Www.SalamUrumqi.Com - سالام ئۈرۈمچى ئونۋېرسال تور بېكىتى - 萨拉穆乌鲁木齐娱乐资讯门户网
مىقلاڭ ئەسەر يوللاڭ تىزىملىتىڭ
ساقلىۋىلىڭ ئۇچۇر يوللاڭ مەرھەمەت
 
 
 


ھاياتلىق يولىدا ئېھتىيات بىلەن مېڭىڭ

بىر قېتىم سوقرات بىلەن بىر شاگىرتى ئات ھارۋىسىغا ئولتۇرۇپ سەپەرگە مېڭىپتۇ. ئۇلار بىر ئاز ماڭغاندىن كېيىن، چاڭ-توزان ئۇچۇپ تۇرغان، ئوڭغۇل-دوڭغۇل بىر يولغا كەپتۇ. شاگىرت ئات ھارۋىسىنى ئىنتايىن ئاۋايلاپ ھەيدەپ، بۇ خەتەرلىك يولنى مىڭ تەستە تاماملاپ، ئاخىر داغدام يولغا چىقىپتۇ، بۇنىڭدىن خۇشال بولغان شاگىرتنىڭ چىرايىغا كۈلكە يۈگۈرۈپتۇ.

  ئۇ ئاتنى قامچىلاپ، بولۇشىغا ھەيدەپ، ئۇستاز-شاگىرت يول بويىدىكى گۈزەل مەنزىرىلەرگە مەپتۇن بولۇپ مېڭىپتۇ، تۇيۇقسىز ئۇلار جىددىي ئەگىلىدىغان بىر ئايلانمىغا دۇچ كەپتۇ، شاگىرت ئاتنىڭ يۈگىنىنى تارتىشقا ئۈلگۈرەلمەي، ھارۋا ئۆرۈلۈپ چۈشۈپتۇ. سوقرات بىلەن شاگىرت يارىلىنىپتۇ. شاگىرت سوقراتقا قاراپ ناھايىتى ئوڭايسىزلىنىپتۇ.  

ئادەم ھەرقانداق ۋاقىتتا، ھەرقانداق ئىشتا ئېھتىيات قىلىش، پەخەس بولۇش كېرەك. خېيىم-خەتەر ئادەمگە ھەرۋاقىت ھەمراھ، ئۇ پەقەت ئوڭغۇل-دوڭغۇل يوللاردىلا بولمايدۇ، سەن بايا خەتەرلىك يولدا ناھايىتى ئېھتىياتچان بولدۇڭ. داغدام يولغا چىققاندىن كېيىن، سەزگۈرلۈكىڭنى يوقىتىپ قويدۇڭ،  دەپتۇ سوقرات ئۈستى بېشىدىكى توپىلارنى قېقىپ.

  رېئال تۇرمۇشىمىزدا بۇنداق ئەھۋاللارغا كۆپ ئۇچرايمىز، نۇرغۇن كىشىلەر خەتەردىن ئامان-ئېسەن ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن، خۇشاللىقتا خۇدىنى يوقىتىپ، بىخەستەلىك قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن داغدام يولدىمۇ ماڭالمايدۇ، شۇڭا ھەرۋاقىت ئېھتىياتچان بولۇش كېرەك.

  ھاياتلىق يولى ھەر قاچان داغدام بولۇۋەرمەيدۇ، ئەمما بۇ يولدا قانداق مېڭىش ئۆزىمىزگە باغلىق. بىز ئېھتىياتچانلىق بىلەن مەزمۇت قەدەم تاشلىيالىساق، ھەرقانداق چاغدا ھاياتلىق يولىدا مەزمۇت قەدەم بىلەن خاتىرجەم ماڭالايمىز.

         كۆرۈلۈشى:499     قوشۇلغان ۋاقتى:2012/1/7 12:05:50يوللىغۇچى ئەزا:

 
   

   ئاۋات ئەسەرلەر

ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:كىشىلىك ھايات پەقەت بىرنەچچە ۋاراق قەغەز
كىشىلىك ھايات پەقەت بىرنەچچە ۋاراق قەغەز
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:گۈل پىچىرلىشى
گۈل پىچىرلىشى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئۇستاز، ئوقۇغۇچىڭىزنىڭ ئىچكى ھېسسىياتىغا سەل قارىماڭ
ئۇستاز، ئوقۇغۇچىڭىزنىڭ ئىچكى ھېسسىياتىغا
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:كىتاب ئۇقۇشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى
كىتاب ئۇقۇشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:خىزمەت تاپماق نېمىشقا تەس؟
خىزمەت تاپماق نېمىشقا تەس؟
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:بىر چۈشكۈرگۈندە 20 مىڭچە باكتېرىيە چىقىدۇ؛
بىر چۈشكۈرگۈندە 20 مىڭچە باكتېرىيە چىقىد
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ھاياتلىق پەقەتلا ئۈچ كۈن ...
ھاياتلىق پەقەتلا ئۈچ كۈن ...
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:بۇ سەككىز سوئال سىزنى شۇھامان سەگەك قىلىدۇ!
بۇ سەككىز سوئال سىزنى شۇھامان سەگەك قىلى

پىكىر ئالماشتۇرۇڭ   بىزنى قوللاڭ   بىزدىن پايدىلىنىڭ   بىزنى بىلۋىلىڭ
       
ئالاقىلىشڭ تەكلىپ-پىكىر ئېلان بىرىڭ بېكەت ھەققىدە
سەيناغا كىرىڭ ئەزا بولوڭ ھەمكارلىشىڭ سەھىپىلەر
  ئۇلىنىش قوشۇش ئۇچۇر يوللاڭ مۇلازىمەتلىرىمىز
  بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ   بېكەت لوگوسى ئەسەر يوللاڭ بېكەت رەسمىيەتلىرى
 
 
 
 

 

   

工信部备案:新ICP备11000444号

乌鲁木齐市公安局网络支队备案号-6501201108002 Copyright© 2010-2014 SalamURUMQI.Com