Www.SalamUrumqi.Com - سالام ئۈرۈمچى ئونۋېرسال تور بېكىتى - 萨拉穆乌鲁木齐娱乐资讯门户网
مىقلاڭ ئەسەر يوللاڭ تىزىملىتىڭ
ساقلىۋىلىڭ ئۇچۇر يوللاڭ مەرھەمەت
 
 
 


مىللىتىمىزنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشتىكى ئەدەپ-ئەخلاق يوسۇنلىرى(3)

 4. ۋاقىتقا رىئايە قىلىش، ۋاقىتنى قەدىرلەش  __ ئىنسانىي سۈپەتنىڭ ئالدىنقى شەرتى
     ئادەم ئۈچۈن نېمە ئەڭ قىممەتلىك؟ ھايات، تۇرمۇش، مۇھەببەت، ئۆگىنىش، ئىجاد - ئىختىرا، تىرىكچىلىك، خىزمەت، دوستلۇق، ئەخلاق - پەزىلەت، ئابرۇي - ئىناۋەت، ئىززەت - ھۆرمەت، قەدىر - قىممەت، ۋىجدان - غۇرۇر، ۋاپا - ساداقەت، پۇل، مال - دۇنيا ... شۇنىڭغا ئوخشاش ئامىللارنىڭ ھەر بىرسى يۇقىرىقى سوئالغا جاۋاب بولالىشى مۇمكىن. ئەمما، تېگى - تەكتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بۇ ئامىللار سوئالىمىزنىڭ ھەقىقىي، توغرا ھەم مۇپەسسەل جاۋابى بولالمايدۇ. ئۇنداق بولسا، بۇ سوئالغا قانداق جاۋاب بېرىش كېرەك؟ بىز بۇ سوئالغا ئەجدادلىرىمىزنىڭ ھايات - پائالىيىتى، ۋاقىت قارىشى، توغرا دۇنياقارىشى، كىشىلىك قىممەت قارىشى بويىچە ۋە ھاياتلىق مەركىزىمىزدە تۇرۇپ مۇنداق جاۋاب بېرىمىز: ئادەم ئۈچۈن ۋاقىت ئەڭ قىممەتلىك. چۈنكى، ۋاقىت بولغاندىلا ھەممە مەۋجۇت بولىدۇ. دۇنيا ۋاقىتنىڭ سىرتىغا چىقىپ كېتەلمەيدۇ، ۋاقىت ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ۋاقىت ھەممىنى تەشكىللەيدۇ، ۋاقىت ھەممىنى ئۆزگەرتىدۇ، ۋاقىت ھەممىنى ئىسپاتلايدۇ، ۋاقىت ھەممىنى ھەل قىلىدۇ. شۇڭا، ۋاقىتنى قەدىرلىگەنلىك  __ ھاياتنى قەدىرلىگەنلىكتۇر. تەھقىقكى، ۋاقىت  __ ھايات، ۋاقىت  __ تۇرمۇش، ۋاقىت  __ مۇھەببەت، ۋاقىت  __ ئۆگىنىش ھەم نەتىجە، ۋاقىت  __ ئىجاد - ئىختىرا، ۋاقىت  __ ھۈنەر - كەسىپ، ۋاقىت  __ خىزمەت، ۋاقىت  __ دوستلۇق،   ۋاقىت  __ ئابرۇي - ئىناۋەت، ۋاقىت  __ قەدىر - قىممەت، ۋاقىت  __ ۋىجدان - غۇرۇر، ۋاقىت  __ ۋاپا - ساداقەت،  ۋاقىت  __ پۇل ھەم مال - دۇنيا، ۋاقىت  __ مۆجىزە ...
     كىشىلىك قەدىر - قىممىتى ئىلىم بىلەن ئۆلچىنىدۇ. بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان ئىلىم  __ ئىنسانغا پايدىلىق بولغان پۈتكۈل بىلىم - ساۋاتلارنى كۆرسىتىدۇ، بۇ بىلىم - ساۋاتلار چوڭ - كىچىك دەپ ئايرىلماستىن، ھاياتلىقنىڭ ھەممە تەرىپىنى، جۈملىدىن مەنىۋى ۋە ماددىي ئامىللارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. دېمەك، ئادەم ھەقىقىي قەدىر - قىممەتكە ئېرىشىش، ئىنسانىيەت ئۈچۈن بەخت يارىتىش، ھاياتىدىن مەڭگۈلۈك ئىز قالدۇرۇش، ئەقەللىيسى ئۆز تۇرمۇشىنى ياخشى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز ئىلىم ئىگىلىشى، ئۆگىنىشى، ئىزدىنىشى، بىرەر ھۈنەر - كەسىپ بىلەن مەشغۇل بولۇشى، ئىختىرا قىلىشى لازىم. مانا بۇلارنى ئورۇنلاش ئۈچۈن ۋاقىت بولۇشى شەرت. ۋاقىت  __ ئىنسان ھاياتىنى تەشكىل قىلغۇچى بىردىنبىر مۇھىم ئامىل بولۇپ، ھەر بىر كىشىنىڭ ئۆزىگە تەۋە ۋاقتى شۇ كىشى ئۆمرىنىڭ مۇئەييەن بۆلىكىدۇر. شۇڭا، كىشىلەر ۋاقىتتىن، ماھىيەتتە ئۆز ئۆمرىدىن قانداق پايدىلىنىشنى بىلىشى دۇنيادىكى ھەرقانداق بىلىمدىنمۇ مۇھىم بىلىم ھېسابلىنىدۇ.
     ئەجدادلىرىمىز بىزگە ۋاقىتنىڭ قىممىتى ھەققىدە «ۋاقتىڭ كەتتى __ بەختىڭ كەتتى» دېگەنگە ئوخشاش نۇرغۇنلىغان ھېكمەتلەرنى قالدۇرۇپ كەتكەن. بۇ ھېكمەتلەر ئاتا - بوۋىلىرىمىزنىڭ ۋاقىت قارىشىنى، شۇنداقلا مىللىتىمىزنىڭ گۈزەل ئەدەپ - ئەخلاق يوسۇنلىرىنىڭ ناھايىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ. ۋاقىتنى قەدىرلەشتىن ئىبارەت گۈزەل ئەخلاق ئەلمىساقتىن تارتىپ بىزنىڭ ئېسىل ئەنئەنىمىز بولۇپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن خېلى كۆپ ساندىكى كىشىلىرىمىزدە ۋاقىت قارىشى تۆۋەن بولۇشتەك يامان ئادەت داۋاملىق مەۋجۇت بولماقتا. ئالايلۇق، بىزدە توي باغاقلىرىغا «سائەت ئىككىگە» دەپ يېزىلسا، مېھمانلار سائەت تۆتكە بارىدىغانلىقى، باشقا ھەرخىل سورۇنلارغا تەكلىپ قىلىنغاندىمۇ مېھمانلارنىڭ كۆپىنچىسى بىر سائەتتىن ئىككى سائەتكە قەدەر كېچىكىپ بارىدىغانلىقى، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ «سائەت مانچىدە كۆرۈشەيلى...» دەپ ۋەدىلەشكەن تۇرۇپمۇ، ۋاقىتقا رىئايە قىلمايدىغانلىقىدەك ئىنتايىن ناچار ئىللەتلەر مەۋجۇت. شۇنى قەيت قىلىش زۆرۈركى، ۋاقىتنى بىكار ئۆتكۈزۈش  __ ئۆزىنى ئاستا خاراكتېرلىك ئۆلتۈرۈۋېلىشتۇر؛ ۋاقىتقا رىئايە قىلماسلىق  __ ئۆزىنىڭ گۆھەردەك قەدىر - قىممىتىنى تاشقا ئۇرغانلىقتۇر؛ باشقىلارنىڭ ۋاقتىنى ئىسراپ قىلىش  __ قاتىللىق قىلغانلىق، قان تۆككەن بىلەن باراۋەردۇر.
      بىز ھەقىقىي مەنىسىدىن ئىنسانىي سۈپەت يېتىلدۈرىمىز دەيدىكەنمىز، ئەڭ ئالدى بىلەن، ۋاقىتقا رىئايە قىلىشنى ئۆگىنىۋېلىشىمىز، ئۆزىمىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ۋاقتىنى قەدىرلىشىمىز، جۈملىدىن ئۆز ھاياتىمىز ۋە باشقىلارنىڭ ھاياتىغا مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشىمىز شەرت. يۈكسەك دەرىجىدىكى ۋاقىت قارىشىغا ئىگە بولماي تۇرۇپ ئۆگىنىش، تەتقىقات، خىزمەت، ھۈنەر - كەسىپ، تۇرمۇش، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت ۋە باشقا ئىشلاردا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتىن سۆز ئېچىش مۇتلەق مۇمكىن ئەمەس. ۋاقىت قارىشىغا ئىگە بولۇش ھەمدە ۋاقىتقا رىئايە قىلىش ئۈچۈن، ئىشنى يەنىلا كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى كىچىك ئىشلاردىن باشلاشقا توغرا كېلىدۇ. يەنە كېلىپ، ۋاقىتقا رىئايە قىلىش مەلۇم ساندىكى كىشىلەرنىڭ ئىشى ئەمەس، بەلكى ئۆزىنى ئادەم دەپ ھېسابلايدىغان ھەر بىر ئەقىل ئىگىسىنىڭ ئورتاق ئىشى.
      ۋاقىت قارىشى يېتىلدۈرۈش ھەمدە ۋاقىتنى قەدىرلەش ئۈچۈن، ھەر بىر ئادەمنىڭ تەرتىپلىك پىلانى بولۇشى لازىم. بۇ خىل پىلاننى يىللىق، پەسىللىك، ئايلىق، ھەپتىلىك، كۈنلۈك، سائەتلىك دەپ تۈزۈۋېلىش مۇمكىن. ھەممىگە ئايانكى، بىر كۈن سەھەردىن باشلىنىدۇ. شۇڭا، بىر كۈنلۈك ئىشنى سەھەردىن باشلاپ تەرتىپلىك ئورۇنلاشتۇرۇۋېلىپ، بىر كۈن ئىچىدە شۇ بويىچە ھەرىكەت قىلغاندا، ۋاقىتنىڭ بىلىپ - بىلمەي ئىسراپ بولۇپ كېتىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن، ئالدى بىلەن، ياخشى تۇرمۇش ئادىتى يېتىلدۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. ئاتا - بوۋىلىرىمىز قەدىمدىن تارتىپلا سەھەر تۇرۇشقا ئادەتلەنگەن بولۇپ، مىللىتىمىز كىشىلىرى ئارىسىدا ئادەتتە تاڭ يورۇش ئارىلىقىدا ئورۇندىن تۇرۇپ كېتىش ئاساسىي جەھەتتىن ئومۇملاشقان. شۇڭا، بىزدە كۈن قىزىلى ۋاقتىدىمۇ ئورۇندىن تۇرماسلىق، ھەتتا ئاخشىمى ياتقانچە ئەتىسى قۇياش چىققاندىمۇ ئورۇندىن قوپماسلىق ئىنتايىن قەبىھ ئىللەت، مەينەتچىلىك ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا، سىز سەھەر تۇرماسلىق، ۋاقىت قىستاپ كەلگەندە ھاپىلا - شاپىلا ئورنىڭىزدىن تۇرۇپ، يۈز - كۆزىڭىزنى چالا - بۇلا يۇيۇپلا ئىشقا مېڭىش، ئاندىن ئىش ئورنىڭىزدا ناشتا قىلىشتەك ناچار ئادىتىڭىز بولسا دەرھال ئۆزگەرتىڭ. ئاخشاملىرى تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، بەك كەچ يېتىشمۇ ئەتىسى سەھەر تۇرۇشىڭىزغا تەسىر يەتكۈزىدۇ، ھەتتا بىر كۈنلۈك كەيپىياتىڭىزنىڭ نورمال بولماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا، پۈتۈن بىر كۈنلۈك ئىشلىرىڭىزنى تەرتىپلىك ئورۇنلاشتۇرۇۋېلىڭ.
تۈرلۈك سورۇنلارغا دەل بېكىتىلگەن ۋاقىتتا بېرىپ بولۇڭ. باشقىلار بىلەن مەلۇم جايدا كۆرۈشمەكچى بولغان بولسىڭىز، بېكىتىلگەن ئورۇنغا دەل ۋاقتىدا ھازىر بولۇڭ، كىشىلەرنى ساقلاتماڭ، كىشىلەرنىڭ ۋاقتىنى زايە قىلماڭ.
     بىراۋ بىلەن كۆرۈشمەكچى، بىراۋنى ئىزدەپ بارماقچى، كېسەل يوقلاپ بارماقچى ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلارنى قىلماقچى بولسىڭىز، شۇ كىشى بىلەن ئالدىن ئالاقىلىشىپ، ئۇنىڭ ۋاقتى بار - يوقلۇقىنى سوراڭ ھەمدە مەقسەتنى ئېنىق ئېيتىپ، كۆرۈشمەكچى بولغان يەرنى، ۋاقىتنى ئېنىق بېكىتىۋېلىڭ. بۇنداق بولغاندا، ھەم باشقىلارنىڭ ۋاقتىغا ھۆرمەت قىلغان بولىسىز، ھەم ئۆزىڭىزنى ئۆزىڭىز بىھۇدە ئاۋارە قىلىۋېلىشتىن ساقلىنالايسىز.
     ھەرخىل سورۇنلاردا، سورۇندىكى كىشىلەرنىڭ ۋاقتىغا ھۆرمەت قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ. باشقىلارنى ئۇزاق ئولتۇرۇشقا قىستاش، قۇرۇق گەپ سېتىپ، باشقىلارنىڭ ۋاقتىنى ئىسراپ قىلىش، باشقىلارنى ئۆزىڭىزگە ھەمراھ بولۇشقا زورلاش قاتارلىق قىلمىشلار ئەخلاق جۈملىسىدىن ئەمەس.
     5. ۋاقىتنى ئىسراپ قىلماسلىق ۋە ۋاقىتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش
      «ئۆمۈر __ ئاتقان ئوق». خۇددى مىلتىقتىن ئېتىلىپ چىقىپ كەتكەن ئوقنى قايتۇرۇپ ئەسلىدىكى ھالىتىگە كەلتۈرگىلى بولمىغىنىدەك، كەتكەن ئۆمۈرنى زىنھار قايتۇرۇپ كەلگىلى بولمايدۇ. ئادەمنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرىنى 70 يىل دېگەندىمۇ، مۇشۇ ۋاقىتنىڭ يېرىمى دېگۈدەك ئۇخلاش ۋە ئارام ئېلىش ئۈچۈن سەرپ بولىدۇ. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئادەمنىڭ ئۆمرى ناھايىتى قىسقا بولۇپ، ئۆگىنىش، ئىختىرا، خىزمەت، ھۈنەر - كەسىپ قاتارلىقلار بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ۋاقتىمىز ئاران 15 __ 20 يىل ئەتراپىدا بولىدۇ... بۇنى ئويلىسا، ھەر كىمنىڭ كۆڭلى يېرىم بولماي قالمايدۇ.
     ۋاقىتنى قەدىرلەش ۋە ۋاقىتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ئۈچۈن، ھەممە نەرسىگە تەڭ ئېسىلىۋېلىشتىن، ئۇدۇل كەلگەنلا ئىشلارغا زېھىننى چېچىشتىن، پىلانسىزلىقتىن قاتتىق ساقلىنىش كېرەك. گېرمانىيىلىك ئالىم ھېگىننىڭ ستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، بىر ئالىم كېچە - كۈندۈز تىرىشچانلىق بىلەن ئىشلىسىمۇ، ئۇ، بىر كۈن ئىچىدە ئۆز كەسپىگە مۇناسىۋەتلىك كۆرۈش زۆرۈر بولغان ماتېرىياللارنىڭ پەقەت بەش پىرسەنتىنىلا كۆرەلەيدىكەن. بىر خىمىيە ئالىمى ئەگەر ھەپتىلىك كىتاب ئوقۇش ۋاقتىنى 40 سائەت بويىچە ھېسابلىسا، ئۇنىڭ دۇنيا بويىچە بىر يىلدا نەشردىن چىققان خىمىيىگە ئائىت ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە ماتېرىياللارنى بىر قۇر كۆرۈپ چىقىشى ئۈچۈن 48 يىل ۋاقىت كېتىدىكەن. لوندوندا «دۇنيا ئەدەبىياتى بىئوگرافىيىسى» نەشر قىلىنغان بولۇپ، ئۇ جەمئىي 754 تومنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن، ھەجمى 52 مىليون 72 مىڭ بەت ئىكەن، ئېغىرلىقىمۇ ئىككى يېرىم توننا كېلىدىكەن... بۇ مىساللار بىزگە كىتاب ئوقۇش، ئۆگىنىشتىمۇ ئېنىق نىشان بولۇشى كېرەكلىكىنى، چەكلىك ۋاقىتتىن ئەڭ ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش، ۋاقىتنى ئىسراپ قىلماسلىق كېرەكلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
     ھەردائىم سەمىڭىزدە بولسۇنكى، يۈرىكىڭىزنىڭ ھەر بىر سوقۇشى  __ سىزنىڭ ئۆلۈم دەرۋازىسىغا بىر قەدەم يېقىنلىشىۋاتقانلىقىڭىزدىن، ۋاقتىڭىزنىڭ بارغانسېرى ئاز قېلىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئۆمۈر دېمەك  __ ۋاقىت دېمەكتۇر. بىز ئۆمرىمىزنى قەدىرلەيمىز دەيدىكەنمىز، ھەر بىر سائەت، ھەر بىر مىنۇت ۋاقتىمىزنى ئىسراپ قىلماسلىقىمىز، شۇنداقلا ئۆزگىلەرنىڭ ۋاقتىنىمۇ ئىسراپ قىلىشنى ئەڭ چوڭ جىنايەت ھېسابلىشىمىز لازىم.

         كۆرۈلۈشى:1067     قوشۇلغان ۋاقتى:2012/4/24 10:49:22يوللىغۇچى ئەزا:

 
   

   ئاۋات ئەسەرلەر

ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:كىشىلىك ھايات پەقەت بىرنەچچە ۋاراق قەغەز
كىشىلىك ھايات پەقەت بىرنەچچە ۋاراق قەغەز
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:گۈل پىچىرلىشى
گۈل پىچىرلىشى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئۇستاز، ئوقۇغۇچىڭىزنىڭ ئىچكى ھېسسىياتىغا سەل قارىماڭ
ئۇستاز، ئوقۇغۇچىڭىزنىڭ ئىچكى ھېسسىياتىغا
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:كىتاب ئۇقۇشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى
كىتاب ئۇقۇشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:خىزمەت تاپماق نېمىشقا تەس؟
خىزمەت تاپماق نېمىشقا تەس؟
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:بىر چۈشكۈرگۈندە 20 مىڭچە باكتېرىيە چىقىدۇ؛
بىر چۈشكۈرگۈندە 20 مىڭچە باكتېرىيە چىقىد
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ھاياتلىق پەقەتلا ئۈچ كۈن ...
ھاياتلىق پەقەتلا ئۈچ كۈن ...
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:بۇ سەككىز سوئال سىزنى شۇھامان سەگەك قىلىدۇ!
بۇ سەككىز سوئال سىزنى شۇھامان سەگەك قىلى

پىكىر ئالماشتۇرۇڭ   بىزنى قوللاڭ   بىزدىن پايدىلىنىڭ   بىزنى بىلۋىلىڭ
       
ئالاقىلىشڭ تەكلىپ-پىكىر ئېلان بىرىڭ بېكەت ھەققىدە
سەيناغا كىرىڭ ئەزا بولوڭ ھەمكارلىشىڭ سەھىپىلەر
  ئۇلىنىش قوشۇش ئۇچۇر يوللاڭ مۇلازىمەتلىرىمىز
  بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ   بېكەت لوگوسى ئەسەر يوللاڭ بېكەت رەسمىيەتلىرى
 
 
 
 

 

   

工信部备案:新ICP备11000444号

乌鲁木齐市公安局网络支队备案号-6501201108002 Copyright© 2010-2014 SalamURUMQI.Com