Www.SalamUrumqi.Com - سالام ئۈرۈمچى ئونۋېرسال تور بېكىتى - 萨拉穆乌鲁木齐娱乐资讯门户网
مىقلاڭ ئەسەر يوللاڭ تىزىملىتىڭ
ساقلىۋىلىڭ ئۇچۇر يوللاڭ مەرھەمەت
 
 
 


مۇھەببەتنىڭ تەمى

   ئەرنىڭ نەزەرىدىكى مۇھەببەت
  دەسلەپ تونۇشقاندا : ئۇ خۇددى بىر پەرىشتە .
مۇھەببەتلىشىۋاتقاندا : ئۇ دۇنيا بويىچە ئەڭ ياخشى قىز ، مەن چوقۇم ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىمەن .
  توي قىلىپ بىر يىل بولغاندا : مېنىڭ خوتۇنۇم ھەر ھالدا يامان ئەمەس ، قەدىردان رەپىقە بولۇشقا لايىق ، پەقەت بەزىبىر ئۇششاق ئىللەتلىرى بار ، تۇرۇپ -تۇرۇپلا سەپرالىشىپ قالىدۇ .
  توي قىلىپ بەش يىل بولغاندا : ئۇ بارغانسېرى تېتىقسىزلىششقا باشلىدى ، بارغانسېرى ئازازۇل بولۇپ كېتىۋاتىدۇ .
  توي قىلىپ 10يىل بولغاندا : ئۇ دۇنيا بويىچە ئەڭ سەت ، ئەڭ بېشەم ، ئەڭ غەرەز ئۇقمايدىغان خوتۇن . نېمىشقىمۇ ئۇنىڭ بىلەن توي قىلغان بولغىيتتىم ؟
  توي قىلىپ 20يىل بولغاندا : ئۇنىڭ ئاشۇ كەمچىلىكلىرى ، مىجەزىنىڭ ئوساللىقىنى دېمىگەندە ، ئەپلەپ - سەپلەپ ئۆتۈپ كەتكىلى بولىدۇ .
  توي قىلىپ 30 يىل بولغاندا :ئۇ ناھايىتى غەرەز ئۇقىدۇ ، ئادەمنىڭ كۆڭلىنى چۈشىنىدۇ ، تۇرمۇشتا ناھايىتى ئىدىتلىق .
  توي قىلىپ 40 يىل بولغاندا : كەمپىرىم ھەقىقەتەن يامان ئەمەس ، ئائىلە باشقۇرۇشتا ئوبدانلا پەمى بار ،   سىرتلاردىمۇ بىرەر ئىشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدۇ ، ئۇ دۇنيادىمۇ چوقۇم ئۇنڭ بىلەن توي قىلىمەن .
  ئۇ ئالەمدىن ئۆتتى : ئېيتقۇسىز ئازابقا قالدىم ، چۈنكى ، مەن دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى ئايالدىن ئايرىلىپ قالدىم .
  ئايالنىڭ نەزەرىدىكى مۇھەببەت

   دەسلەپ مۇھەببەتلەشكەندە : دۆت ھەم ھاڭۋاقتى ، ھەقىقەتەن سېپى ئۆزىدىن ھاماقەت .
  مۇھەببەتلىشىۋاتقاندا : ئۇ بەكلا ياۋاش ، ئەمما بەك قۇلۇقى يۇمشاق ، ئادەمنىڭ ئىچىنى كۆيدۈرىدۇ ، مەن ئۇنىڭغا تېگەرمەنمۇ ؟
  توي قىلىپ بىر يىل بولغاندا : مېنىڭ ئېرىم ھەر ھالدا بولىدۇ ، غەرەز ئۇقىدۇ ، ئادەمگە كۆيۈنۈشنىمۇ بىلىدۇ ، تېخى ئازراق سېھرى كۈچىمۇ بار .
  توي قىلىپ بەش يىل بولغاندا : ئۇنىڭ ئادەتتىكى ئادەم ئەمەسلىكىنى ، ئەقىل - پاراسەتلىك ، تالانتلىق ، كامالەتكە يەتكەن ئەر ئىكەنلىكىنى ئەمدى بىلدىم .
  توي قىلىپ 10يىل بولغاندا : ئۇ دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى ئادەم ، ئۇ بولمىغان بولسا قانداق ياشايدىغانلىقىمنى ھەقىقەتەن بىلمەيمەن .
  توي قىلىپ 20 يىل بولغاندا : ھەي ، ئۇنىڭ ماختاشقا ئەرزىگۈدەك يەرلىرى بارغانسېرى ئازىيىپ كېتىۋاتىدۇ ، ناھايەت ئۇنىڭ تۇرقىلا بىر ئەر كىشى .
  توي قىلىپ 30 يىل بولغاندا : ئۇنىڭ ئىللەتلىرى بارغانسېرى كۆپىيىۋاتىدۇ ، ھورۇن ،گالۋاڭ ، جاھىل ، ئىقتىدارسىز...
   توي قىلىپ 40 يىل بولغاندا : دۆت ھەم گالۋاڭ ، ئالجىغان قېرى .
   ئۇ ئالەمدىن ئۆتتى : بۇ ئۆلگۈر قېرى مېنى بىر ئۆمۈر داغدا قويدى ، مېنى تاشلاپ قويۇپ ئۆزى كېتىپ قالدى .

         كۆرۈلۈشى:507     قوشۇلغان ۋاقتى:2012/1/4 18:58:44يوللىغۇچى ئەزا:

 
   

   ئاۋات ئەسەرلەر

ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:كىشىلىك ھايات پەقەت بىرنەچچە ۋاراق قەغەز
كىشىلىك ھايات پەقەت بىرنەچچە ۋاراق قەغەز
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:گۈل پىچىرلىشى
گۈل پىچىرلىشى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئۇستاز، ئوقۇغۇچىڭىزنىڭ ئىچكى ھېسسىياتىغا سەل قارىماڭ
ئۇستاز، ئوقۇغۇچىڭىزنىڭ ئىچكى ھېسسىياتىغا
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:كىتاب ئۇقۇشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى
كىتاب ئۇقۇشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:خىزمەت تاپماق نېمىشقا تەس؟
خىزمەت تاپماق نېمىشقا تەس؟
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:بىر چۈشكۈرگۈندە 20 مىڭچە باكتېرىيە چىقىدۇ؛
بىر چۈشكۈرگۈندە 20 مىڭچە باكتېرىيە چىقىد
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ھاياتلىق پەقەتلا ئۈچ كۈن ...
ھاياتلىق پەقەتلا ئۈچ كۈن ...
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:بۇ سەككىز سوئال سىزنى شۇھامان سەگەك قىلىدۇ!
بۇ سەككىز سوئال سىزنى شۇھامان سەگەك قىلى

پىكىر ئالماشتۇرۇڭ   بىزنى قوللاڭ   بىزدىن پايدىلىنىڭ   بىزنى بىلۋىلىڭ
       
ئالاقىلىشڭ تەكلىپ-پىكىر ئېلان بىرىڭ بېكەت ھەققىدە
سەيناغا كىرىڭ ئەزا بولوڭ ھەمكارلىشىڭ سەھىپىلەر
  ئۇلىنىش قوشۇش ئۇچۇر يوللاڭ مۇلازىمەتلىرىمىز
  بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ   بېكەت لوگوسى ئەسەر يوللاڭ بېكەت رەسمىيەتلىرى
 
 
 
 

 

   

工信部备案:新ICP备11000444号

乌鲁木齐市公安局网络支队备案号-6501201108002 Copyright© 2010-2014 SalamURUMQI.Com