Www.SalamUrumqi.Com - سالام ئۈرۈمچى ئونۋېرسال تور بېكىتى - 萨拉穆乌鲁木齐娱乐资讯门户网
مىقلاڭ ئەسەر يوللاڭ تىزىملىتىڭ
ساقلىۋىلىڭ ئۇچۇر يوللاڭ مەرھەمەت
 
 
 


ھاياتلىق يولىدىكى قىممەتلىك ھېكمەتلەر

1. ھېچكىمنى سەل چاغلىماڭ.
2. سىزنىڭ ئۇنچە كۆپ تاماششىبىنىڭىز يوق، شۇڭلاشقا ئۆزىڭىزگە زىيادە جاپا سالماڭ.
3. باشقىلارغا سەمىمىي مۇئامىلە قىلىش بىلەن بىرگە ئېھتىيات قىلىشنىمۇ بىلىڭ. خالىغانچە باشقىلارغا ئاچچىقلانماڭ، چۈنكى ھېچكىم سىزگە قەرزدار ئەمەس.
4. ئەگەر ھازىرقى ئەھۋالىڭىز ئازابلىق بولسا، ئۇنداقتا ئۆتكەن خۇشال كۈنلىرىڭىزنى ئەسلەپ بېقىڭ. ئەمەلىيەتتە ھازىرقى ئازابلار ھېچنېمىگە ئەرزىمەيدۇ.
5. سىزگە قوپال مۇئامىلە قىلغان، سىزنىڭ ئادىمىيلىكىڭىزنى دەپسەندە قىلغان ھەرقانداق ئادەم بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتىن قول ئۈزۈڭ. چۈنكى كونىلاردا «كۆڭۈل ئاغرىتقان دوست ئەمەس» دېگەن ھېكمەت بار. ئۇنىڭ ئۈستىگە سىز دەل بىر قىسىم رەزىل كىشىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەت دائىرىسىدىن چىقىپ كەتكەن ۋاقتىڭىزدىلا، ئاندىن ھەقىقىي ئادەملەرنىڭ مۇئامىلىسىگە ئېرىشەلەيسىز.
6. سىزنى ئازابلىغان كىشىلەرگە كەڭ قورساقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىڭ. چۈنكى نېمىلا بولمىسا ئۇلار سىزگە ھاياتنى ياكى مۇھەببەتنى ۋە ياكى كەسىپنىڭ مۇھىملىقىنى، قىسقىسى ئۆزىڭىزنى تونۇتقان. ئۇلارنى كەچۈرۈۋېتىڭ. ئۇلار سىزگە دەل ئاشۇ بىر سائەتلىك دەرسنى ئۆتكەنلىكى ئۈچۈنلا، سىزنىڭ ھازىردا پۇت تىرەپ تۇرالىدىڭىز، ئۇلارنى كۈچەيتتى.
7. ۋاز كېچىشنى بىلىڭ. سىز ھەممە نەرسىگە ئېرىشمەن، دەپ ئويلىماڭ. چۈنكى سىزنىڭ قۇچىقىڭىزغا ئۇنچە چوڭ ئەمەس. سىز ۋاز كېچىشكە تېگىشلىك نەرسىلەردىن ۋاز كەچكەن ۋاقتىڭىزدا ئۆزىڭىزنى تولىمۇ يەڭگىل ھېس قىلىپ قالىسىز.
8.ئۆزىڭىزگە ھېچقانداق باھانە كۆرسىتىش ئىمكانىيىتى قالدۇرماڭ. چۈنكى كەچۈرگۈسىز خاتالىقلار ئالدىدا بۇنداق باھانىلەر ھېچكىمنىڭ قۇلىقىغا چىرايلىق ئاڭلانمايدۇ.
9. ئۆزىڭىزگە ئىشىنىڭ، مۇستەقىل ياشاش، ئشىلاردا مۇرەسسە قىلىشنى ئۆگىنىڭ، ئالدىراپ يەكۈن چىقارماڭ. ئاساسىي پىرىنسپتا چىڭ تۇرۇڭ.
10. ھەممە بەدەل تۆلەشنىڭ جەزمەن سىز ئۈمىد قىلغاندەك نەتىجىسى بولۇشى ناتايىن، كۆپ ھاللاردا ھاۋاغا سۇنغان قولىڭىزنىڭ قۇرۇق قالىدىغانلىقىنى ئېسىڭىزدىن چىقارماڭ.
11. ئازابلىق ئۆتمۈشنى ئۇنتىيالمىسىڭىز، ئۇنى بىر ياققا قويۇپ تۇرۇڭ. ئۇ سەۋەبلىك سىزنىڭ ھازرقى ئشىلرىىڭىز توسالغۇغا ئۇچرىسا بولمايدۇ.
12. ئاددىي ئادەم بولۇڭ، ئەمما ئادەتتىكىچە بولۇپ قالماڭ. بەك رومانتىك ياكى ھېسىياتچان بولۇپ كەتمەڭ، ئايدىڭ كەچتە كۆل بويىدا ئايلىنىۋېتىپ رېئاللىققا قايتىپ كېلىشنى بىلىڭ.
13. باشقىلارنىڭ ئالدىدا ھەرگىز يالغان سۆزلىمەڭ. ئەگەر بۇرۇن يالغان سۆزلىگەن بولسىڭىز، ھازىردىن باشلاپ بۇنىڭغا خاتىمە بېرىڭ.
14.باشقىلارنىڭ نەتىجىلىرى ئۈچۈن ئاھ ئۇرۇپ قايغۇرماڭ. ئۇلارنى تەبرىكلەڭ. ئۇلارنى قوللاڭ. ئۇلارنىڭ نەتىجىسىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈڭ. شۇنداق قىلسىڭىز، ئالغا ئىلگىرىلەش يولىڭىزدا بىر كۆۋرۈك كۆپىيىدۇ.
15. ئۆزىڭىزنى تاكامۇللاشتۇرۇڭ، ئۆگىنىشنى توختاتماڭ، مەيلى ئۇ تىل  ياكى قورۇما قورۇش بولسۇن، ئۆگىنىدىغان پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويماڭ. چۈنكى بۇلار ھامان سىزگە ئەسقاتىدۇ.
16. باشقىلارنىڭ سۆزىنى كاللىڭىزغا قاچىلىۋالسىڭىز كۇپايە، ئەمما ئۆزىڭىزنىڭ ئويلىرى ھەر ۋاقىت قەلبىڭىزدە تۇرۇشى كېرەك.
17. ئەگەر ھازىرقى تۇرمۇشتىن رازى بولمىسىڭىز ياكى ئۇنى قۇبۇل قىلىشقا ئامالسىز قالسىڭىز، ئۆزىڭىزنى تاشلىۋېتىدىغان ئىشنى قىلماڭ. ئۆزگەرتىشكە بولىدىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنۇپ بېقىڭ.
18. كۆپ كىتاب كۆرۈڭ، تاماقنى ئازراق يەڭ. كۆپرەك كۈلۈڭ، ئازراق سۆزلەڭ.
19. بىر ئادەمنى ياخشى كۆرۈشكە تېرىشىڭ. ئەگەر ياخشى كۆرگەن بولسىڭىز، ھەرگىز بولدى قىلماڭ. چۈنكى ھەقىقىي مۇھەببەتكە ئادەم ھاياتىدا نەچچە قېتىم ئېرىشەلمەيدۇ. ئۇ پەقەت ۋە پەقەت بىرلا قېتىم كېلىدۇ. سىز بەدەل تۆلەشتىن يالتايمىسىڭىزلا، ھامان ئۈنۈمىنى كۆرىسىز.
20. ئۆزىڭىزگە نىسبەتەن بىر گۈزەل ئىشقا ۋەدە بېرىڭ، ھەمدە ھەر كۈنى ئۇنى ئورۇنداش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىڭ.
21. ھەممە ئادەمنىڭ ئۆزىگە تۇشلۇق ئارتۇقچىلىقى ۋە نۇقسىنى بولىدۇ، شۇڭا ھەممە كىشىنىڭ سىزنىڭ كۆڭلىڭىزدىكىدەك بولۇپ كېتىشى ناتايىن. باشقىلارنى قۇبۇل قىلىشنى ئۆگىنىڭ. باشقىلارنى ئۆزىڭىزنىڭ خاھىشى بويىچە بولسىكەن، دەپ قارىماڭ. چۈنكى قارشى تەرەپ ئۆزگەرتەلمىگەن نەرسىلەر بەرىبىر سىز ئۆزگەرتەلمەيسىز.
22. ئەسلىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ، سىزنىڭ يۇرتىڭىز، قان تىپىڭىز، ئېرىقىڭىز، جەمەتىڭىز قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى سىزگە تامغا بولۇپ ئويۇلغان. سىز ئۇلارنى تېخىمۇ نۇرلاندۇرۇش ئۈچۈن تېرىشچانلىق كۆرسىتىڭ.
23. ئىشلارغا ئۆزىڭىز قارار چىقىرىڭ ھەمدە ئۇنىڭ ئاقىۋىتىگە تەييارلىق قىلىپ قويۇڭ. ئىش باشلىنىشتىلا ئۆزىڭىزگە ئەسكەرتىڭ، بۇ دۇنيادا پۇشايماننى ئالىدىغان قاچا يوق.
24. نېمە تېرىسىڭىز شۇنى ئالىدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىڭ.
25. ئەتراپىڭىزدىكىلەرنىڭ پىكرىنى ئاڭلاشنى ئۆگىنىۋېلىڭ، شۇنداق قىلسىڭىز كۆپ ھاللاردا باشقىلارنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىمايسىز.
26. تەنھالىققا كۆنۈشنى ھەمدە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشىنى بىلىڭ. يالغۇز قالغانلىقىڭىز ئۈچۈنلا ئازابلانماڭ، شۇنداق ۋاقىتلاردا ئۆزىڭىزنىڭ نېمىلەرنى قىلالايدىغانلىقىڭىز ئۈستىدە ئويلىنىپ بېقىڭ. ئەگەر سىز سەگەك كاللىڭىز بىلەن ئويلاپ باقسىڭىز، سىز ئاشۇنداق چاغلارنىڭ ئەڭ تىنچ ۋە ئەڭ مۇھىم ئىكەنلىكىگە ئىشىنىسىز.
27.دوستلىرىڭىزغا بەك تايىنىۋالماڭ، چۈنكى ئادەمنىڭ تەبىئىتىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمى ياۋۇزلۇق!
28. جەمئىيەتتە نۇرغۇن ناھەقسىزلىكلەردىن ئاغرىنىشنىڭ ئورنىغا ئۆزىڭىزنى كۈچەيتىش ئۈچۈن مىدىرلاپ بېقىڭ. چۈنكى كۆز ئالدىڭىزدا دۇنيا ھەرگىزمۇ قۇرۇق- قاقشاش ۋە ئاغرىنىشلارنىڭ مەھسۇلى ئەمەس.
29.قىلىچ بىرنى چاپسا ،تىل مىڭنى چاپىدۇ.
30.گۈزەللىكنى ھېس قىلغان كىشلا ھەقىقىي ئىنسان ھاياتىىي ماھىيتىنى بىلىپ يېتىشى ھەم چۈشىنىشى مومكىن
31.ئەڭ قىيىن ئىش ئۆزۈڭدىن تەلەپ قىلىش
32.باشقىلارنى كۆپ نەرسە ئۈچۈن كەچۈر.ئۆزۈڭنى ھېچقابداق نەرسە ئۈچۈن كەچۈرمە.ھاياتىمىز- ياشاش دامىدا بارلىققا كەلگەن قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشقا كەتكەن كۈچىمىزنىڭ قىممىتىگە تەڭ.
33.دۇنيادىكى ئەڭ كارامەت نەرسە ئادەمنىڭ ئۆگىنىش ئىقتىدارى.ئىنتايىن كىچىن بىلىم تامچىلىرىمۇ بىزگە نىسپەتەن پايدىلىق.
34.مۇھەببەتنىڭ ئۆز ۋاختى،ئۆز پەسلى بار،كېلىشى ،كېتىشىنىڭمۇ سەۋەبى بار.سەن ئۇنى پارا بېرىش،مەجبۇرلاش ياكى تەلىم بېرىش ئۈچۈن تۇتۇپ قالالمايسەن.
35.سەن مۇھەببەتنى قوغلاشقۇچى بولغاندىن.مۇھەببەتنى ياراتقۇچى بولغىن
         كۆرۈلۈشى:678     قوشۇلغان ۋاقتى:2012/1/18 17:07:00يوللىغۇچى ئەزا:

 
   

   ئاۋات ئەسەرلەر

ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:كىشىلىك ھايات پەقەت بىرنەچچە ۋاراق قەغەز
كىشىلىك ھايات پەقەت بىرنەچچە ۋاراق قەغەز
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:گۈل پىچىرلىشى
گۈل پىچىرلىشى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئۇستاز، ئوقۇغۇچىڭىزنىڭ ئىچكى ھېسسىياتىغا سەل قارىماڭ
ئۇستاز، ئوقۇغۇچىڭىزنىڭ ئىچكى ھېسسىياتىغا
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:كىتاب ئۇقۇشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى
كىتاب ئۇقۇشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:خىزمەت تاپماق نېمىشقا تەس؟
خىزمەت تاپماق نېمىشقا تەس؟
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:بىر چۈشكۈرگۈندە 20 مىڭچە باكتېرىيە چىقىدۇ؛
بىر چۈشكۈرگۈندە 20 مىڭچە باكتېرىيە چىقىد
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ھاياتلىق پەقەتلا ئۈچ كۈن ...
ھاياتلىق پەقەتلا ئۈچ كۈن ...
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:بۇ سەككىز سوئال سىزنى شۇھامان سەگەك قىلىدۇ!
بۇ سەككىز سوئال سىزنى شۇھامان سەگەك قىلى

پىكىر ئالماشتۇرۇڭ   بىزنى قوللاڭ   بىزدىن پايدىلىنىڭ   بىزنى بىلۋىلىڭ
       
ئالاقىلىشڭ تەكلىپ-پىكىر ئېلان بىرىڭ بېكەت ھەققىدە
سەيناغا كىرىڭ ئەزا بولوڭ ھەمكارلىشىڭ سەھىپىلەر
  ئۇلىنىش قوشۇش ئۇچۇر يوللاڭ مۇلازىمەتلىرىمىز
  بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ   بېكەت لوگوسى ئەسەر يوللاڭ بېكەت رەسمىيەتلىرى
 
 
 
 

 

   

工信部备案:新ICP备11000444号

乌鲁木齐市公安局网络支队备案号-6501201108002 Copyright© 2010-2014 SalamURUMQI.Com