Www.SalamUrumqi.Com - سالام ئۈرۈمچى ئونۋېرسال تور بېكىتى - 萨拉穆乌鲁木齐娱乐资讯门户网
مىقلاڭ ئەسەر يوللاڭ تىزىملىتىڭ
ساقلىۋىلىڭ ئۇچۇر يوللاڭ مەرھەمەت
 
 
 


ئوغۇللارغا نەسىھەت

لوقمان ھېكىمنىڭ ئوغلىغا قىلغان نەسىھەتلىرى


كىشىنى ئاچچىقى كەلگەندە سىنىغىن.

دوسىتنى زىيان ئۈستىدە سىنىغىن .

سۆزنى ھۈججەت بىلەن سىنىغىن .

ئۇستازىڭنى ئاتا- ئاناڭدىن ئەزىز تۇت .

ئاچچىق بىلەن سۆز قىلما .

ئۆز ئورنۇڭنى بىلىپ ئولتۇر .

ھەر كىمنىڭ ئۆيىگە كىرسەڭ ، تىلىڭ بىلەن كۆزۈڭنى يىغىپ ئولتۇر .

ئاز سۆزلىمەك ، ئاز يىمەك ، ئاز ئۇخلىماقنى ئادەت قىل .

بىلمىگەن ئىشقا ئۇستىلىق قىلما .

كىشىنىڭ پۇلىغا ئۈمۈد باغلىما .

مويسىپىتكە قاتتىق سۆز قىلما .

ھاجەتمەننى نائۈمۈد ياندۇرما .

مېھماننى ئىشقا بۇيرىما .

مېھماننىڭ ئالدىدا كىشىلەرگە ئاچچىقلانما .

سۆزنى كۆڭۈلدە پىشۇرۇپ ئاندىن سۆزلە .

ئۆزۈڭدىن چوڭ كىشىلەرگە ئويۇن – چاقچاق قىلما .

بىر قېتىم سۆزلىگەن سۆزنى قايتا سۆزلىمە .

كىشىلەرنىڭ ئالدىدا ئۆزۈڭنى ۋە خوتۇنۇڭنى ماختىما .

ئۆلگەن كىشىنىڭ يامان گېپىنى قىلما .

ئالدىڭدا كېلىۋاتقان ئىشقا چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈز .

بىر ئادەمدىن بىر ھېكمەتلىك ئىشنى كۆرمىگۈچە ئۇنى ماختىما .

ئەخمەقلەر سۆز قىلغىلى تۇرسا ، ئۇنىڭغا ئارلاشماي سۈكۈت قىل .

ئىككى يۈزلىمە ئادەمدىن مەدەت تەلەپ قىلما ، ئۇنىڭدىن يىلاندىن قاچقاندەك قاچ .

ساڭا ياخشىلىق قىلغان ئادەمگە ئۇنىڭ باراۋىرىدە ياخشىلىق قىل .

ئاچچىقىڭ كەلگەندە ئۆزۈڭنى بېسىۋال .

   ئوغلۇم ، ئۆزۈڭدىن چوڭلارنىڭ خىزمىتىنى قىلماق بىلەن ، كىچىكلەرگە مېھر – شەپقەت قىلماق بىلەن ، كەمبەغەللەرگە خەير – ساخاۋەت قىلماق بىلەن ، دوسىت – يارەنلەرگە ۋە تاۋابىئاتلىرىڭغا ۋەز – نەسىھەت قىلماق بىلەن ، ئالىملارغا ئەدەب – ھۈرمەت ئىتائىتىدە بولماق بىلەن ئۆمرۈڭنى ئۆتكۈزگەيسەن .

         كۆرۈلۈشى:713     قوشۇلغان ۋاقتى:2012/1/17 15:36:55يوللىغۇچى ئەزا:

 
   

   ئاۋات ئەسەرلەر

ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:كىشىلىك ھايات پەقەت بىرنەچچە ۋاراق قەغەز
كىشىلىك ھايات پەقەت بىرنەچچە ۋاراق قەغەز
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:گۈل پىچىرلىشى
گۈل پىچىرلىشى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئۇستاز، ئوقۇغۇچىڭىزنىڭ ئىچكى ھېسسىياتىغا سەل قارىماڭ
ئۇستاز، ئوقۇغۇچىڭىزنىڭ ئىچكى ھېسسىياتىغا
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:كىتاب ئۇقۇشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى
كىتاب ئۇقۇشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:خىزمەت تاپماق نېمىشقا تەس؟
خىزمەت تاپماق نېمىشقا تەس؟
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:بىر چۈشكۈرگۈندە 20 مىڭچە باكتېرىيە چىقىدۇ؛
بىر چۈشكۈرگۈندە 20 مىڭچە باكتېرىيە چىقىد
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ھاياتلىق پەقەتلا ئۈچ كۈن ...
ھاياتلىق پەقەتلا ئۈچ كۈن ...
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:بۇ سەككىز سوئال سىزنى شۇھامان سەگەك قىلىدۇ!
بۇ سەككىز سوئال سىزنى شۇھامان سەگەك قىلى

پىكىر ئالماشتۇرۇڭ   بىزنى قوللاڭ   بىزدىن پايدىلىنىڭ   بىزنى بىلۋىلىڭ
       
ئالاقىلىشڭ تەكلىپ-پىكىر ئېلان بىرىڭ بېكەت ھەققىدە
سەيناغا كىرىڭ ئەزا بولوڭ ھەمكارلىشىڭ سەھىپىلەر
  ئۇلىنىش قوشۇش ئۇچۇر يوللاڭ مۇلازىمەتلىرىمىز
  بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ   بېكەت لوگوسى ئەسەر يوللاڭ بېكەت رەسمىيەتلىرى
 
 
 
 

 

   

工信部备案:新ICP备11000444号

乌鲁木齐市公安局网络支队备案号-6501201108002 Copyright© 2010-2014 SalamURUMQI.Com