Www.SalamUrumqi.Com - سالام ئۈرۈمچى ئونۋېرسال تور بېكىتى - 萨拉穆乌鲁木齐娱乐资讯门户网
مىقلاڭ ئەسەر يوللاڭ تىزىملىتىڭ
ساقلىۋىلىڭ ئۇچۇر يوللاڭ مەرھەمەت
 
 
 


كۆز ۋە كۆڭۈلگە زىيانسىز

▲ گۈزەللىكىنى، تەبىئىلىكنى، سەھەرنىڭ ساپ ھاۋاسىدىن، چەكسىز كەتكەن دالىلاردىن ئۈگىنىڭ.
▲ ۋاقىتنى قەدىرلەشنى، ھاياتقا ئەھمىيەت بېرىشنى، مېھرىبانلىقنى ئېقىن سۇلاردىن، تاڭنىڭ ئېتىشىدىن، قۇياشنىڭ ئىللىق پارلىشىدىن ئۆگىنىڭ.  
▲ ئۆزىنىڭ خاتا قىلغانلىقىنى تونۇش ھەم خاتا قىلغىنىغا ئۆكۈنۈش -خاتالىقىنى تۈزىتىپ توغرا يولغا قاراپ ئالغا ئىلگىرلەشنىڭ قايتىدىن باشلىنىشىدۇر.
▲ ئۆز ئارا ئىشىنىش، ھۆرمەت، ئىتائەت بەختلىك ئائىلە قۇرۇشنىڭ مۇستەھكەم تۈۋرۈكى. تۈۋرۈكسىز بىنا قەد كۆتۈرۈپ تۇرالمىغاندەك ئىشەنچ، ھۆرمەت، ئىتائەت بولمىغان ئائىلىمۇ بەختلىك ئائىلە بولالمايدۇ.
▲ قەتئىي ئىرادە ھاياتلىق يولىڭىزدىكى نۇرلۇق مەشئەل. پەقەت سىز ئۇنىڭدىن قايتمىسىڭىزلا، ئۇ سىزنىڭ ئالغا ئىلگىرلەش يولىڭىزنى يورۇتۇپ، كۆزلىگەن نىشانغا توسالغۇسىز يېتىپ بارالايسىز. غايە ۋە ئىرادە ئادەمنىڭ بەخت يولىنى يورۇتۇپ تۇرىدىغان نۇرلۇق ماياك. ئادەمدە پەقەت غايە،ئىرادە بولسىلا، ھايات سەپىرىدە ئۇ ھامان گۈزەللىك، ئىلھام تاپالايدۇ.                      
▲ ئۆزىنى تەمكىن تۇتلايدىغان، بەزى ئىشلارنى غەم يەپ كېتىشكە ئەرزىمەيدۇ دەپ قاراپ، كۆڭلى -كۆكسىنى كەڭ تۇتىدىغان كىشىنىڭ كۆڭلىنى شاد دېيىشكە بولىدۇ.
▲ خەلق ئىچىدىن چىققان سېخى كىشى ئەلگە ئىككى خىل مۇكاپات تەغدىم قىلالايدۇ. بىرى، خەلقگە ياخشىلىق قىلىش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشىپ، ئۇلار بىلەن ئارىلىشىپ ياخشى ئۆتۈش؛ يەنە بېرى، گۈزەل ئەخلاقى ئارقىلىق خەلقنىڭ تىنچ، خاتىرجەم ياشىشىغا تەسىر كۆرسىتىش.
▲ ياخشىلىق قىلالمىسىڭىز يامانلىق قىلماڭ، ياخشىلار قاتارىدا بولالمىسىڭىز، ياخشىلارنىڭ ئەتراپىدا يۈرۈڭ.

*******************
بىر مۇتەپەككۈرنىڭ نۇتقىنى ئاڭلىغان كىشلەر چوڭقۇر تەسىرلىنىپ: "سىزنى شۇنچە قىيىنچىلىقلارغا باش ئەگدۈرمەي، توختاۋسىز ئالغا ئىنتىلدۈرگەن كۈچ زادى نىمە؟" دەپ سوراپتۇ. مۇتەپەككۈر كۈلۈپ تۇرۇپ: "ھاياتتىن ھوزۇرلىنىشنى بىلىش مېنىڭ تەڭداشسىز تىلتۇمارىم، مەن ھەر قانداق مۇشكۈلات ۋە قىيىنچىلىقلارغا يولۇقسام، گۈزەل تەبىئەتكە، رەڭدار، جەلىپكار ھاياتقا، زوق - شوخ بىلەن سايرىشىۋاتقان قۇشلارغا نەزەر سالسام، ئۈزلۈكسىز ئالغا قاراپ كېتىۋاتقان كىشىلەرنى كۆرسەم، قەلبىمنى گۈزەل تۇيغۇلارغا چۆمدۈرەلەيدىغان تەڭداشسىز ئاجايىپ سېھرىي كۈچكە ئىگە روھنى سېزىمەن. بۇ چاغدا ۋۇجۇدۇمدىكى چۈشكۈنلۈك ۋە ھارغىنلىق دەرھال يوقاپ، ھەر قانداق قىينچىلىق ۋە مۇشكۇلات بارغانسېرى كىچىكلەپ، ھەتتا تۇمانغا ئايلىنىپ تارقاپ كېتىدۇ" دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ.
دەرھەقىقەت، كىشىلىك ھاياتتا ھوزۇرلىنىشنى بىلىش كۆز بىلەن كۆرۈشتىنمۇ مۇھىم. چۈنكى، ھايات ھوزۇرسىز بولسا، ئۇنىڭدىكى لەززەتمۇ يوقاپ كېتىدۇ - دە، ياشاش مەنىسىز تۇيۇلىدۇ. ھوزۇرلىنىشنىڭ ئۆزى بىر خىل قەدىرلەش، بەھىر ئېلىش؛
كۈمۈشتەك يالتىراپ تۇرغان قىرو ھوزۇرلىنىشىڭىزغا مۇھتاج، تاغ شامىلىنىڭ پەپىلىشىدە پېتىۋاتقان ئاي، دەرىزىڭىزنى رېتىملىق تاقىلدىتىپ چېكىۋاتقان يامغۇرمۇ ئوخشاشلا ھوزۇرلىنىشىڭىزغا مۇھتاج. ئادەملەر ئوتتۇرىسىدىمۇ ئوخشاشلا ھوزۇرلىنىش بولىدۇ. باشقىلاردىن ھوزۇرلىنىش بىر خىل ھۆرمەت، باشقىلار تەرىپىدىن ھوزۇرلىنىش ئېتىراپقا ئېرىشكەنلىك. ئېنىقكى، باشقىلارنىڭ كۆتۈرەڭگۈ قىياپىتىدىن ھوزۇر ئېلىپ، ئۆزىمىزنىڭ كەيپىياتىنى ياخشىلىشىمىز، باشقىلارنىڭ مەردانە نۇتىقلىرىدىن ھوزۇر ئېلىپ، ئۆزىمىزنىڭ سۆز قابلىيىتىنى ئۆستۈرىشىمىز، باشقىلارنىڭ ئەسەرلىرىدىن ھوزۇرلىنىپ، نەزەر دائىرىمىزنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىشىمىز لازىم.
ھوزۇرلىنىش - ئۆز - ئارا تولۇقلاپ تاۋلاش؛ ھوزۇرلىنىش يەنە بىر ئەينەك، بىر خىل ماياك بولۇپ، كىشىلەرنى توختاۋسىز تاكاممۇلىشىشقا، گۈزەللىككە، يۈكسەك نىشانغا يېتەكلەيدىغان سۇنماس قانات. ئەگەر كىشىلىك ھاياتىڭىزدا ھوزۇرلىنىشنى بىلمىسىڭىز، گۈزەللىككە تويۇنغان كىشىلىك تۇرمۇشىڭىزمۇ، رەڭدار ۋە مەنىلىك ھاياتىڭىزمۇ بولمايدۇ.  

         كۆرۈلۈشى:504     قوشۇلغان ۋاقتى:2012/1/7 12:17:24يوللىغۇچى ئەزا:

 
   

   ئاۋات ئەسەرلەر

ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:كىشىلىك ھايات پەقەت بىرنەچچە ۋاراق قەغەز
كىشىلىك ھايات پەقەت بىرنەچچە ۋاراق قەغەز
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:گۈل پىچىرلىشى
گۈل پىچىرلىشى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئۇستاز، ئوقۇغۇچىڭىزنىڭ ئىچكى ھېسسىياتىغا سەل قارىماڭ
ئۇستاز، ئوقۇغۇچىڭىزنىڭ ئىچكى ھېسسىياتىغا
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:كىتاب ئۇقۇشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى
كىتاب ئۇقۇشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:خىزمەت تاپماق نېمىشقا تەس؟
خىزمەت تاپماق نېمىشقا تەس؟
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:بىر چۈشكۈرگۈندە 20 مىڭچە باكتېرىيە چىقىدۇ؛
بىر چۈشكۈرگۈندە 20 مىڭچە باكتېرىيە چىقىد
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ھاياتلىق پەقەتلا ئۈچ كۈن ...
ھاياتلىق پەقەتلا ئۈچ كۈن ...
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:بۇ سەككىز سوئال سىزنى شۇھامان سەگەك قىلىدۇ!
بۇ سەككىز سوئال سىزنى شۇھامان سەگەك قىلى

پىكىر ئالماشتۇرۇڭ   بىزنى قوللاڭ   بىزدىن پايدىلىنىڭ   بىزنى بىلۋىلىڭ
       
ئالاقىلىشڭ تەكلىپ-پىكىر ئېلان بىرىڭ بېكەت ھەققىدە
سەيناغا كىرىڭ ئەزا بولوڭ ھەمكارلىشىڭ سەھىپىلەر
  ئۇلىنىش قوشۇش ئۇچۇر يوللاڭ مۇلازىمەتلىرىمىز
  بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ   بېكەت لوگوسى ئەسەر يوللاڭ بېكەت رەسمىيەتلىرى
 
 
 
 

 

   

工信部备案:新ICP备11000444号

乌鲁木齐市公安局网络支队备案号-6501201108002 Copyright© 2010-2014 SalamURUMQI.Com