Www.SalamUrumqi.Com - سالام ئۈرۈمچى ئونۋېرسال تور بېكىتى - 萨拉穆乌鲁木齐娱乐资讯门户网
مىقلاڭ ئەسەر يوللاڭ تىزىملىتىڭ
ساقلىۋىلىڭ ئۇچۇر يوللاڭ مەرھەمەت
 
 
 


تەرمىلەر

پەيلاسوپتىن سورىشىپتۇ:
_ قانداق ئادەمنى ئەقىللىق دەيمىز؟
_ يېتىش مۇمكىنچىلىكى بولغان نىشانغا پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاتلانغان ئادەمنى.
 بىر پەيلاسوپ مۇنداق دەيدۇ:
_ ئەقىللىق ئادەم دائىم ئەينەككە قاراپ تۇرىدۇ. بۇنىڭ مۇنداق پايدىسى بار: ئەگەر چىرايى كۆرۈمسىز بولسا، ئەينەك ئۇنى ھېچ بولمىغاندا يامان ئىشلارنى قىلماسلىققا، يۈزىگە قارا سۈركىمەسلىككە ئۈندەيدۇ؛ ئەگەر چىرايى كېلىشكەن بولسا، ئەينەك ئۇنى بولمىغۇر قىلىقلار بىلەن چىرايىغا داغ تەگكۈزمەسلىككە ئۈندەيدۇ.
 بىر پەيلاسوپ مۇنداق دەيدۇ:
_ نادان ئادەملەر پەقەت باشقىلارنىڭ يېتەرسىزلىكىنىلا كۆرۈپ، ئارتۇقچىلىقىغا دىققەت قىلمايدۇ. بۇ خۇددى چىۋىننىڭ ئادەم بەدىنىدىكى پاسكىنا جايغىلا چاپلىشىۋالغىنىدەك بىر ئىش.
 بىر پەيلاسوپ مۇنداق دەيدۇ:
_ ۋاقىتلىق زىيان تارتىش ۋاقىتلىق غەلىبە قىلىشتىن كۆپ ئەۋزەل.
 ئارقار ئۆزىنى قوغلاپ كېلىۋاتقان ئوۋ ئىتىغا مۇنداق دەپتۇ:
_ سەن ماڭا مەڭگۈ يېتىشەلمەيسەن. چۈنكى، مېنىڭ يۈگۈرۈشۈم ھاياتلىق ئۈچۈن، سېنىڭ يۈگۈرۈشۈڭ بولسا ئىگەڭگە ياخشىچاق بولۇش ئۈچۈن.
 ئەتىلىككە ئېرىشكۈڭ كەلمىگەن نەرسەڭدىن بۈگۈن ۋاز كەچكىن؛ ئەتىلىككە ئېرىشسەمكەن دېگەن نەرسىنى بۈگۈن تىرىشىپ قولغا كەلتۈرگىن.
 بىر ئاقىل مۇنداق دەيدۇ:
_ بەدەن يېمەكلىككە ئېھتىياجلىق بولغانغا ئوخشاش، روھ ئەقىل - پاراسەتكە موھتاج.
 ئەرلەر مۇھەببىتىدىن مەھرۇم بولغاندا، خىزمەتكە بېرىلىش ئارقىلىق دەردىنى چىقىرىپ ئۆچ ئالىدۇ؛ ئاياللار مۇھەببىتىدىن مەھرۇم بولغاندا، دەردىنى چىقىرىپ ئۆچ ئېلىشنى ئۆزىنىڭ خىزمىتى قىلىۋالىدۇ.
 شادلىق دېگەن سېتىۋالغىلى بولىدىغان ئويۇنچۇق ئەمەس، ئۇ كىشىلىك تۇرمۇشتىن يەكۈنلەنگەن مول تەجرىبىلەرنىڭ جۇغلانمىسىدۇر.
 ئېسىڭدە بولسۇن: 20 ياشتا چىرايلىق، 30 ياشتا ساغلام، 40 ياشتا باي، 50 ياشتا ئەقىللىق بولالمىساڭ، بۇ نەرسىلەرگە مەڭگۈ ئېرىشەلمەيسەن.
 مىجەز - خاراكتېرى ئوخشاش بولمىغان قىز - يىگىتلەرنىڭ توي قىلىشى _ «بىر - بىرىنىڭ مىجەز - خاراكتېرىدىكى يېتەرسىزلىكلەرنى تولۇقلاش» دەپ ئاتىلىدۇ؛ نىكاھتىن ئاجراشقاندا بولسا «مىجەزى چىقىشالماسلىق» دەپ ئاتىلىدۇ.
 شەيتان بىرەر كىشىنى يوقلاپ بارماقچى بولسا، ھاراقنى ئۆزىگە ۋاكالىتەن ئەۋەتىدۇ.
 ئىرادىنى يېگىلى بولمايدۇ، لېكىن ئىرادىسىزلىك ئادەمنى ھەرقانداق نەرسىنى يەيدىغان قىلىۋېتىدۇ.
         كۆرۈلۈشى:476     قوشۇلغان ۋاقتى:2012/1/4 18:46:27يوللىغۇچى ئەزا:

 
   

   ئاۋات ئەسەرلەر

ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:كىشىلىك ھايات پەقەت بىرنەچچە ۋاراق قەغەز
كىشىلىك ھايات پەقەت بىرنەچچە ۋاراق قەغەز
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:گۈل پىچىرلىشى
گۈل پىچىرلىشى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئۇستاز، ئوقۇغۇچىڭىزنىڭ ئىچكى ھېسسىياتىغا سەل قارىماڭ
ئۇستاز، ئوقۇغۇچىڭىزنىڭ ئىچكى ھېسسىياتىغا
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:كىتاب ئۇقۇشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى
كىتاب ئۇقۇشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:خىزمەت تاپماق نېمىشقا تەس؟
خىزمەت تاپماق نېمىشقا تەس؟
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:بىر چۈشكۈرگۈندە 20 مىڭچە باكتېرىيە چىقىدۇ؛
بىر چۈشكۈرگۈندە 20 مىڭچە باكتېرىيە چىقىد
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ھاياتلىق پەقەتلا ئۈچ كۈن ...
ھاياتلىق پەقەتلا ئۈچ كۈن ...
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:بۇ سەككىز سوئال سىزنى شۇھامان سەگەك قىلىدۇ!
بۇ سەككىز سوئال سىزنى شۇھامان سەگەك قىلى

پىكىر ئالماشتۇرۇڭ   بىزنى قوللاڭ   بىزدىن پايدىلىنىڭ   بىزنى بىلۋىلىڭ
       
ئالاقىلىشڭ تەكلىپ-پىكىر ئېلان بىرىڭ بېكەت ھەققىدە
سەيناغا كىرىڭ ئەزا بولوڭ ھەمكارلىشىڭ سەھىپىلەر
  ئۇلىنىش قوشۇش ئۇچۇر يوللاڭ مۇلازىمەتلىرىمىز
  بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ   بېكەت لوگوسى ئەسەر يوللاڭ بېكەت رەسمىيەتلىرى
 
 
 
 

 

   

工信部备案:新ICP备11000444号

乌鲁木齐市公安局网络支队备案号-6501201108002 Copyright© 2010-2014 SalamURUMQI.Com