Www.SalamUrumqi.Com - سالام ئۈرۈمچى ئونۋېرسال تور بېكىتى - 萨拉穆乌鲁木齐娱乐资讯门户网
مىقلاڭ ئەسەر يوللاڭ تىزىملىتىڭ
ساقلىۋىلىڭ ئۇچۇر يوللاڭ مەرھەمەت
 
 
 


خانىم - قىزلارغا 16 مەسلىھەت

1.سىلىق سىپايە نازاكەتلىك بولۇڭ،ھەرگىزمۇ ھازازۇل قوپال بولماڭ،ئەدەپسىز قىزلار ئاسانلاباشقىلارنى بىزار قىلىپ قۇيىدۇ ئىسىل نازاكەتلىك قىزلارھەممىلا يەردە باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولىدۇ ،

2.ئالىي مەكتەپ ھاياتى تولىمۇ قىسقا،قىزلار بۇ ۋاقىتتا گۈزەلىككە  ئەھمىيەت بىرىشى بىلەن بىرگە كىشىلىك پەزىلىتىنىمۇ تەربىيلەشكە كۈچ سەرىپ قىلىشى كىرەك ،چۈنكى سىز 28ياشتىن ھالقىغاندىن كىيىنلاقىرىش كوچىسىغا قاراپ يول ئالىسىز،بۇ ۋاقىتتا سىزگە ئەسقاتىدىغىنى قورۇق چۈشكەن رۇخسارىڭىز بولماستىن بەلكى كىشىلىك پەزىلىتىڭىزدۇر،


3.بىر ئايالنىڭ پەزىلىتى  ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئەرنىڭ قانداق بولىشىغا باغلىق ،ئاياللارنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ مۇۋاپىقەتلىك ئىش--ئۆمۈرلۈك ھەمراھىنى توغرا تالاشتۇر،

4،بىر ئەرنىڭ قانداقلىقىنى بىلىشتە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى دوسىتلىرىغا دىققەت قىلسىڭىزلا بولدى،

5.ئاياللارنىڭ دوسلۇق ھىسياتىنىڭ كىلىشىمۇ قايتىشىمۇ تىز بولىدۇ ،ئەمەلىيەتتە ئەر خوتۇنلۇق ھىسياتى ئاچا سىڭىللىق ھىسياتىدىن ئشەنچىلىك .شۇڭا سىز ئۇنى قەدىرلىشىڭىز كىرەك ،

6،كەلسە كەلمەس گىرىم بۇيۇمىلىرىغا سەرىپ قىلغان پۇلغا ياخشى كىتاپتىن ئىككىنى سىتىۋالغىنىڭز ياخشى .گىرىممۇ لايىقىدا بولغىنى ياخشى ،ئالاھىدە گىرىم قىلدىغانلارباشقىلارنىڭ دىققىتىنى تارتقاندەك قىلغىنى بىلەن،بىلىمى ئىقتىدارى ۋەساپاسى ئارقىلىق باشقىلارغا قالدۇرغان تەسىر ھەرگىز ئۇنتۇلمايدۇ .

7.شاللاق ئوغۇللار دائىم سىزنى ياخشى كۆرىدىغان تۇيغۇ بىرىدۇ .سىزنى ھەقىقى ياخشى كۆردىغان ئوغۇل بالا سىزگە ئالدىراپ <مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن> دىمەيدۇ ،دىيىش زۈرۈرىيتى تۇغۇلغاندا دەيدۇ ،سىزنى قانچىلىك ياخشى كۆردىغانلىقىنى پەقەت كۆڭلىدە بىلىدۇ ھەمدە كۆڭلىىن سىز ئويلاپ باقمىغان ئۇسۇللار ئارقىلىق ئىپادىلەيدۇ ،

8.ئەگەر بىر ئوغۇل بالا سىزنى بىر كۆرۈپ باشقىچە ھەۋەسلەردە بولسا  ئۇنداقتا بۇ سىزنىڭ مەغلۇبىيتىڭىزدۇر ،ئۇ چاغدا سىز ناچار ئۇغۇل بالىغا يۇلۇقۇپ قالغانلىقىڭزغا ئاغرىنىپ يۈرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ ،چۈنكى بۇنىڭغا ئۆزىڭىز سەۋەپچى.
،
9.ھەممە  ئوغۇللار سىز ئويلىغاندەك ياخشى بولماسلىقى  مۇمكىن ،شۇڭا سىز ھامان چىكىنىش يولى قۇيۇپ قۇيسىڭىز بولىدۇ ،چۈنكى سىز ئازاپلانغاندا كىچىككەن بولىسىز .

10.ئوغۇل دوستىڭىز بىلەن بىرەر يەرگە بىرىپ ئايلانغىڭىز كەلسە كىتاپخانلارغا بارسىڭىز بولىدۇ ،ئۇنىڭ بىلەن بىللە سىتىۋالغان كىتاپنى سىزنىڭ ئوقۇغانلىقىڭىزنى بىلگەندە شۇ پەيىتنىڭ قانچىلىك رومانتىك ئىكەنلىكىنى ئۇ ھىس قىلماي قالمايدۇ ،

11.بىرى سىزنى ياخشى كۆرسە ،سىز ئۇنى كىچىك ئىشلاردىنمۇ سىزەلەيسىز ،ئەگەر بىرى سىزنى ياخشى كۆرمىسە سىز يەنە ئاشۇنداق كىچىك ئىشلاردىنمۇ بايقىيالايسىز .

12.ئەگەر سىز سھىرىي كۈچكە ئىگە بىر ئەرنى بايقىغان چىغىڭىزدا ئۇنىڭ يىنىغا بىرىپ ئۇنىڭ بىلەن پىكىر ئالماشتۇرسىڭىز بولىدۇ .شۇنداق قىلسىڭىز سىزمۇ مۇۋاپىقىيەت تۇيغۇسىغا ئىگە بولۇپ قالىسىز ،

13.مۇھەببەتلىشىش قانداقتۇر ئالىي مەكتەپتىكى <جەزمەن ئوقۇلىدىغان دەرس> ئەمەس .شۇڭا سىزئۇنى <تاللاپ ئوقۇلىدىغان دەرس> قىلسىڭىز بولىدۇ ،

14.ئالىي مەكتەپنىڭ ئىككىنجى يىللىقىنىڭ ئاخىردىن باشلاپ كىيىنكى بەش يىللىق ھاياتىڭىزنى پىلانلىسىڭىز بولىدۇ ،سىز ئالدى بىلەن بۇ پىلانغا ئوغۇللارنى كىرگۈزمەڭ .ئۆزىڭىزلا بۇ پىلاننى ياخشى ئورۇنلاشقا تىرىشىڭ ،ھەرگىز ھورۇنلۇق قىلماڭ .

15.ئىسىڭىزدە بولسۇ ئەر بىلەن ئوغۇلنىڭ پەرقى چوڭ .ئەرلەر بىلەن ئوغۇللار كۈچلۈك -ئاجىزلىق ،پىشىپ يىتلىش ۋە خاملىق جەھەتتىلا  ئەمەس ھىسيات ۋە كەلگۈسىگە بولغان كۈچلۈك مەسئۇلىيەت جەھەتتىمۇ پەرىقلىندۇ ،سىز ۋە باشقىلارنىڭ ئالدىدا ھازىر قەھىرمانلىق كۆرسەتكەن ئوغۇللارنىڭ ئىچىدە كەلگۈسىدە ھەقىقى ئەربولالايدىغانلىرىنىڭ كۆپ ئەمەسلىكىنى بىلىشىڭىز كىرەك .

16.ئىسىڭىزدە بولسۇن بۇ دۇنيادا ئەڭ ياخشى كۆرۈشكە ئەرزىيدىغىنى ئاتا ئانىڭىزدىن باشقا پەقەت--ئۆزىڭىزلا.

                                                  يەنە بىر قانچە سەمىمىي مەسلىھەت

                                                            خانىم قىزلار سەمىگە

مۇھەببەت تارىخىڭىزنى ئىرىڭىزگە ئىيىتماڭ.بولمىسا  ئۇ  سىزنى قەدىرلىمەيدۇ

ئىرىڭىز بىلەن باشقا ئەرلەر ھەققىدە پىكىرلەشمەڭ .ئەگەر باشقا ئەرلەرنى ماختىسىڭىز .ئۇ ئۆزىنىڭ باشقىلاردىن تۆۋەن تۇردىغانلىقىدىن خىجىل بولىدۇ .

ئىرىڭىزبىلەن باشقا ئاياللار ھەققىدەسۆزلەشمەڭ ،چۈنكى ئەرلەرئايالالرنى سىزدىنمۇ بەكرەك چۈشىندۇ ،
         كۆرۈلۈشى:834     قوشۇلغان ۋاقتى:2012/1/21 16:25:42يوللىغۇچى ئەزا:

 
   

   ئاۋات ئەسەرلەر

ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:كىشىلىك ھايات پەقەت بىرنەچچە ۋاراق قەغەز
كىشىلىك ھايات پەقەت بىرنەچچە ۋاراق قەغەز
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:گۈل پىچىرلىشى
گۈل پىچىرلىشى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئۇستاز، ئوقۇغۇچىڭىزنىڭ ئىچكى ھېسسىياتىغا سەل قارىماڭ
ئۇستاز، ئوقۇغۇچىڭىزنىڭ ئىچكى ھېسسىياتىغا
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:كىتاب ئۇقۇشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى
كىتاب ئۇقۇشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:خىزمەت تاپماق نېمىشقا تەس؟
خىزمەت تاپماق نېمىشقا تەس؟
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:بىر چۈشكۈرگۈندە 20 مىڭچە باكتېرىيە چىقىدۇ؛
بىر چۈشكۈرگۈندە 20 مىڭچە باكتېرىيە چىقىد
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ھاياتلىق پەقەتلا ئۈچ كۈن ...
ھاياتلىق پەقەتلا ئۈچ كۈن ...
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:بۇ سەككىز سوئال سىزنى شۇھامان سەگەك قىلىدۇ!
بۇ سەككىز سوئال سىزنى شۇھامان سەگەك قىلى

پىكىر ئالماشتۇرۇڭ   بىزنى قوللاڭ   بىزدىن پايدىلىنىڭ   بىزنى بىلۋىلىڭ
       
ئالاقىلىشڭ تەكلىپ-پىكىر ئېلان بىرىڭ بېكەت ھەققىدە
سەيناغا كىرىڭ ئەزا بولوڭ ھەمكارلىشىڭ سەھىپىلەر
  ئۇلىنىش قوشۇش ئۇچۇر يوللاڭ مۇلازىمەتلىرىمىز
  بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ   بېكەت لوگوسى ئەسەر يوللاڭ بېكەت رەسمىيەتلىرى
 
 
 
 

 

   

工信部备案:新ICP备11000444号

乌鲁木齐市公安局网络支队备案号-6501201108002 Copyright© 2010-2014 SalamURUMQI.Com