Www.SalamUrumqi.Com - سالام ئۈرۈمچى ئونۋېرسال تور بېكىتى - 萨拉穆乌鲁木齐娱乐资讯门户网
مىقلاڭ ئەسەر يوللاڭ تىزىملىتىڭ
ساقلىۋىلىڭ ئۇچۇر يوللاڭ مەرھەمەت
 
 
 


ئىنسان ھاياتىدىكى ئەڭ قىممەتلىك 12 بايلىق

ئىنسان ھاياتىدىكى بىرىنچى بايلىق : ئاكتىپ ۋە كۆتۈرەڭگۈ كەيپىيات
ئىنساننىڭ بارلىق بايلىقى، بىرخىل روھى ھالەتنى مەنبە قىلىدۇ.روھى ھالەت بولسا ،ئىنسان پۈتۈنلەي كونترول قىلالايدىغان نەرسە.ئاكتىپ ۋە كۆتۈرەڭگۈ كەيپىياتنى ئۆزىنىڭ خاسلىقىغا ئايلاندۇرالىغان ئادەم يۈكسىلىشنىڭ يولنى ئاچقان بولىدۇ.

ئىنسان ھاياتىدىكى ئىككىنچى بايلىق:ساغلام تەن
ساغلام تەن -ساپ تەپەككۈرنىڭ مەنبەسى. ئاكتىپ ۋە كۆتۈرەڭگۈ كەيپىيات بىلەن مۇۋاپىق جىسمانىي چېنىقىشقا كاپالەت قىلىش كېسەللىكلەردىن خالى بولۇشنىڭ ئەڭ ياخشى يولىدۇر.

ئىنسان ھاياتىدىكى ئۈچىنچى بايلىق:كىشىلىك ئالاقىدىكى ئىناقلىق
ئىنسان ئەڭ ئاۋۋال يېتىلدۈرۈشكە تېگىشلىك مەسئۇلىيەت بولسا-ئىچكى ئىناقلىقتۇر، ئىچكى دۇنيادىكى تىنچلىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرالىسىڭىزباشقىلاربىلەن ئاسانلا ئىناق مۇناسىۋەت ئورنىتالايسىز.باشقىلارغا سەمىمىيەت بىغىشلىيالايدىغان ئادەم ھامان ياخشى جاۋابقا نائىل بولىدۇ.

ئىنسان ھاياتىدىكى تۆتىنچى بايلىق:غەم -غۇسسنى يېڭىش
ئادەمنى غەمگە مۇپتىلا قىلىدىغان يەتتە مەنبە : نامراتلىق، كېسەللىك، تەنقىد، مۇھەببەتتىن مەھرۇم بولۇش، ئۆزىنى يوقۇتۇش، قېرىش، ئۆلۈمدىن ئىبارەت. غەم-غۇسسىگە قۇل بولغان ئادەم ھەقىقىي تۈردە باي ۋە ئەركىن ئادەم ھېسابلانمايدۇ.

ئىنسان ھاياتىدىكى بەشىنچى بايلىق: ئۈمىدۋارلىق
ئۈمىد ئىنساننىڭ ئەڭ ياخشى روھى ھالىتىنى ياراتقۇچى، ئۇ-ھەقىقىي خۇشھاللىقنىڭ مەنبەسى .

ئىنسان ھاياتىدىكى ئالتىنچى بايلىق: ئېتىقاد
ئېتىقاد بىرخىل قۇدرەتلىك كۈچ، ئۇ ئىدىيىدىكى ئاجىزئىنىرگىيىلەرنى قىممىتى زور مەنىۋىيەتكە ئايلاندۇرىدۇ.ئىتىقاديەنەھايات يولىڭىزنى چەكسىزپاراسەت نۇرلىرى بىلەن يورۇتۇپ بېرىدۇ.

ئىنسان ھاياتىدىكى يەتتىنچى بايلىق:ئۆزبەختىدىن ئۆزگىلەرنىمۇ بەھىرلەندۈرۈش
ئۆزى ئېرىشكەن بەخت -سائادەتتىن باشقىلاربىلەن ئورتاق بەھىرلىنىشنى بىلمەيدىغان ئادەم، بەختنىڭ ئىشكىنى مەڭگۈ تاپالمايدۇ.

ئىنسان ھاياتىدىكى سەككىزىنچى بايلىق:ئۆزكەسپىنى قىزغىن سۆيۈش
ھېچقانداق ئادەمنى، ئۆزكەسپىنى قىزغىن سۆيىدىغان ئادەم بىلەن بايلىق جەھەتتە سىلۇشتۇرالمايمىز، چۈنكى ئۇنىڭ ئۆزى قىزغىن سۆيۈپ قىلىدىغان ئىشى بار ،ئۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن بارلىقىنى بېغىشلىيالايدۇ.

ئىنسان ھاياتىدىكى توققۇزىنچى بايلىق: كۆڭۈل-كۆكسىنى كەڭرى تۇتۇش
كۆڭلى -كۆكسىنى ھەرقانداق شارائىتتىمۇ كەڭرى تۇتالايدىغان ئادەملەر ھەقىقىي تەربىيە كۆرگەن كىشىلەر ھېسابلىنىدۇ .ئۇلارنىڭ ئىچكى دۇنياسى ھامان قۇياش نۇرىغا تويۇنغان ھالدا. ئۇلارنىڭ ئىش-ئوقەتلىرى ھامان يۈرۈشكەن ھالدا.

ئىنسان ھاياتىدىكى ئونىنچى بايلىق: ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش
ئادەم ئۆزىگە «خوجا» بولماي تۇرۇپ، ھەرقانداق ئىشقا«خوجا»بولالمايدۇ. ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش، ئۈمىدلەر مەنزىلىگە يېتىشنىڭ يولى، دوست ھەتتا دۈشمەننىڭ ھۆرمىتىنى قوزغايدىغان ئەڭگۈشتەر.(ۋەتەن تەرجىمە جەريانىدا شۇنى قىستۇرۇپ قويۇدۇكى :ئۆزىنى سورىغان شەھەر سورايدۇ.-دېگەن ئېسىل نەسەبلىك ئاتا-بۇۋىلار)

ئىنسان ھاياتىدىكى ئون بىرىنچى بايلىق: ئۆزگىنى چۈشىنىش ئىقتىدارى
ئۆزگىنى چۈشىنىش دۈشمەننى ئازايتىپ، دوستنى ئۇلغايتىشكى ئەڭگۈشتەر. ئۇ ئىنسان بىلەن ئىنسان ئارىسىداھىممەت،ھەمكارلىق ئورنىتىشنىڭ ئاساسى.بۇنىڭداتەۋسىيەشۇكى:ئۆزگىنى چۈشىنىشتىن بۇرۇن ئۆزۈڭنى چۈشەن.

ئىنسان ھاياتىدىكى ئون ئىككىنچى بايلىق:ئىقتىسادى كاپالەت
مەزكۇرئون ئىككى بايلىق قاتارىدا گەرچە ئەڭ ئاخىرىغا تىزىلغان بولسىمۇ، ئەممابۇ ئىنسان ھاياتىدىكى ئەڭ مۇھىم بايلىقنىڭ بىرى. ئاخىرىدا شۇنى ئەسكەرتىمىزكى: ئەگەرسىز ئالدىنقى ئون بىرخىل بايلىقنى توپلىيالىسىڭىزلا،بۇ بايلىق(ئىقتىساد)قىمۇ ئاسانلا ئېرىشەلەيسىز.

         كۆرۈلۈشى:995     قوشۇلغان ۋاقتى:2012/1/11 13:59:53يوللىغۇچى ئەزا:

 
   

   ئاۋات ئەسەرلەر

ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:كىشىلىك ھايات پەقەت بىرنەچچە ۋاراق قەغەز
كىشىلىك ھايات پەقەت بىرنەچچە ۋاراق قەغەز
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:گۈل پىچىرلىشى
گۈل پىچىرلىشى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئۇستاز، ئوقۇغۇچىڭىزنىڭ ئىچكى ھېسسىياتىغا سەل قارىماڭ
ئۇستاز، ئوقۇغۇچىڭىزنىڭ ئىچكى ھېسسىياتىغا
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:كىتاب ئۇقۇشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى
كىتاب ئۇقۇشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:خىزمەت تاپماق نېمىشقا تەس؟
خىزمەت تاپماق نېمىشقا تەس؟
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:بىر چۈشكۈرگۈندە 20 مىڭچە باكتېرىيە چىقىدۇ؛
بىر چۈشكۈرگۈندە 20 مىڭچە باكتېرىيە چىقىد
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ھاياتلىق پەقەتلا ئۈچ كۈن ...
ھاياتلىق پەقەتلا ئۈچ كۈن ...
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:بۇ سەككىز سوئال سىزنى شۇھامان سەگەك قىلىدۇ!
بۇ سەككىز سوئال سىزنى شۇھامان سەگەك قىلى

پىكىر ئالماشتۇرۇڭ   بىزنى قوللاڭ   بىزدىن پايدىلىنىڭ   بىزنى بىلۋىلىڭ
       
ئالاقىلىشڭ تەكلىپ-پىكىر ئېلان بىرىڭ بېكەت ھەققىدە
سەيناغا كىرىڭ ئەزا بولوڭ ھەمكارلىشىڭ سەھىپىلەر
  ئۇلىنىش قوشۇش ئۇچۇر يوللاڭ مۇلازىمەتلىرىمىز
  بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ   بېكەت لوگوسى ئەسەر يوللاڭ بېكەت رەسمىيەتلىرى
 
 
 
 

 

   

工信部备案:新ICP备11000444号

乌鲁木齐市公安局网络支队备案号-6501201108002 Copyright© 2010-2014 SalamURUMQI.Com