Www.SalamUrumqi.Com - سالام ئۈرۈمچى ئونۋېرسال تور بېكىتى - 萨拉穆乌鲁木齐娱乐资讯门户网
ئىسىم : مەخپي نۇمۇر :
 

بۇگۈن:

ساقلىۋىلىڭ

باش بەت قىلىڭ

 
 
 


دوستلۇق بىلەن مۇھەببەتنىڭ پەرقى بار

مەن ئۇ قىز بىلەن تونۇشقىلى خېلى بولغاچقا، بىز بەزىدە دوستلار ئارا يىغىلىشلاردا ياكى بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرى شەھەر مەركىزىدىكى مەيدان، باغچىلاردا ئۇچرىشىپ قالساق تەبىئىي يوسۇندا قىزغىن كۆرۈشۈپ پاراڭلىشاتتۇق، بەزىدە يىغىلىشلاردىن قايتىدىغان چاغدا بىللە بولۇپ قالاتتۇق، بۇنداق چاغدا بىز يول بويى پىيادە ماڭغاچ خىزمەت، تۇرمۇش، كىشىلىك مۇناسىۋەت ۋە باشقا مەسىلىلەر ھەققىدە پىكىرلىشەتتۇق. ئۇ ھەمىشە مېنى ماختاپ ‹‹سىز بەك ئۆتكۈر، شۇڭا نۇرغۇن ئىشتا سىزنىڭ مەسلىھەتىڭىزنى ئېلىشنى خالايمەن›› دەيتتى. مەنمۇ ئۇنى ماختاپ ‹‹سىز بەك ئاق كۆڭۈل، ئوچۇق – يورۇق ھەم تىرىشچان قىز، شۇڭا كەلگۈسىدە چوقۇم بەختلىك ياشايسىز›› دەيتتىم ئۇنىڭغا ئىلھام بېرىپ. ئۇ بۇنداق چاغلاردا خۇش بولۇپ، باشقىچىلا جانلىنىپ كېتەتتى.

  كۈنلەر مۇشۇ تەرىزدە داۋاملىشىپ، بىز بەزىدە ئۆزئارا تېلېفوندا ئەھۋال سورىشىپ، تۇرمۇشتا ئۆزىمىز يولۇققان مەسىلىلەرنى ئۆزئارا پىكىرلەشسەك، بەزىدە ئۇچرىشىپ بىللە غىزالىنىپ، شەھەرنىڭ كېچىلىك مەنزىرىلىرىنى بىللە تاماشا قىلغاچ تۇرمۇش، جەمئىيەت ھەققىدە ئىلمىي مۇلاھىزىلەرنى قىلىشاتتۇق. دېمىسىمۇ ئۇنىڭ جەمئىيەت، تۇرمۇش ھەققىدىكى ئۆزگىچە قاراشلىرى مېنى ھەمىشە قايىل قىلاتتى، شۇ ۋەجىدىن بولسا كېرەك، مەنمۇ ئۇنىڭ بىلەن تۈرلۈك مەسىلە توغرىسىدا مۇنازىرىلىشىش، پىكىرلىشىشنى ياخشى كۆرەتتىم.  كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن دوستلىرىمىز ئوتتۇرىمىزدىكى مۇناسىۋەتتىن گۇمانلىنىدىغان بولۇپ قالدى. مەن ئۇلارغا ‹‹ئادەم دېگەننىڭمۇ يات جىنىستىكى دوستلىرىنىڭ بولۇشى نورمال ئىشقۇ، سىلەر ھېچبولمىغاندا مېنىڭ دوستلۇقنى قانداق تەرىزدە داۋاملاشتۇرۇشنى بىلىدىغانلىقىمغا ئىشىنىشىڭلار كېرەكقۇ!›› دېدىم توغرا چۈشەندۈرۈشكە كۈچەپ. بۇنداق چاغدا ئۇلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ بىر پاتمان ‹‹نەزەرىيە›› لىرىنى سۆزلەپ مېنىڭ دېگەنلىرىمنى رەت قىلاتتى. بۇنداق گەپ – سۆزلەر بولۇۋەرگەچ، باشقىلارنىڭمۇ ئوتتۇرىمىزدىكى دوستلارچە مۇناسىۋەتنى خاتا چۈشىنىپ قېلىشىدىن ئەنسىرىدىممۇ قانداق، بارا – بارا ئۇنىڭ بىلەن بولغان سۆھبەت، ئۇچرىشىشلارنى تۈرلۈك باھانە – سەۋەبلەر بىلەن رەت قىلىشقا باشلىدىم. ئۇمۇ مېنىڭ ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەتلىشىش، ئۇچرىشىشلارنى رەت قىلىپ ئېيتقان باھانە – سەۋەبلىرىمنى ئۆز لايىقىدا چۈشىنىپ ئۆتۈۋەرگەندەك قىلاتتى. ئەمما، مەن ئەتراپىمدىكىلەرنىڭ گېپى بىلەن ئەڭ نورمال ھالەتتە داۋاملىشىۋاتقان پاك دوستلۇقىمنى بارا – بارا يوقىتىپ قويۇۋاتقاندەك، ئۆزۈمنىڭ ئەڭ يېقىن سىردىشىمدىن ئايرىلىپ قېلىۋاتقاندەك ھېسسىياتتا ئىدىم.

  شۇنداق، يات جىنىسلار ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇق بىلەن مۇھەببەتنى ئايرىماق ھەقىقەتەن تەس. ئۇ ئادەمنى ئاسانلا قايمۇقتۇرۇپ قويىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ ھەر ئىككىلىسىدە سەمىمىيلىك، چۈشىنىش، ئۆزئارا ياردەم بېرىشتىن ئىبارەت ئېسىل خىسلەت مەۋجۇت بولۇپ، ئۇ ئىككىسىنىڭ بىردىنبىر پەرقى شۇكى، مۇھەببەت قارشى تەرەپنى ئۆزىگە ئۆمۈرلۈك ھەمراھ قىلىشتىن ئىبارەت كۈچلۈك ھېسسىياتقا ئىگە بولغان بولىدۇ، دوستلۇق جىنس تاللىمايدۇ، ئۇ ئۆز سىردىشى ئۈچۈن ھەممىنى بېغىشلاشنى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلغان بولىدۇ. مېنىڭچە، دوستلۇقتىن مۇھەببەتكىچە خېلى ئۇزاق ۋاقىت ھەم جەريان كېتىدۇ. شۇڭا بىز تۇرمۇش ئەمەلىيىتىمىزدە دوستلۇق بىلەن مۇھەببەتنى ئېنىق ئايرىۋېلىشىمىز كېرەك، شۇنداق بولغاندا ھېسسىيات جەھەتتىكى ئارتۇقچە ئاۋارىچىلىكلەردىن ساقلىنالايمىز. دوستلىرىم، ئاڭلاپ قويۇڭلار، دوستلۇق بىلەن مۇھەببەتنىڭ پەرقى بار!

         كۆرۈلۈشى:711     قوشۇلغان ۋاقتى:2013/7/8 23:17:44يوللىغۇچى ئەزا:admin

 
   

   ئاۋات ئەسەرلەر

ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:كىتاب ئۇقۇشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى
كىتاب ئۇقۇشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:خىزمەت تاپماق نېمىشقا تەس؟
خىزمەت تاپماق نېمىشقا تەس؟
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:بىر چۈشكۈرگۈندە 20 مىڭچە باكتېرىيە چىقىدۇ؛
بىر چۈشكۈرگۈندە 20 مىڭچە باكتېرىيە چىقىد
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ھاياتلىق پەقەتلا ئۈچ كۈن ...
ھاياتلىق پەقەتلا ئۈچ كۈن ...
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:بۇ سەككىز سوئال سىزنى شۇھامان سەگەك قىلىدۇ!
بۇ سەككىز سوئال سىزنى شۇھامان سەگەك قىلى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:دۇنيادىكى تۈركى مىللەتلەر ؛
دۇنيادىكى تۈركى مىللەتلەر ؛
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:قانداق ئۆي-زېمىننى ئۆتۈنۈپ بېرىشكە بولمايدۇ؟
قانداق ئۆي-زېمىننى ئۆتۈنۈپ بېرىشكە بولما
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:قانداق ئۆي–زېمىننى ئۆتۈنۈپ بېرىشكە بولمايدۇ؟
قانداق ئۆي–زېمىننى ئۆتۈنۈپ بېرىشكە بولما

پىكىر ئالماشتۇرۇڭ   بىزنى قوللاڭ   بىزدىن پايدىلىنىڭ   بىزنى بىلۋىلىڭ
       
ئالاقىلىشڭ تەكلىپ-پىكىر ئېلان بىرىڭ بېكەت ھەققىدە
سەيناغا كىرىڭ ئەزا بولوڭ ھەمكارلىشىڭ سەھىپىلەر
  ئۇلىنىش قوشۇش ئۇچۇر يوللاڭ مۇلازىمەتلىرىمىز
  بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ   بېكەت لوگوسى ئەسەر يوللاڭ بېكەت رەسمىيەتلىرى
 
 
 
 

 

   

工信部备案:新ICP备11000444号

乌鲁木齐市公安局网络支队备案号-6501201108002 Copyright© 2010-2014 SalamURUMQI.Com