، كىشىلىك تۇرمۇشتا ھېچكىم قوشنىدارچىلىقتىن مـۇسـتـەسـنـا ئەمـەس. ئەجدادلىرىمىز قوشنىدارچىلىققا ئىنتايىن ئەھمىيەت بەرگەن بولۇپ، ئۇزاق تارىخىي تەرەقـقـىـيـاتلارغـا ئەگىشىپ، قوشنىدارچىلـىـقـنـىـڭ نـۇرغـۇن قـائىـدە - يـوسـۇنـلـىـرىـنـى شـەكـىـلـلـەنـدۈرگـەن ۋە مۇكەممەللەشتۈرگەن، بۇ جەھەتتە مىللىتىمىزنىڭ ئۆزىگە خاس ئۆرپ - ئادىتى، ئۆزگىچە گۈزەل ئەنئەنىسى بـار. بۈگۈنكى كۈندە، زامانىمىزدىكى مۇتلەق كۆپ سانلىق ئائىلىلەردە، بولۇپمۇ يېزا - قىشلاقلاردا قوشنىـدارچـىـلـىـقـنـىـڭ قائىدە - يوسۇنلىرىغا ئەمەل قىلىنىپ، تۇرمۇشتا ئەپ، ئىناق ئۆتۈشتەك گۈزەل ئەنئەنىـگـە ۋارىـسـلـىـق قىلىنىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما، بىرقىسىم ئائىلىلەر، بولۇپمۇ شەھەر - بازارلاردىكـى بـەزى ئائىـلـىـلـەر قوشنىدارچىلىق مۇناسىۋىتىگە دېگەندەك ئەھمىيەت بېرىپ كېتەلمىگەنلىكتىن، كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا قـولـۇم - قـوشـنـىلار ئەپ ئۆتمەسلىك، سۈركىلىش پەيدا قىلىش ھەم زىددىيەتلىشىشتەك تېگىشلىك بولمىغان ناچار ئامىللارنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى دائىم دېگۈدەك ئۇچرىتىپ تۇرىمىز. قوشنىدارچىلىق تۇرمۇشتىكى بىرقەدەر نازۇك مۇناسىـۋەتـلـەردىـن بىرى بولغاچقا، ئاددىيلىقتىن مۇرەككەپلىككىچە بولغان نۇرغۇنلىغان مەسىلىلەر تۈرلۈك ئۇچرىشىـشلاردا يا ئۇنداق، ياكى مۇنداق ئىپادىلىنىپ، قولۇم - قوشنىلارنىڭ ئۆزئارا مۇناسىۋىتىگە بىۋاسـىـتـە تـەسـىـر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا، قوشنىدارچىلىق ئەخلاقىغا بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بەزى مۇھىم قـائىـدە - يـوسـۇنلارنـى دائىم تەكىتلەپ تۇرۇش زۆرۈر.
     جەمئىيەتنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشى، شەھەرلىشىش يۈزلىنىشى، تۇرمۇش رىتىمىمـىـزنـىـڭ بارغانسېرى تېزلىشىپ كېتىشىدەك ئامىللار بەزى تارىختىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن نۇرغۇن قائىدە - يوسۇنلىرىمىزنـى ئاستا - ئاستا ئۆزگەرتىۋەتتى ياكى سۇسلاشتۇرۇۋەتتى. شەھەر - بازارلاردا ئېگىز بىنالاردا ئولتۇراقلىشىش كۈنـدىـن - كـۈنـگـە ئومۇملىشىپ، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىـسـىـدە بۇرۇلۇش بـولـغـانـسـېـرى، قـوشـنـىـدارچـىـلـىـق مۇناسىۋەتلىرى ئۇنتۇلۇپ ياكى چاكىنىلىشىپ، بەزى كىشىلەردە سالام - سـەھـەتـكـە سـەل قـاراش، ئۆزئارا كـىـرىـپ - چىقىشنى ۋە ئۆزئارا ياردەملىشىش، ئىللىقلىق يەتكۈزۈشنى بىلمەسلىك، ھەتتا ئۆز قوشنـىـلـىـرىـنـىـمـۇ تونۇماسلىق قاتارلىق زامانىۋى ئىللەتلەر ھەقىقەتەن مەۋجۇت بولماقتا.
     ھەممىگە مەلۇم بولغىنـىـدەك، ئەدەپ - ئەخلاقنىڭ مۇقەددىمىسى «ئەسسالامۇئەلەيكۇم»دىن باشـلـىـنـىـدۇ. بـىـز بـۇ يـەردە تـەكـىـتـلـەۋاتـقـان قوشنىدارچىلىقتىكى ئەدەپ - ئەخلاق مەسىلىسىمۇ ئالدى بىلەن سالام - سەھەت بىلەن ئىزىغا چۈشىـدۇ. شـۇڭـا، قوشنىلار ھەر كۈنى سەھەردە ئۇچراشقاندا ئۆزئارا قائىدىلىك سالام بېرىش ۋە «ئەسسالامـۇئەلـەيـكـۇم، خەيرلىك سەھەر!»، «تىنچ - ئامان تۇرۇپسىزمۇ؟»، «ئوبدان قوپتىڭىزمۇ؟» دېگەندەك سۆزلەر بـىـلـەن تىنچ - ئامانلىق سورىشى، كەچلەردە ئۇچراشقاندا «خەيرلىك كەچ»، «ياخشى چۈش كۆرۈڭ»، «ئامـان بولۇڭ...» دەپ خوشلىشىشلىرى زۆرۈر. ھازىر مۇشۇ ئەقەللىي ساۋاتنىمۇ نۇرغۇن كىشىلەر بىلمەيدۇ (بىلىپ تۇرۇپ ئەمەل قىلمىغانلارنى بىلمەسلەردىن سانايمىز.) بەزى كىشىلەر قوشنىلىرى بىلەن ئۇچراشقاندا سالاملىـشـىـش سۆزلىرىنى تىلغا ئېلىشنى قىيىن ئىش دەپ قارامدۇ ياكى ئادەتتىكى تىنچلـىـق سـوراش سـۆزلـىـرىـنـى ئۆگەنمىگەنمۇ، ئىشقىلىپ ئۆزىگە «مۆرىمەس» ئادەتنى يۇقـتـۇرۇۋالـغـانـكـى، قـوشـنـىـلـىـرى بـىـلـەن سالاملىشىشقا خوشى يوق. بەزىلەر ئۆزئارا ئۇچراشقاندا قائىدىلىك سالاملىشىشتىكى قىزغىـن، خـۇشـال - خۇرام، يۈكسەك ئىززەت - ھۆرمەت تۈسىنى يوققا چىقىرىپ، بىلىنەر - بىلىنمەس باش لىـڭـشـىـتـىـپ قويۇشنى سالاملىشىش ئادىتىگە ئايلاندۇرۇۋالغان. بۇنداق بىمەنە قىلىقنى سالاملىشىش ياكى ئەخلاق جۈملىسىدىن دېگىلى بولمايدۇ.
     قوشنىلار بىر - بىرىنىڭ ئارام ئېلىشىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان ئىشلاردىن ساقلـىـنـىـشـى كـېـرەك. مەسىلەن، ئاخشىمى بالدۇرراق يېتىپ ئارام ئالمايدىغان، ئەتىسى سەھـەر تـۇرمـايـدىـغـان يـاكـى تـاڭ يورۇماستىلا ئورۇندىن تۇرۇۋالىدىغان ئادەتلەر قوشنىدارچىلىققا تەسىر يـەتـكـۈزىـدۇ. ئاخـشـامـلـىـرى مۇۋاپىق ۋاقىتتا يېتىپ ئارام ئالمىسىڭىز، ئۆيىڭىزدىكى پاراڭ، تېلېـۋىـزور، ئۈنئالـغـۇلارنـىـڭ ئاۋازى ۋە تۈرلۈك تاراق - تۇرۇقلار بېسىقمايدۇ - دە، قوشنىلىرىڭىزنىڭ ئارام ئېلىـشـىـغـا دەخـلـى قـىـلـىـسـىـز. ئەتىگىنى بەك بالدۇر تۇرۇۋالىدىغان ئادىتىڭىز بولسا، قوشنىڭىزنىڭ ئورنىدىن تۇرغان - تۇرمـىـغـىـنـىدىن پەرۋايىڭىز پەلەك ھالدا ۋاراڭ - چۇرۇڭ قىلسىڭىز يـاكـى رادىئو، ئۈنئالـغـۇلـىـرىـڭـىـزنـى بـولـۇشـىـغـا ياڭراتسىڭىز، بۇمۇ قوشنىڭىزنى ھۆرمەتلىمىگەنلىكىڭىز بولىدۇ. ياز كۈنلىرى چۈشتە، كىشىلـەر مەلۇم ۋاقىت يېتىپ ئارام ئالىدۇ، بۇنداق چاغلاردا قوشنىلارنىڭ ئارام ئېلىشىنى كۆزدە تۇتۇش، تىنچلىقـنـى ساقلاش كېرەك. بولۇپمۇ زاۋۇت، ماگىزىن قاتارلىق مۇلازىمەت ئورۇنلىرىدا ئىشلەيـدىـغـان قـوشـنـىلار بەزىدە گۇرۇپپا ئالمىشىپ كېچىلىرى ئىشلەپ، كۈندۈزلىرى ئارام ئالىدىغان بولغاچـقـا، ئۇلارنـىـڭ ئارام ئېلىشىغا تەسىر يەتكۈزمەسلىك لازىم. تەھقىقكى، ئۆي ئەتراپى، مەھەللە - كوينىڭ تىنچلىقىنى ساقلاش ھەربىر قوشنىنىڭ باش تارتىپ بولماس مەجبۇرىيىتى.
     تۇرمۇشتا  ئەر - خوتۇنلار ئارا گەپ تالىشىش، تەگىشىش، قىزىرىشىپ قېلىشتەك ئىشلار يۈز بېرىشى مۇمكىن. بۇنداق چاغدا، يەنىلا قوشنىڭىزنى نەزەردە تۇتۇشنى ئۇنتۇماي، يۇقىرى ئاۋازدا ۋارقىراپ - جارقىراشتىن ئۆزىڭىزنى تۇتالىسىڭىز، بىردەملىك ئاچچىق سەۋەبىدىن ئۆزىڭىزنىڭ چاۋىسىنى ئۆزىڭىز چىتقا يېيىشتىن، قوشنىلار نەزىرىدە ئائىلىسى ئىناق ئەمەسكەن، ئۆكتەم - ئۇرۇشقاق خەقكەن، دېگەندەك چۈشەنچىنى پەيدا قىلىپ قويۇشتىن ساقلىنالايسىز.
     سەپەرگە چىقماقچى بولسىڭىز ياكى بىرقانچە كۈنگىچە ئۆيگە قايتىپ كەلمەيدىغان بولغىنىـڭـىـزدا، قوشنىلىرىڭىز بىلەن خوشلىشىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ؛ قايتىپ كەلگەندە قوشنىلاردىن ئامان - ئېسەنلـىـك سوراش سەمىڭىزدە بولسۇن. قوشنىڭىز بىريەرگە كەتسە، ئۇنىڭ ئۆيى ۋە نەرسىلىرىگە كۆز - قۇلاق بولۇپ قويۇڭ. قوشنىڭىز بىلەن بىرقانچە كۈنگىچە كۆرۈشۈش پۇرسىتى بولمىـغـانـدىـن كېيىن ئۇچراشقاندا، «يېقىندىن بۇيان ئالدىراش بولۇپ كەتتىڭىزمۇ؟»، «كۆرۈنمەيسـىـزغـۇ؟»، «بـىـر يەرگە بېرىپ كەلدىڭىزمۇ؟» دېگەندەك تەكەللۇپ - تۈزۈت سـۆزلـىـرى بـىـلـەن ئەھـۋالـلـىـشـىـشـنـى ئۇنـتـۇپ قالمىغايسىز. ئەكسىچە، قوشنىڭىز ئۆيىدە بار - يوقلۇقى، ھەتتا ئۆلەر - تىرىلىشى بىلەن كارىڭىز بولمىسـا، بـۇمـۇ قـوشـنـىـڭـىـزغـا كۆڭۈل بۆلمەيدىغانلىقىڭىزنى ئىپادىلەپ قويىدۇ. قوشنىلار ئۆزئارا بىر - بىرىگە مەسئۇل بولۇشى كېرەككى، ھېچكىم بىلەن ھېچكىمنىڭ كارى بولماسلىقمۇ قوشنىدارچىلىققا يات ئىللەتتۇر.
     توي - تۆكۈن، نەزىر - چىراغ، مېھمان چاقىرىش قاتارلىق ئىشلارغا تۇتۇش قـىـلـغـانـدا، ئالـدى بىلەن بۇ ئىشتىن قوشنىلىرىڭىزنى خەۋەرلەندۈرۈڭ. ئەگەر مۇۋاپىق دەپ قارىسىڭىز، قوشنىڭىزنىمۇ چاقىرىپ قويغىنىڭىز ياخشى. قوشنىڭىز ئۆزىنىڭ ئائىلە ئىشلىـرى تـوغـرىـلـىـق سىزگە مەسلىھەت سالسا، مۇۋاپىق مەسلىھەت بەرسىڭىز بولىدۇ، ئەمما قوشنىڭىز سـىـزگـە دېـمـىـگـەن ئىشلار ياكى دېيىشنى خالىمىغان، دېيىشكە تېگىشلىك بولمىغان ئىشلارغـا ئارتـۇقـچـە كـۆڭـۈل بـۆلـۈپ كەتمەڭ، گەپ كوچىلىماڭ. قوشنىڭىزنىڭ ئىچكىي ئىشلىرىغا ئارىلاشماڭ، قوشنىلارنىڭ بەزىبىر ئەيىب - نۇقسانلىرى توغرىسىدا ۋە قوشنىلار ئوتتۇرىسىدا گەپ تـوشـۇمـاڭ، ئوتتۇرىدىن گـەپ ئۆتكۈزمەڭ، گەپ يورغىلاتماڭ. ئائىلىدىكى قانداقتۇر بىر ئىشلارنى قوشنىلارنىڭكىگە سېلىشتۇرۇپ ماختىنىش، كەمسىتىشكە ياتىدىغان سۆزلەرنى قىلىش،      قوشنىسىنىڭ ئائىلە ئەزالىرىنى ئەيىبلەش، قوشنىسى ھەققىدە ئۆزگىلەرگە دادلاش قاتارلىقلار ئەخلاق ئىگىسىگە ياراشمايدۇ. ئۆيدە بولۇنغان ھەممە گەپ - سۆز، ئىش - ھەرىكەتلەرنى قوشنىلارنىڭ ئۆيىگە، قوشنىلارنىڭ ئۆيىدە بولۇنغان گەپ - سۆزلەرنى ئۆز ئۆيىگە كۆتۈرۈپ چىققۇلۇق ئەمەس.
قوشنىڭىز توي - تۆكۈن، چوڭراق مېھماندارچىلىق ۋە ئۆلۈم - يېتىم ئىشلىرى بىلەن بولـغـانـدا، ھەرقانداق جىددىي ئىشىڭىز بولسىمۇ قويۇپ، قوشنىڭىزنىڭ يېنىدا بولۇشىڭىز، ئىشلىرىـغـا ھـىـمـمـەت كۆرسىتىشىڭىز جايىزدۇر. ھېيت - ئايەملەردە، ئەڭ ئالدى بىلەن، قوشنىلىرىڭىزنىڭ ئۆيـىـگـە پـەتـىـگـە كىرىڭ. قوشنىلار ئۆيىدە ياكى دوختۇرخانىدا ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغان بولسا، ۋاقىتنى كەيـنـىـگـە سوزماي ۋاقتىدا يوقلاپ تۇرۇش، ھالىدىن خەۋەر ئېلىش، تەسەللىي بېرىش قوشنـىـدارچـىـلـىـقـنـىـڭ ھەققىدۇر.
     بەزى ئىشلارنى قىلماقچى بولغاندا، بولۇپمۇ قوشنىلارنىڭ مەنپەئەتىگە چېتىشلىـق يـاكـى يـېـقـىـن تۇرىدىغان ئىشلارنى قىلماقچى بولغاندا، قوشنىلار ئۆزئارا مەسلىھەتلەشكىنى تۈزۈك. يېزا - قىـشلاقلاردا زىرائەتلەرنى سۇغارماقچى بولغاندا، ئايرىم ساندىكى قوشنىلارنىڭ بىر - بىرىگە يول قويماسلىـقـى، سـۇ تۇتۇشتا نۆۋەت تالىشىشلىرى، سۇ تالىشىشلىرى قوشنىدارچىلىققا يات، يامان قىلمىشتۇر. ئۆي ئەتراپىـغـا تام سوقۇش، ھاجەتخانا سېلىش، چەللە - باراڭ ياساش، كۆل ياكى ئېرىق چېپىش، كۆچەت تىكىش قاتارلـىـق ئىـشلارنـى قىلىشقا باشلاشتىن بۇرۇن، «مەن مۇنداق بىر ئىشنى قىلاي دەپ ئويـلـىـغـان...» دېـگـەنـدەك تـۈزۈت سۆزلەر بىلەن گەپ باشلاپ، ئەھۋالنى قوشنىلارنىڭ سەمىگە سالغان ۋە مەسلىھـەت ئالـغـان يـاخـشـى. گەرچە، قىلىۋاتقان ئىشىڭىز ياكى قىلماقچى بولغىنىڭىز ئۆزىڭىزگە توغرا ھەم يوللۇق بولغىنى بـىـلـەن، ئۆزىڭىز بىلگەنچە ئىش قىلىشىڭىز كۆپ ھاللاردا قوشنىلار ئارا كۆڭۈل ئاغرىقى پەيدا قىلىپ قويىدۇ، ھەتـتـا جېدەل - ماجىراغا سەۋەب بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.
     نۇرغۇن ئائىلىلەردە ھاجەتخانىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرماسلىق ئەھۋاللىرى مەۋجۇت. ھاجەتخانىنى ئەڭ ياخشىسى ھويلىڭىزنىڭ ئىچىگە، ئەتراپنىڭ ھاۋاسىنى بۇلغىمايدىغان قىلىپ سالغىنىڭىز ھەم ئۇنى ۋاقتى - قەرەلىدە تازىلاپ، دېزىنفېكسىيە قىلىپ تۇرغىنىڭىز تۈزۈك، بۇمۇ قوشنىدارچىلىقتىكى مۇھىم ئىشلارنىڭ بىرسى. بۇنداقتا، قوشنىلار، يولدىن ئۆتكۈچىلەر ۋە مەھەللىڭىزگە كەلگەن كىشىلەرنىڭ بۇلغانغان ھاۋا سەۋەبلىك سىزگە لەنەت ئوقۇشىدىن خالىي بولالايسىز. كۈندىلىك تۇرمۇشتا مۇنداق ئەھۋالغىمۇ دۇچ كېلىپ تۇرىمىز: بەزى ئائىلىلەرنىڭ ئىشىك ئالدىدىن ئۆتكەندە، قانداقتۇر بىر خىل غەيرىي ياكى سېسىق پۇراقلار دىمىغىمىزغا ئۇرۇلىدۇ - دە، كۆڭلىمىز بىر قىسما بولۇپ قالىدۇ. بۇنداق پۇراق كۆپىنچە شۇ ئۆيدىكى يېمەك - ئىچمەك قاتارلىق نەرسىلەرنىڭ بۇزۇلغانلىقىدىن پەيدا بولىدۇ. ئادەتتە، شۇ ئائىلە كىشىلىرى ئۇ خىل پۇراققا كۆنۈپ قېلىپ ئاسانلىقچە ھېس قىلالمايدۇ. بۇ بىر نازۇك مەسىلىكى، ئۆيىڭىزدە دائىم غەيرىي پۇراق مەۋجۇت بولسا، سىزنىڭ قوشنىلار ئارىسىدىكى ئوبرازىڭىزغا تەسىر يېتىدۇ. شۇڭا، ئائىلە تازىلىقىغا دىققەت قىلىش، يېمەك - ئىچمەكلەرنى، بولۇپمۇ گۆش تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى ئۇزاق ساقلىماسلىق لازىم. ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن ھويلا - ئارام، كوچا - مەھەللە تازىلىقىغا پەرھىز ئورنىدا مۇئامىلە قىلىپ كەلگەن خەلق. ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ھەر كۈنى سەھەر تۇرۇپ تۇنجى قىلىدىغان ئىشى ئۆي ئىچى، كارىدور، ھويلا - ئارام، كوچا - مەھەللىنى سۈپۈرۈپ سۇ سېپىش بولىدۇ. ئەمما، ھەممە ئادەمنىڭ بۇ گۈزەل ئەنئەنىگە ئەمەل قىلىپ كېتەلىشى ناتايىن. بەزى چاغلاردا قوشنىڭىز مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بۇ ئىشلارنى قىلالماسلىقى مۇمكىن. مۇبادا، قوشنىڭىزدا پاكىزلىكنى سۆيىدىغان ئادەت كەمچىل بولسا، سىز سەۋرچان بولۇڭكى، ئۆزىڭىزنىڭ ئىشىك ئالدىنىلا تازىلاپ، قوشنىڭىزنىڭ ئىشىك ئالدىنى ئايرىپ قويۇشتىن نومۇس قىلىڭ، قوشنىڭىزنىڭ ئىشىك ئالدىنى تازىلاپ قويغىنىڭىز ئۈچۈن مىننەت قىلماڭ. قوشنىڭىز ئىشىك ئالدىڭىزنى تازىلاپ قويغان بولسا، ئۇنىڭغا رەھمەت ئېيتىشىڭىز كېرەككى، ھەرگىزمۇ «بىزنى مەينەت كۆرۈۋاتامسەن؟ تازىلىق قىلىشنى بىزگە ئۆگىتىپ قوياي دەۋاتامسەن؟» دەپ ئويلاپ تاپا - تەنە قىلماڭ. دۇنيادا قۇياش نۇرى ئاستىدا ئېرىمەيدىغان مۇز بولمىغىنىدەك، ياخشى خۇلق - مىجەز، مېھىر ئاپتىپىدىن تەسىرلەنمەيدىغان بىرمۇ ئىنسان يوق. كۈنلەرنىڭ بىرىدە، ئاشۇ قوشنىڭىزنىڭ سىزگە ھەمدەم بولۇپ، كارىدور، كوچا - مەھەللىنىڭ تازىلىقى ئۈچۈن ئورتاق كۈچ چىقىرىدىغان، بېشىڭىزغا كۈن چۈشكەندە خەيرخاھلىق قىلىشنى بىلىدىغان بىر ياخشى قوشنىغا ئايلىنىشىدا شەك يوق.
     ئىشىكىڭىزنىڭ ئىچىدە تۇرۇپ سىرتقا سۇ چاچماڭ، دېرىزىڭىزدىن تاماكا قالدۇقى دېگەندەك نەرسىلەرنى سىرتقا ئاتماڭ. قوشنىڭىـزنـىـڭ ئىـشـىـكـى ئالـدىـغـا يـۇنـدا تۆكمەڭ، ئەخلەت تاشلىماڭ، ئەخلەتلەرنى سىيرىپ - سۈپۈرۈپ ئەكېلىپ، قوشنىڭىزنىڭ ئىشىك ئالدىغا دۆۋىلەپ قويىدىغان ئىشنى ھەرگىز قىلماڭ. بىنادىن يوللارغا، قوشنىڭىزنىڭ ئۆگزىسىگە، ھويلىسىغا بىـرنـەرسـىـلـەرنـى تاشلاشتىن ھەزەر ئەيلەڭ. بىنا ئۆيلـەردە بولسىڭىز، بالكونلاردىكى گۈل تەشتەكلىرىگە سۇ قۇيغاندا دىققەت قىلىڭكى، سۇ تۆۋەنگە تېشىپ چۈشسە بولمايدۇ. ئۆگزىدە قۇياش نۇرى مۇنچىسى بولسا، ئۇنىڭدىن سۇ تېشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش سەمىڭىزدە بولسۇن.
     ئوچۇق ھاۋانىڭ جۇدۇنى، تولۇن ئاينىڭمۇ يۈزىدە داغ بولغىنىدەك، دۇنيادا ئەيىب -نۇقـسـانـسـىـز ئادەم مەۋجۇت ئەمەس. قوشنىدارچىلىقتا بەزىدە ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن رەنجىشىپ قېلىشتىـن، تۈرلۈك سۈركىلىشلەردىن خالىي بولماق تەس. بۇنداق چاغلاردا، مۇۋاپىق پۇرسەت تېپىپ قوشنىـڭـىـز بىلەن سالماق، ئېغىر - بېسىق كەيپىياتتا سىرداشقىنىڭىـز ئەۋزەلـكـى، قـاتـمـال ۋەزىـيـەتـنـى ئارقـىـغـا سوزۇش، باشقا قوشنىلار ئۈستىدە يەنە باشقا قوشنىلارغا دەرد ئېيتىش، ئارقىدا غەيۋەت - شـىـكـايـەت قىلىش، سۆز - چۆچەك تارقىتىش ئەخلاق جۈملىسىدىن ئەمەس.
     مۇبادا، خوتۇنىڭىز قوشنىڭىزنىڭ خوتۇنى بىلەن جېدەللىشىپ قـالـسـا، بۇ ئىشتا كـىـمـنـىـڭ گـۇنـاھـكـار ئىكەنلىكىنى سۈرۈشتۈرۈشتىن قەتئىينەزەر، يەنىلا خوتۇنىڭىزغا ھاي بېرىپ، تەنقىد - تەربىيە قىلىشىڭىـز كـېـرەكـكـى، خوتۇنىڭىزنىڭ تەرىپىنى ئېلىپ، قوشنىڭىزنى ئەيىبلەشتىن ئۆزىـڭـىـزنـى تـارتـىـشىڭىز لازىم. ئەرلەر ئاياللارنىڭ بەزى ئىشلىرىغا، ئاياللار ئەرلەرنىڭ بەزى ئىشلىرىغا ئارىلاشمىغىنى ياخشى. شۇنـىـمـۇ تەكىتلەش زۆرۈركى، نۇرغۇن ئاتا - ئانىلار بالا ئارىسىغا كىرىش سەۋەبلىك قولـۇم - قـوشـنـىـلـىـرى بىلەن جېدەللىشىپ سوغۇقچىلىق پەيدا قىلىپ قويىدۇ. چوڭلارنىڭ بالا ئارىسىغا كىرىشى بىر خىل نادانلىـقـتـىـن بـاشـقـا نـەرسـە ئەمەس. بالىڭىز قوشنىڭىزنىڭ بالىسىدىن ئازار يېگەن بولسا، قوشنىڭىزنىڭ پەرزەنتىنى ئەيىبلەشتـىـن، ئۇرۇش ياكى سىلكىشتىن ئېھتىيات قىلىڭ. بالىڭىز قوشنىڭىزنىڭ بالىـسـىـنـى ئۇرغـان بـولـسـا يـاكـى سەۋەنلىك بالىڭىزدىن ئۆتۈلگەن بولسا، دەرھال قوشنىڭىزدىن ئەپۇ سورىشىڭىز كېرەك. پەرزەنتلىرىڭىزنى قوشنىڭىز ئالدىدا تەنقىدلىمەڭ، سىلكىمەڭ. ئانچە - مۇنچە سۈركىلىشلەر يۈز بەرگەندە، چوڭلار كىچىكلەر ئارىسىغا، ئەرلەر خوتۇنلار ئارىسىغا، خوتۇنلار ئەرلەر ئارىسىغا كىرمىسۇن.
     بەزى كىشىلەر تۈرلۈك ھايۋانلارنى بېقىشقا خۇشتار كېلىدۇ. ھايۋان بـاقـقـانـدا، قـوشـنـىلارنـىـڭ مەنپەئەتىگە زىيان سېلىشتىن ھەزەر ئەيلەش لازىم. مەسىلەن، كالا، قوي، توخۇ - ئۆردەكلىرىڭىزنـىـڭ قوشنىڭىزنىڭ زىرائەتلىرىگە كىرىشىدىن ساقلىنىشىڭىز كېرەك. ئىشىك ئالدىڭىزغا، ھويلىڭـىـزغـا ئىـت باغلايدىغان ئادىتىڭىز بولسا، ھەر كىم سىزدىن ھەزەر ئەيلەيدۇ. شۇڭا، ئىت باققـۇچـىلار ئىـتـنـى ئارقـا ھويلا، باغ قاتارلىق يەرلەرگە باغلاپ قويغىنى ياخشىراق. قوشنىڭىز ئالدىدا، ئۆي ھـايـۋانـلـىـرى، ئۆي قۇشلىرى ۋە تۈرلۈك نەرسە - كېرەكلىرىڭىزنى، شۇنداقلا تەبىئەت، جەمئىيەتتىكى ئىللەتلەرنى تىـلـغـا ئېلىپ تىللىماڭ. قوشنىڭىزنىڭ توخـۇ، تـوشـقـان، ئىـت، مـۈشـۈك، قـوي، ئۆچـكـە قـاتـارلـىـق ئۆي ھايۋانلىرى ھويلىڭىزغا ئۈسۈپ كىرسە ياكى گۈل - گىياھ، زىرائەتلىرىڭـىـزگـە زىـيـان يـەتـكـۈزسـە، ئۇلارنى ئۇرۇپ، تىللاپ غوۋغا كۆتۈرمەي، پەم بىلەن ھەيدەپ چىقىپ، قـوشـنـىـڭـىـزغـا تـاپـشـۇرۇپ بەرگىنىڭىز ياكى ئاچچىقلانماستىن قوشنىڭىزنى چاقىرغىنىڭىز تۈزۈك.
     سىزنىڭ ئۇ ھەپتىدىن - بۇ ھەپتىگىچە، ئۇ ئايدىن - بۇ ئايغىچە قوشنىڭىزنىڭ ئۆيـىـگـە يـېـقـىـن يولىمايدىغان ئادىتىڭىز بارمۇ؟ ئەگەر بۇنداق ئادىتىڭىز بولسا، سىزنى قوشنىدارچىلىقنى بـىـلـمـەسـلـەر قاتارىغا چىقىرىۋېتىش مۇمكىن، ھەتتا سىزنى قوشنىدارچىلىقتىكى مۇھىم ساۋاتلاردىن خـەۋەرسـىـز ساۋاتسىزلاردىن ساناش ئارتۇقلۇق قىلماس. بۇنداق ئادەتنى ئۆزىگە يۇقتۇرۇۋالـغـان كـىـشـىـلـەرنـىـڭ قوشنىدارچىلىقتىكى مۇناسىۋىتى سۇس ياكى ناچار بولىدۇ. قوشنىلار ئالدىراشچىلىق ئىچىدىن مۇۋاپـىـق ۋاقـىـت چـىـقـىـرىـپ، ئۆزئارا كىرىپ - چىقىش قىلىپ تۇرغىنى ئەۋزەلدۇر. قوشنىڭىزنىڭ ئۆيىگە پەقەتلا كىرمىسىڭىز، قوشنىڭىزغـا خۇددى: «مەن سېنىڭ ئۆيۈڭگە كىرمىگەندىكىن، سەنمۇ بىزنىڭ ئۆيگە كىـرمـە» دېـگـەنـدەك ئىـپـادە بىلدۈرۈپ قويۇشىڭىز مۇمكىن. ئارىلاپ قوشنىلارنى ياخشى غىزا - تـائاملارغـا تـەكـلـىـپ قـىـلـىـش، ياخشىراق تاماق ئەتكەندە، قوشنىلارغا بىرەر قاچا نېسىۋە سۇنۇۋېتىش، ۋاقـتـى - قـەرەلـدە قـوشـنـىلار بىلەن بىر يەرگە جەم بولۇپ پاراڭلىشىش، ھال - مۇڭ بـولـۇش، قوشنىلارنىڭ يىراقتىكى تۇغقانلىرى كەلگەندە، ئۇلارنى چاقىرىۋېلىش قاتارلىقلار قـوشـنـىـدارچـىـلـىـقـنـىـڭ مـۇھـىـم بەلگىلىرىدىندۇر. «قول قولنى يۇسا، قول قوپۇپ يۈزنى يۇيۇپـتـۇ» دېـگـەنـدەك، نـورمـال كـىـرىـپ - چىقىش قوشنىلار ئارا يېقىنچىلىقنى كۈچەيتىدۇ، ئۆزئارا ئىشەنچنى ئاشۇرىدۇ. ھـالـبـۇكـى، كـىـرىـپ - چىقىشمۇ ئەدەپ - قائىدە ئىچىدە بولۇشى شەرت. قوشنىڭىزنىڭ ئۆيىگە نىسبەتـەن، سـىـز ھـەرقـانـداق ئەھۋالدىمۇ مېھمان ھېسابلىنىسىز. قوشنىڭىز بىلەن ھەرقانچە يېقىن مۇناسىـۋەتـتـە بـولـۇشـىـڭـىـزدىـن قەتئىينەزەر، سىز يەنىلا قوشنىڭىزنىڭ ئائىلە ئەزاسى ئەمەس. شۇڭا،  قوشنىلارنىـڭ ئۆيـىـگـە ئالـدىـن ئۇقتۇرۇپ قويماي تۇيۇقسىز قەدەم تەشرىپ قىلىش، ئىشىك چەكمەيلا ئۈسۈپ كىرىش، ھـەر كـۈنـى دېگۈدەك كىرىپ ئولتۇرۇۋېلىش، قوشنىلار مېھمان كۈتۈۋاتقاندا چاقىـرىـلـمـىـغـان مـېـھـمـان بـولـۇپ قىستۇرۇلۇۋېلىش، ئەر قوشنا يالغۇز چاغدا ئايال قوشنىسى ئۇنىڭ ئۆيىگە كـىـرىـپ ئولـتـۇرۇش، ئايـال قوشنا يالغۇز بولسا، ئەر قوشنىسى ئۇنىڭ ئۆيىگە كىرىپ ئولتۇرۇش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىـسـى ئەدەپ - ئەخلاق جۈملىسىگە كىرمەيدۇ. قوشنىلارنىڭ ئۆيىگە كىرىپ، ئۇلارنىڭ ئائىلە سايمانلىرىغا خالىغـانـچـە قول تەگكۈزۈش، بىرەر نەرسىسىنى سورىمايلا ئېلىپ چىقىپ كېتىش قائىدىسىزلىكتىن باشقا نەرسە ئەمەس.
     ئادەم __ ئادەم بىلەن ئادەمدۇر. قوشنىلارنىڭ ئۆزئارا يار - يۆلەك بولۇشى، ئىشلاردا ياردەملىشىشى ۋە بىر - بىرىگە كۆيۈنۈشى ئېسىل ۋە ئالىيجاناب خىسلەت. ياخشى كۈنلەردە قوشنـىـڭـىـزنـىـڭ خۇشاللىق - شادلىقىغا ئورتاقلىشىپ، ياخشى كۈننىڭ يامىنى كەلگەندە قايغۇ ۋە دەرد - ئەلەمـلـەردىـمـۇ قوشنىڭىز بىلەن ئورتاقلىشالمىسىڭىز، ياردەمدە بولالمىسىڭىز، قىسقىسى جانغا ئەسقاتمىسىڭىز، ئۇ ھـالـدا سىزنى قوشنىدارچىلىققا يارىماسلاردىن ساناش كېرەك. قوشنىڭىزنىڭ بېشىغا كۈن چۈشكەندە، ئۇنىڭغا قۇربىڭىزنىڭ يېتىشىچە ياردەم بېرەلىسىڭىز، بۇ سىزنىڭ مەرد ھەم ئالىيجانابلىقىڭىزنى ئىپادىلەيدۇ. قوشنىڭىز بىرەر كۆڭۈلسىزلـىـكـكـە يـولـۇقـقـانـدا، بىلسىڭىزمۇ بىلمەسكە سېلىپ يۈرسىڭىز، بۇ، سىزنىڭ قوشنىدارچىلىققا يارىمىغانلىقىڭـىـزدىـن بـاشـقـا نەرسە ئەمەس.
     ئەقىل ئىگىلىرىگە مەلۇمكى، قوشنىدارچىلىقتىكى ئەدەپ - ئەخلاق ئۆلچەملىرىنىڭ دائىرىسى ئىنتايىن كەڭ بـولـۇپ، دىققەت قىلىش مۇھىم بولغان مەسىلىلەر يۇقىرىدا تىلغا ئالغانلىرىمىز بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ. نېمە قىلىش ۋە نېمىلەرنى قىلماسلىقنـى ئەقـىـلـلـىـق ئوقۇرمەنلىرىممۇ ھېس قىلىپ تۇرۇپتۇ ۋە ئويلاپ يېتەلەيدۇ. قوشنىدارچىلىقتىكى ئەدەپ - ئەخلاق ئۆلچەملىرىنى «يىـراقـتـىـكـى تۇغقاندىن يېقىندىكى قوشنا ياخشى» دېگەن ھېكمەتكە يىغىنچاقلاپ، بۇ ماقالەمنى ئاخىرلاشتۇرىمەن.

         كۆرۈلۈشى:1086     قوشۇلغان ۋاقتى:2012/4/24 10:50:14يوللىغۇچى ئەزا:

 
   

   ئاۋات ئەسەرلەر

ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:كىشىلىك ھايات پەقەت بىرنەچچە ۋاراق قەغەز
كىشىلىك ھايات پەقەت بىرنەچچە ۋاراق قەغەز
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:گۈل پىچىرلىشى
گۈل پىچىرلىشى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئۇستاز، ئوقۇغۇچىڭىزنىڭ ئىچكى ھېسسىياتىغا سەل قارىماڭ
ئۇستاز، ئوقۇغۇچىڭىزنىڭ ئىچكى ھېسسىياتىغا
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:كىتاب ئۇقۇشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى
كىتاب ئۇقۇشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:خىزمەت تاپماق نېمىشقا تەس؟
خىزمەت تاپماق نېمىشقا تەس؟
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:بىر چۈشكۈرگۈندە 20 مىڭچە باكتېرىيە چىقىدۇ؛
بىر چۈشكۈرگۈندە 20 مىڭچە باكتېرىيە چىقىد
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ھاياتلىق پەقەتلا ئۈچ كۈن ...
ھاياتلىق پەقەتلا ئۈچ كۈن ...
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:بۇ سەككىز سوئال سىزنى شۇھامان سەگەك قىلىدۇ!
بۇ سەككىز سوئال سىزنى شۇھامان سەگەك قىلى

پىكىر ئالماشتۇرۇڭ   بىزنى قوللاڭ   بىزدىن پايدىلىنىڭ   بىزنى بىلۋىلىڭ
       
ئالاقىلىشڭ تەكلىپ-پىكىر ئېلان بىرىڭ بېكەت ھەققىدە
سەيناغا كىرىڭ ئەزا بولوڭ ھەمكارلىشىڭ سەھىپىلەر
  ئۇلىنىش قوشۇش ئۇچۇر يوللاڭ مۇلازىمەتلىرىمىز
  بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ   بېكەت لوگوسى ئەسەر يوللاڭ بېكەت رەسمىيەتلىرى
 
 
 
 

 

   

工信部备案:新ICP备11000444号

乌鲁木齐市公安局网络支队备案号-6501201108002 Copyright© 2010-2014 SalamURUMQI.Com