Www.SalamUrumqi.Com - سالام ئۈرۈمچى ئونۋېرسال تور بېكىتى - 萨拉穆乌鲁木齐娱乐资讯门户网
مىقلاڭ ئەسەر يوللاڭ تىزىملىتىڭ
ساقلىۋىلىڭ ئۇچۇر يوللاڭ مەرھەمەت
 
 
 


بۇلاڭچىلىق جىنايىتى بىلەن تارتىۋېلىش جىنايىتىنىڭ پەرقى؛

بۇلاڭچىلىق جىنايىتى بىلەن تارتىۋېلىش جىنايىتىنىڭ ھەر ئىككىلىسىلا مال - مۈلۈككە دەخلى - تەرۇز قىلىش جىنايىتى ھېسابلىنىدۇ، ئوبيېكتىپ جەھەتتە پۇل - مالنى ئاشكارا تارتىۋالىدۇ، سۇبيېكتىپ جەھەتتە جامائەتنىڭ، خۇسۇسىيلارنىڭ مال - مۈلكىنى قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىشنى مەقسەت قىلغان بولىدۇ. ئىككى جىنايەتنىڭ ئاساسلىق پەرقى مۇنداق:

بىرىنچى، دەخلى - تەرۇز قىلىدىغان ئوبيېكتى ئوخشىمايدۇ. بۇلاڭچىلىق جىنايىتىنىڭ دەخلى - تەرۇز قىلىدىغىنى جامائەتنىڭ، خۇسۇسىيلارنىڭ مال - مۈلۈككە بولغان ئىگىدارلىق ھوقۇقى ۋە پۇقرالارنىڭ جىسمانىي ھوقۇقى بولىدۇ. تارتىۋېلىش جىنايىتىنىڭ بولسا، مال - مۈل−ۈككە ئىگىدارلىق قىلىش ھوقۇقى بولىدۇ.
 
ئىككىنچى، ئوبيېكتىپ جەھەتتىكى ئىپادىلىنىشى ئوخشاش بولمايدۇ. جىنايەت سادىر قىلىش جەريانىدا بۇلاڭچىلىق جىنايىتىدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىغا زورلۇق قىلىش، تەھدىت سېلىش ۋە باشقا مەجبۇرلاش ئۇسۇلىنى قوللىنىدۇ. تارتىۋېلىش جىنايىتىدە باشتىن - ئاخىر بۇ ئۇسۇللارنى قوللانمايدۇ. پۇل - مالنى تارتىۋېلىش ئۈچۈن مۇئەييەن زورلۇق كۈچ ئىشلىتىشى مۇمكىن، لېكىن ئۇ پەقەت تارتىۋېلىنغان پۇل - مالغا قارىتىلىدۇ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ جىسمانىي ھوقۇقىغا بىۋاسىتە دەخلى - تەرۇز قىلمايدۇ. قىلمىش سادىر قىلغۇچى پۇل - مالنى تارتىۋېلىش جەريانىدا بەك كۈچەپ كەتكەنلىكتىن، ئېھتىياتسىزلىقتىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنى زىيانغا ئۇچراتقان بولسا، قەستەن زورلۇق ئىشلەتمىگەنلىكتىن يەنىلا تارتىۋېلىش جىنايىتى، دەپ بېكىتىلىدۇ. ئەگەر يېنىك زەخىملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا، تارتىۋېلىش جىنايىتىدىكى ئېغىر جازا بېرىلىدىغان قىلمىش، دەپ قارالسا بولىدۇ. قىلمىش سادىر قىلغۇچى جىنايەت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن تەييارلىق قىلغاندا تارتىۋېلىش بىلەن بۇلاڭچىلىق قىلىشنىڭ ھەر ئىككىلىسىگىلا تەييارلىق قىلغان، لېكىن نەق مەيداندا، ئەمەلىيەتتە، تارتىۋېلىش قىلمىشىنى سادىر قىلغان بولسا، تارتىۋېلىش جىنايىتى، دەپ بېكىتىش كېرەك. ئەگەر تارتىۋېلىش جىنايىتى سادىر قىلىۋاتقاندا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ۋارقىرىغانلىقتىن ياكى ئارقىدىن قوغلىغانلىقتىن ھارام مالنى يوشۇرۇش، جىنايەت پاكىتلىرىنى يوق قىلىۋېتىش ياكى قولغا ئېلىشقا قارشىلىق قىلىش يۈزىسىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىغا زورلۇق قىلغان ياكى زورلۇق قىلىش ئارقىلىق تەھدىت سالغان بولسا، بۇ بۇلاڭچىلىق جىنايىتىگە ئۆزگىرىپ كەتكەن بولىدۇ.

مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

         كۆرۈلۈشى:388     قوشۇلغان ۋاقتى:2012/1/7 13:01:58يوللىغۇچى ئەزا:

 
   

   ئاۋات ئەسەرلەر

ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:كىشىلىك ھايات پەقەت بىرنەچچە ۋاراق قەغەز
كىشىلىك ھايات پەقەت بىرنەچچە ۋاراق قەغەز
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:گۈل پىچىرلىشى
گۈل پىچىرلىشى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئۇستاز، ئوقۇغۇچىڭىزنىڭ ئىچكى ھېسسىياتىغا سەل قارىماڭ
ئۇستاز، ئوقۇغۇچىڭىزنىڭ ئىچكى ھېسسىياتىغا
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:كىتاب ئۇقۇشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى
كىتاب ئۇقۇشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:خىزمەت تاپماق نېمىشقا تەس؟
خىزمەت تاپماق نېمىشقا تەس؟
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:بىر چۈشكۈرگۈندە 20 مىڭچە باكتېرىيە چىقىدۇ؛
بىر چۈشكۈرگۈندە 20 مىڭچە باكتېرىيە چىقىد
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ھاياتلىق پەقەتلا ئۈچ كۈن ...
ھاياتلىق پەقەتلا ئۈچ كۈن ...
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:بۇ سەككىز سوئال سىزنى شۇھامان سەگەك قىلىدۇ!
بۇ سەككىز سوئال سىزنى شۇھامان سەگەك قىلى

پىكىر ئالماشتۇرۇڭ   بىزنى قوللاڭ   بىزدىن پايدىلىنىڭ   بىزنى بىلۋىلىڭ
       
ئالاقىلىشڭ تەكلىپ-پىكىر ئېلان بىرىڭ بېكەت ھەققىدە
سەيناغا كىرىڭ ئەزا بولوڭ ھەمكارلىشىڭ سەھىپىلەر
  ئۇلىنىش قوشۇش ئۇچۇر يوللاڭ مۇلازىمەتلىرىمىز
  بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ   بېكەت لوگوسى ئەسەر يوللاڭ بېكەت رەسمىيەتلىرى
 
 
 
 

 

   

工信部备案:新ICP备11000444号

乌鲁木齐市公安局网络支队备案号-6501201108002 Copyright© 2010-2014 SalamURUMQI.Com