Www.SalamUrumqi.Com - سالام ئۈرۈمچى ئونۋېرسال تور بېكىتى - 萨拉穆乌鲁木齐娱乐资讯门户网
مىقلاڭ ئەسەر يوللاڭ تىزىملىتىڭ
ساقلىۋىلىڭ ئۇچۇر يوللاڭ مەرھەمەت
 
 
 


ئالتۇن كۈمۈشكە مەبلەغ سالغۇچىلارغا خوش خەۋەر

     ئالتۇن كۈمۈش سودىسى دىگەن سۆزنى ئاڭلىغان ھەر بىر كىشى ئالتۇن، كۈمۈش سودىسىنى مەبلەغ كۆپ كىتىدىغان چوڭ سودا دەپ قارايدۇ، ئالتۇن كۈمۈش زىننەت بۇيۇملىرى دۇكانلىرى كۆز ئالدىغا كىلىدۇ. دىمىسىمۇ ئالتۇننىڭ ھەر گىرامىنىڭ باھاسى 350 يۈەندىن 400 يۈەنگىچە تۇرىۋاتقان ھازىرقىدەك ھالەتتە ئاز دىگەندە بىر كىلوگىرام ئالتۇن ئېلىپ ساتمىساق، ئالغان پايدا تۇتامغا چىقمايدۇ. بىراق بىر كىلوگىرام ئالتۇن ئۈچۈن 350مىڭ يۈەندىن 400مىڭ يۈەنگىچە مەبلەغ كىتىدۇ. شۇڭا ئالتۇنچىلىق دىگەن ساھە مىليۇنىرلارغا خاس سۆز بۇلۇپ، ئادەتتىكى نۇرمال كىرىملىك كىشىلەر ئۈچۈن ئاڭلاپلا ئۈتۈپ كىتىدىغان سۆز بۇلۇپ قالغان. مانا ھازىر ئۇچۇر دەۋرى مىليونىرلارغا خاس بولغان بۇ ئالتۇن كۈمۈش بازىرىغا نۇرمال كىرىملىك كىشىلەرنى قاتنىشىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلدى. كۆكلەن سودا مەسلىھەتچىلىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى مانا مۇشۇنداق ئاز مەبلەغ بىلەن خەلقىمىزنىڭ ئالتۇن كۈمۈش سودىسىغا قاتنىشىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن بېيجىڭ جۇڭشى پاي كونتىرول شىركىتى بىلەن كاپالەت پۇلى تاپشۇرۇش شەكلىدىكى ئالتۇن سودىسى ھەمكارلىق توختامى ئىمزالىدى. نىمە ئۈچۈن توردا ئېلىپ بېرىلىدىغان كاپالەت مەبلىغى بىلەن ئالتۇن ئېلىپ سېتىش سودىسىغا قاتنىشىمىز؟ توردا ئېلىپ بېرىلىدىغان نەخ ئالتۇننى كاپالەت پۇلى بىلەن ئېلىش سېتىش سودىسى چەتئەلنىڭ تاشقى پېرىۋوت سودا شەكلىنى قوللانغان بۇلۇپ، بىر گىرام ئالتۇن 350يۈەن بولسا بىر كىلو ئالتۇن سېتىۋېلىشتا ئالتۇن تەمىنلىگۈچى شىركەت بىزدىن بىر كىلو ئالتۇن باھاسى 350مىڭ يۈەننىڭ 100دىن 1ىنى كاپالەت پۇلى سۈپىتىدە تاپشۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ، بىز 3500 يۈەن كاپالەت پۇلى تاپشۇرغاندىن كىيىن شىركەت بىزنىڭ 100دىن بىر مەبلىغىمىزگە ئۆز مەبلىغىدىن پۇل ئاجرىتىپ تۇرۇپ 1كىلو ئالتۇننى ھىساۋاتىمىزغا ئاغدۇرۇپ بىرىدۇ. ئالتۇن باھاسى ئۈسۈپ 351يۈەنگە چىققاندا سېتىۋەتكەن بولساق ئۇنداقتا شىركەت كاپالەت مەبلىغىنى ھىساۋاتىمىزغا قايتۇرۇپ بىرىدۇ، بىزنىڭ ئالغان پايدىمىز 3500يۈەنلىك ئالتۇننىڭ پايدىسى بولماستىن 350مىڭ يۈەنلىك ئالتۇننىڭ پايدىسى بولغاچقا بىز بۇ بىر قېتىملىق سودىدا 1000 يۈەن پايدا ئالىمىز. مانا بۇ كىشىلەرنى ئۆزىگە مايىل قىلىۋاتقان نەخ ئالتۇننى كاپالەت مەبلىغى بىلەن ئېلىش سېتىش سودىسى. كاپالەت مەبلىغى بىلەن ئالتۇن ئېلىپ سېتىش سودىسىدا زور مەبلەغ تەلەپ قىلىدىغان سودىسىنى شىركەت ۋە شەخىسنىڭ مەبلىغىنىڭ بىرلىشىشىدىن پايدىلىنىپ شەخىسنىڭ ئاز مەبلىغى بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان بولغاچقا پايدا زىيان نىسپىتى يۇقىرى، خەتەر كۆپ دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە مەبلەغ سالغۇچى 3500 يۈەن ئەمەس 350 مىڭ يۈەن مەبلەغنىڭ ھەممىسىنى ئۆزى چىقىرىپ نەخ ئالتۇن سودىسى ئېلىپ بارسىمۇ خەتەر نىسپىتى ئوخشاش بۇلىدۇ. بۇ يەردە مەبلەغ سالغۇچى پىسخىكا جەھەتتە ئۆزىنىڭ چىقارغان مەبلىغى 3500 يۈەن دەپ قاراپ بازارنىڭ تەۋرىنىشىنى قۇبۇل قىلالماسلىقى مۇمكىن، ئەمما سېلىنغان مەبلەغ 3500 يۈەن بولغان بولسىمۇ مەبلەغ شىركەت مەبلىغى بىلەن قۇشۇلۇپ 350مىڭ يۈەنگە تەڭداش بۇلىدۇ. شۇڭا باھا ئۆزگىرىشىگە نىسپەتەن توغرا مۇئامىلىدە بۇلۇشى تۇلىمۇ زۈرۈر. كاپالەت مەبلىغى بىلەن ئالتۇن ئېلىپ سېتىش سودىسىدا زىيان كۆرۈلگەندە قانداق بۇلىدۇ؟ قەرىزدار بۇلۇپ قالىدىغان ئىش كۆرۈلەمدۇ؟ كونىلار «پايدا ھەر ۋاقىت زىيان بىلەن قوش گىزەك» دەپ ئېيتقان. ئالتۇن بازىرىدا ئۈسۈش ۋە چۈشۈشتىن ئىبارەت ئىككىلا يۈلىنىش بولسىمۇ، ئىنسان پىسخىكىسىدىكى تۇسالغۇلار ۋە ئاجىزىقلار تۈپەيلىدىن مەيلى پاي بازىرى مەيلى، پېرىۋوت بازىرى ۋە مەيلى ئالتۇن كۈمۈش بازىرى بولسۇن، كىشىلەر سودا قىلغاندا قارار چىقىرىشتا ھەمىشە گاڭگىراش، ئالاقزادە بۇلۇش، ئىككىلىنىش، ئۈمۈد كۈتۈش قاتارلىق توسالغۇلارغا ئۇچراپ تۇرىدۇ. بۇلۇپمۇ يىڭىدىن پاي بازىرى ، ئالتۇن كۈمۈش بازىرىغا كىرگەنلەرنىڭ ھەممىسىدە بۇنداق ئىشلار دائىم ئۇچرايدۇ. شۇڭا يىڭى بازارغا كىرگەن كىشىلەردە ئۈسۈش يۈلىنىشىنىڭ ئاخىرىدا ئۈسۈشكە، چۈشۈش يۈلىنىشى ئاخىرلىشىش مەزگىلىگە كىرگەندە چۈشۈشكە سودا قىلىدىغان ئىشلار دائىم بۇلۇپ تۇرىدۇ. ئالتۇن سودىسىدا ئۈسۈش ۋە چۈشۈشتىن ئىبارەت ئىككىلا تاللاش بار شۇڭا پايدا زىيان نىسپىتى %50 بۇلىدۇ. كاپالەت مەبلىغى تاپشۇرۇپ سودا قىلغۇچى ئۆز مەبلىغىدىن 100 ھەسسە كۆپ مال ئالالىغانلىق ئۈچۈن مۇبادا زىيان بولسا قانداق بۇلىدۇ دىگەن مەسىلىنى چۈشۈنۈشمۇ مۇھىم، كاپالەت مەبلىغى بىلەن ئالتۇن ئېلىپ سېتىش سودىسىنىڭ پىرىنسىپى مۇنداق بۇلىدۇ، بىر مەبلەغ سالغۇچىنىڭ ئەڭ يۇقىرى زىيان تارتىش چېكى ھىساۋاتىدىكى ئومۇمى مەبلەغ سوممىسىدىن ئېشىپ كىتىش ئالدىدا تۇرغاندا مەزكۇر سودا شىركەت تەرەپتىن ئاپتۇماتىك ئاخىرلاشتۇرۇلىدۇ. بۇنداق بۇلىشىدىكى سەۋەپ، ناۋادا بۇ سودا ئاخىرلاشتۇرۋېتىلمىسە مەبلەغ سالغۇچى ئۆزىنىڭ پۇلىنى زىيان تارتىپلا قالماي، مەبلەغ ھەسسىلەپ بەرگەن شىركەت تەرەپكىمۇ زىيان كۆرۈلىشى مۇمكىن. شۇڭا بىر مەبلەغ سالغۇچىنىڭ ئەڭ يۇقىرى زىيان چېكى ھىساۋاتىدا قالغان پۇل بىلەن ئۆلچىنىدۇ. بۇنداق بولغاندا ھەر ئىككى تەرەپكە نىسپەتەن پايدىلىق بۇلۇپ، بىر تەرەپتىن مەبلەغ سالغۇچى ئېغىر قەرىزگە بۇغۇلۇپ قالىدىغان ئىش كۆرۈلمەيدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن شىركەت مەبلىغىمۇ بىخەتەرلىككە ئىگە بۇلىدۇ. مەسىلەن: بىر مەبلەغ سالغۇچىنىڭ ھىساۋاتىدا 5000 يۈەن بولسا ئۇنداقتا بۇ مەبلەغ سالغۇچىنىڭ ئەڭ زور زىيان تارتىش چېكى 5000 يۈەندىن كۆپ بولمايدۇ، ئەمما پايدا ئېلىش چېكى چەكسىز بۇلىدۇ. ناۋادا پايدا ئېلىۋاتقان سودا بولسا ئۇنداقتا قانچىلىك پايدا ئالسۇن، شىركەتنىڭ بۇنداق پايدا ئېلىۋاتقان سودىنى ئاپتۇماتىك ئاخىرلاشتۇرۋېتىش ھوقۇقى بولمايدۇ. سېتىش ساتماسلىقنى مەبلەغ سالغۇچى ئۆزى قارار قىلىدۇ. نىمە ئۈچۈن كۆكلەن سودا مەسلىھەتچىلىك شىركىتى بىلەن ئالتۇن سودىسى ھەمكارلىق توختامى ئىمزالىغان شىركەتتىن ھىساپ ئاچىمىز؟ 1. مەبلەغ ھەسسىلەش نىسپىتى يۇقىرى. ھازىر جۇڭگۇدا ئوخشاش كەسىپتىكىلەر ئىچىدە ئەڭ يۇقىرى ھەسسىلەش نىسپىتىنى يولغا قويغان. مەبلەغ ھەسسىلەش نىسپىتى قانچە يۇقىرى بولسا، كاپالەتكە تۇتىدىغان پۇل شۇنچە ئاز بۇلىدۇ، بۇ مەبلەغنىڭ ئەركىنلىكىگە يۈرۈشۈشچانلىقىغا نىسپەتەن تۇلىمۇ پايدىلىق بۇلۇپلا قالماي، تېخىمۇ ئاز مەبلەغ بىلەن سودىغا قاتنىشىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىدۇ. ھازىر كۆپلىگەن شىركەتلەر 5 ھەسسىلەش، 12.5 ھەسسىلەش ئۇسۇلىنى قوللىنىدۇ، بۇنداق بولغاندا كاپالەت پۇلى نىسپىتى 10 ھەسسە ئېشىپ كىتىدۇ. شۇنداق بولغاندا يۇقاردىكى مىسالغا نىسپەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا كاپالەت پۇلى 3500 يۈەن بولماستىن 35مىڭ يۈەن بۇلىدۇ. بۇ يەنىلا كۆپ مەبلەغنىڭ كاپالەت پۇلىغا تۇتۇلۇپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، سودىدا پاسىپ ھالەتنى شەكىللەندۈرۈپ قۇيىدۇ. 2. مەبلەغ بىخەتەرلىكى يۇقىرى. شىركەت ئالتۇنچىلىق ساھەسىدە نۇپۇزلۇق شىركەت بۇلۇپ، توردا ئېلىپ بېرىلىدىغان ئالتۇن سودىسىمۇ مۇناسىۋەتلىك قانۇنى ئورگانلارنىڭ ۋە نازارەت ئورگانلىرىنىڭ تەستىقلىشى ئارقىلىق يولغا قۇيۇلغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھىساۋات مەبلىغى قۇرۇلۇش بانكىسى كارتىسى بىلەن بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن بۇلۇپ، قۇرۇلۇش بانكىسى مەبلەغنى باشقۇرىدۇ ۋە نازارەت قىلىدۇ. ھىساۋات ئېچىلغاندىن كىيىن قۇرۇلۇش بانكىسىنىڭ تور بانكىسى ئارقىلىق ھىساۋات نومۇرى بانكا كارتىسىغا باغلانغاندىن كىيىن، ھەرھەپتە دۈشەنبە شىنجاڭ ۋاقتى ئەتتىگەن سائەت 6:30 دىن چۈشتىن كىيىن سائەت 2:30 غىچە سودا سېستىمىسى ئىچىدىلا مەبلەغنى بانكىدىن ھىساۋاتقا ئاغدۇرغىلى ۋە ھىساۋاتتىكى پۇلنى بانكا كارتىسىغا چىقىرىۋالغىلى بۇلىدۇ. بۇ جەھەتتە ھازىرقى ئالتۇن سودىسى بىلەن تەمىنلەيدىغان شىركەتلەر ئىچىدە ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. مەبلەغ كىرگۈزۈشتە ھېچقانداق رەسمىيەت ھەققى ئېلىنمايدۇ. مەبلەغ چىقىرۋېلىشتا بانكا تەرەپ چىقىرۋالىدىغان مەبلەغ سوممىسىنىڭ قانچىلىك بۇلىشىدىن قەتئىي نەزەر ھەر بىر قېتىملىق چىقىرىش مەشغۇلاتى ئۈچۈن 15 يۈەن رەسمىيەت ھەققى ئالىدۇ. 9-ئاينىڭ 29-كۈنى شىركەت تەرەپ يەنە جۇڭگۇ سودا سانائەت بانكىسى بىلەنمۇ مەبلەغ باشقۇرۇش ۋە نازارەت قىلىش كىلىشىمى ئىمزالاش مۇراسىمىنى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزدى. ھەمدە 2012-يىلى 2-ئايلار ئەتراپىدا يېزا ئىگىلىك بانكىسى ۋە سودا سانائەت بانكسىى كارتىلىرى بىلەن ھىساۋاتنى باغلاش ۋە مەبلەغنى ئەركىن كىرگۈزۈپ چىقىرىش ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. 3. نوقتا پەرقى تۆۋەن. توردا سودا ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن سېتىۋېلىش ۋە سېتىپ بىرىشتىكى باھا پەرقىنىڭ تۆۋەن بۇلىشىغا كۆڭۈل بۈلۈشكە توغرا كىلىدۇ. ھازىر بانكا ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدىغان قەغەز ئالتۇن سودىسىدا باھا پەرقى بىر قەدەر يۇقىرى ئۇنىڭ ئۈستىگە ئالتۇن سېتىۋالغان پۇلنى تۇلۇق تۆلەشنى تەلەپ قىلىدۇ. چۈشۈش يۈلىنىشىگە سودا قىلغىلى بولمايدۇ. باشقا ئالتۇنچىلىق شىركەتلىرىنىڭ باھا پەرقى 0.6دىن 0.4 كىچە بۇلۇپ يەنىلا يۇقىرى. ئەمما شىركىتىمىز ئاچقان سودا ھىساۋاتىدا قەغەز ئالتۇن سودىسىنىڭ نوقتا پەرقى 3 مو بۇلۇپ، سودا جەريانىدا تېخىمۇ قولايلىقلارنى ئېلىپ كىلىپ، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ باھا پەرقىگە كىتىدىغان پۇلىنى تىجەپ بىرىدۇ. 4. رەسمىيەت ھەققى بىر ھەسسە تۆۋەنلىتىلگەن. بىر قول سودا ئېلىپ بېرىشتا شىركەت كاپالەت مەبلىغى بىلەن تەمىنلىگەنلىكى ئۈچۈن مەلۇم رەسمىيەت ھەققى ئالىدۇ. ئەمما رەسمىيەت ھەققىنىڭ يۇقىرى تۆۋەنلىكى مەبلەغ سالغۇچىنىڭ سودا تەننەرقىنىڭ يۇقىرى تۆۋەنلىكى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا، مەبلەغ سالغۇچىلار پاي بازىرى ۋە پېرىۋوت بازارلىرىدىمۇ تۆۋەن رەسمىيەت ھەققىنى قوغلىشىدۇ. ئالتۇن بازىرىدىمۇ رەسمىيەت ھەققى بىلەن نوقتا پەرقىنىڭ يۇقىرى بۇلىشى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ سودا تەننەرقىنى ئاشۇرىۋىتىدۇ ۋە قىسقا سودىلاردا ھېچقانچە پايدا ئالالماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا رەسمىيەت ھەققىگىمۇ ئالاھىدە ئىتىبار بىرىش كىرەك. ھازىر زور كۆپ سانلىق شىركەتلەرنىڭ رەسمىيەت ھەققى بىر قول (ئون ئۇنسىيە) سودا ئۈچۈن 100 يۈەن ئەتراپىدا بۇلۇپ، تۆۋەنلىرىمۇ 60 يۈەندىن تۆۋەن ئەمەس، ئەمما كۆكلەن سودا مەسلىھەتچىلىك شىركىتى بىلەن ھەمكارلىق ئورناتقان شىركەتنىڭ رەسمىيەت ھەققى ئاران 30 يۈەن بۇلۇپ، نۆۋەتتە پۈتۈن جۇڭگۇ بۇيىچە ئەڭ تۆۋەن بۇلۇپ، پايدا ئېلىشنى كۆزلىمىگەن دىيىشكىمۇ بۇلىدۇ. يەنە كىلىپ 100 گىراملىق كىچىك ئالتۇن سودا تۈرىمۇ بار بۇلۇپ، رەسمىيەت ھەققى ۋە باھا پەرقى ھەممىسى قۇشۇلۇپ 20 يۈەندىن ئاشمايدۇ. ئىشىنىمىزكى يىڭى ھىساۋات ئاچقان مەبلەغ سالغۇچىلار تۆۋەن نوقتا پەرقى ۋە تۆۋەن رەسمىيەت ھەققى بىلەن بۇرۇنقىدىن %70 قۇشۇمچە چىقىملاردىن قۇتۇلۇپ، رەسمىيەت ئۈچۈن تۆلىنىۋاتقان مەبلىغى پايدا ئالغان مەبلەغ قاتارىغا جۇغلىنىدۇ. 5. مال تۈرى كۆپ، كۆپخىل سودا ئۇسۇلىنى خالىغانچە ئېلىپ بارغىلى بۇلىدۇ. مال تۈرى ئىچىدە ئالتۇن كۈمۈش سودىسىدىن باشقا قەغەز ئالتۇن قەغەز كۈمۈش، ئادەتتىكى ئالتۇن ئېلىش ۋە سېتىش سودىسى تۈرلىرىمۇ بار. قەغەز ئالتۇن ۋە قەغەز كۈمۈش سودا تۈرلىرىنىڭ نوقتا پەرقى سودا سانائەت بانكىسى ۋە جۇڭگۇ بانكىلىرىدىنمۇ تۆۋەن، نوقتا پەرقى ئاران 3 مو بۇلۇپ، بانكىنىڭ ئەڭ تۆۋەن 8 مو نوقتا پەرقىدىن 1 ھەسسىدىن كۆپرەك تۆۋەن. بانكا ئارقىلىق قەغەز ئالتۇن سودىسى قىلىۋاتقانلارمۇ نوقتا پەرقىگە تۆلەيدىغان رەسمىيەت ھەققىدە كۆپ مەبلەغنى ئىقتىساد قىلالايدۇ. سېستىما سۈرئىتى تىز، ئېلىپ سېتىش ئىشلىرىدا سۈرئەت قوغلىشىشقا پايدىلىق، تېخىمۇ ياخشى بولغان بىر تەرىپى سودا سېستىمىسى ئارقىلىق قەغەز ئالتۇن قەغەز كۈمۈش سودىسى ئېلىپ بارغاندا چۈشۈش يۈلىنىشىگىمۇ مال ئالغىلى بولىدۇ. بۇ مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ چۈشىۋاتقان يۈلىنىشتە سودا قىلالماي ساقلاپ ئولتۇرىدىغان پاسسىپ ھالەتكە خاتىمە بەرگەن. 6. تېخنىكىلىق سودا ئاساسى ياخشى. كۆكلەن سودا مەسلىھەتچىلىك چەكلىك شىركىتىمىز يەنە ئۇزۇن يىللىق پايچېىكى، تاشقى پېرىۋوت، ئالتۇن سودىسى تەجرىبىلىرى ئارقىلىق ئۆز ئالدىغا مۇستەققىل ئالتۇن كۈمۈش بازىرىنى ئانالىز قىلىش ۋە سودا تاكتىكىسى ئورۇنلاشتۇرۇش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان. مەبلەغ سالغۇچىلارغا 兴旺黄金 385344 گۇا گۇا ئىقتىساد دەرىسخانىسى ئارقىلىق سېستىمىلىق ھالدا ئالتۇن سودىسى ۋە تېخنىكىلىق ئانالىز قىلىش ئاساسى بىلىم تەربىيىسى ئېىلىپ بارىدۇ، يەنە ئەمەلى سودا جەريانىدا مۇنازىرە تەھلىل ئېلىپ بارغاچ بىرلىكتە بازار ھەققىدە مۇلاھىزىلەرنى ئۇيۇشتۇرىدۇ. مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ كومپىيۇتېرىغا يىراقتىن كونتىرول قىلىش شەكلى ئارقىلىق سودا سېستىمىسى ۋە تەھلىل سېستىمىلىرىنى قاچىلاپ بىرىدۇ ۋە سېستىمىنىڭ ئېكران كۆرۈنۈشلىرىنى چۈشۈنۈشلۈك، ئاددى ۋە تەھلىل قىلىشقا قۇلايلىق ھالەتكە تەڭشەپ بىرىدۇ. سودا سېستىمىسىدا كۆرۈلگەن كاشىلا ۋە چۈشىنەلمىگەن مەسىلىلەرگە تېلىفۇندا ياكى QQ دا ئاۋازلىق ئەتراپلىق چۈشەنچە بىرىدۇ ۋە ھەل قىلىدۇ. قەرەللىك ھالدا ھەر قايسى ۋىلايەت ۋە ناھىيە شەھەرلەرگە بېرىپ، نەخ مەيدان مۇنازىرە چاي سۆھبىتى ئۇيۇشتۇرىدۇ، تەھلىل بىلىملىرىدىن ئورتاقلىشىدۇ. كۆپ يىللاردىن بۇيان سودا قىلىش جەريانىدا توپلىغان سودا قىلىش ئۇسۇلىرى، سودا سېستىمىلىرى ۋە رەتلەپ تۈزۈپ تەييارلىغان ئىندىكاتۇرلارنى مەبلەغ سالغۇچىلار بىلەن ئورتاق ئىشلىتىش ئارقىلىق، مەبلەغ سالغۇچىلاردا تىز سۈرئەتتە ئۆز ئالدىغا ئانالىز قىلالايدىغان، سودا قىلىشتا تاكتىكىلىق سودا ئورۇنلاشتۇرىدىغان ھالەتكە يەتكۈزىدۇ. كۆكلەن ئىقتىساد تورى ئارقىلىق تۈرلۈك بىلىملەر، ئۇچۇرلار، سودا تەھلىللىرىنى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ پايدىلىنىشىغا يوللاپ تۇرىدۇ. ھەر قايسى ۋىلايەت ۋە شەھەرلەردىن شىركەت بىلەن ھەمكارلىشىشنى خالايدىغان، ئالتۇن كۈمۈش سودىسىدا مەلۇم تەجرىبىلىك بولغان دوسلارنىڭ شىركىتىمىز بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشىنى قارشى ئالىدۇ. كۆكلەن ئىقتىساد تورىغا ياردەملىشىشنى خالايدىغان، ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە ئىقتىساد كەسپىنى ئۆگەنگەنلەرگە ئىقتىدارىنى نامايەن قىلىدىغان ھەقىقى سورۇن ھازىرلاپ بىرىدۇ. كۆكلەن سودا مەسلىھەتچىلىك چەكلىك شىركىتى ئالاقىلاشقۇچى: ئەكرەمجان تېلىفۇن: 13999057875

         كۆرۈلۈشى:491     قوشۇلغان ۋاقتى:2012/1/17 3:09:13يوللىغۇچى ئەزا:

 
   

   ئاۋات ئەسەرلەر

ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:كىشىلىك ھايات پەقەت بىرنەچچە ۋاراق قەغەز
كىشىلىك ھايات پەقەت بىرنەچچە ۋاراق قەغەز
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:گۈل پىچىرلىشى
گۈل پىچىرلىشى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئۇستاز، ئوقۇغۇچىڭىزنىڭ ئىچكى ھېسسىياتىغا سەل قارىماڭ
ئۇستاز، ئوقۇغۇچىڭىزنىڭ ئىچكى ھېسسىياتىغا
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:كىتاب ئۇقۇشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى
كىتاب ئۇقۇشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:خىزمەت تاپماق نېمىشقا تەس؟
خىزمەت تاپماق نېمىشقا تەس؟
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:بىر چۈشكۈرگۈندە 20 مىڭچە باكتېرىيە چىقىدۇ؛
بىر چۈشكۈرگۈندە 20 مىڭچە باكتېرىيە چىقىد
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ھاياتلىق پەقەتلا ئۈچ كۈن ...
ھاياتلىق پەقەتلا ئۈچ كۈن ...
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:بۇ سەككىز سوئال سىزنى شۇھامان سەگەك قىلىدۇ!
بۇ سەككىز سوئال سىزنى شۇھامان سەگەك قىلى

پىكىر ئالماشتۇرۇڭ   بىزنى قوللاڭ   بىزدىن پايدىلىنىڭ   بىزنى بىلۋىلىڭ
       
ئالاقىلىشڭ تەكلىپ-پىكىر ئېلان بىرىڭ بېكەت ھەققىدە
سەيناغا كىرىڭ ئەزا بولوڭ ھەمكارلىشىڭ سەھىپىلەر
  ئۇلىنىش قوشۇش ئۇچۇر يوللاڭ مۇلازىمەتلىرىمىز
  بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ   بېكەت لوگوسى ئەسەر يوللاڭ بېكەت رەسمىيەتلىرى
 
 
 
 

 

   

工信部备案:新ICP备11000444号

乌鲁木齐市公安局网络支队备案号-6501201108002 Copyright© 2010-2014 SalamURUMQI.Com