Www.SalamUrumqi.Com - سالام ئۈرۈمچى ئونۋېرسال تور بېكىتى - 萨拉穆乌鲁木齐娱乐资讯门户网
ئىسىم : مەخپي نۇمۇر :
 

بۇگۈن:

ساقلىۋىلىڭ

باش بەت قىلىڭ

 
 
 


لوقمان ھەكىمنىڭ ئوغلىغا قىلغان 100 نەسىھىتى

1.ئەي ئوغلۇم ، ئۇلۇغ ، قۇدرەتلىك ياراتقۇچىنى چىن قەلبىڭدىن تونىغىن.
2.سەن بىرسىگە نەسىھەت قىلساڭ، ئاۋال ئۇنىڭغا ئۆزۈڭ ئەمەل قىل.
3.سۆزنى ئاۋال ئەھۋالىڭغا بېقىپ قىل.
4.ئادەملەرنىڭ قەدىرىنى بىل
5.ھەممىنىڭ ھەققى ھۇقۇقىنى چۈشەنگىن.
6.سىرىڭنى مەخپى تۇت
7.دوستۇڭنى كۈندە سىنا
دوستۇڭنى پايدا مەنپەئەت ئالدىدا سىنا
9.رەزىل ۋە نادان ئادەملەردىن يىراق بول
10.دانا ۋە زىرەك ئادەملەرنى تاللاپ دوست تۇت
11. ياخشى ئىشقا مەۋجۈدىڭنى بېغىشلا
12.زەيپانىلىققا ئىشىنىپ كەتمە
13.سەمىمىي ۋە دانا كىشىلەر بىلەن مەسلىھەتلەش
14سۆزنى ئادىل ئىسپات بىلەن سۆزلە
15. ياشىلىقىڭنى غەنىمەت بىل
16.ياشلىقىڭدا ئىككىلا دۇنيانىڭ ئىشىنى قىل
دوست بۇرادەرلىرىڭنى ئەزىز بىل
18دوست ۋە دۈشمىنىڭگە يۈزۈڭنى ئۇچۇق تۇت
19ئاتا-ئاناڭنى غەنىمەت بىل
20.ئۇستازىڭنى ئاتا-ئاناڭدىن ئەزىز بىل
21خىراجەتنى كىرىمىڭگە قاراپ قىل.
22ھەرقانداق ئىشتا خالىس يول تۇت
23 ئالىيجاناپلىقنى ئۆزۈڭگە شۇئار قىل
24مىھماننىڭ خىزمىتىنى قائىدە بويىچە قىل
25 بىرىنىڭ ئۆيىگە كىرگەندە تىل ۋە كۆزۈڭگە ئېھتىيات قىل
26 كىيمىڭنى ۋە بەدىنىڭنى پاكىز تۇت
27 جامائەت بىلەن ھەمدەرت بول
پەرزەنتىڭگە ئىلىم ئەدەپ ئۆگەت
29 ئىمكان بولسا پەرزەنتىڭگە چەۋەندازلىق ۋە مەرگەنلىكنى ئۆگەت
30 ئاياق كىيمىڭنى ئوڭ پۇتۇڭدىن باشلاپ كىيىپ، سول پۇتۇڭدىن باشلاپ سال
31 بىرى بىلەن ئىش قىلساڭ، شۇ ئادەمگە لايىق ئىش قىل
32.كېچىسى گەپ قىلساڭ قۇلاقنى قۇلاقا ياق كۈندۈزى گەپ قىلساڭ، ئەتراپىڭغا باق.
33ئاز يىيىش، ئاز سۆزلەشنى ئادەت قىل
34 ئۆزۈڭگە ياقمىغان نەرسىنى ئۆز گىمۇ راۋا كۆرمە.
35.ئاۋال ئويلاپ، چارە تەدبىر تېپىپ ئىش قىل.
36.ئۇقۇماي ئۇستازلىق قىلما.
37. خۇتۇن ۋە بالاڭغا سىر ئېيتما.
38.ياخشىلىقنى باشقىلاردىن تەمە قىلما
39. پەسكەش ئادەمدىن ۋاپا كۈتمە.
40.ھەرقانداق ئىشقا بىپەرۋالىق قىلما.
41.قىلمىغان ئىشنى قىلغان ھېساپلىما.
42. بۈگۈنكى ئىشنى ئەتىگە قالدۇرما.
43.ئۆزۈڭدىن چوڭ كىشىگە چاق-چاق قىلما.
44.ئۆزۈڭدىن چوڭ كىشىگە دەيدىغان سۆزىڭنى سوزما
45. ھەممىگە، بۇلۇپمۇ ئاددي كىشىلەرگە يامان كۆرۈنمەسلىككە تىرىش.
50. قېرىنداشلارنى بىر-بىرىدىن ئايرىما.
51. ياخشى ئادەمنى غەيۋەت بىلەن يادىلما.
52.پەقەت ماڭىلا بولسۇن دىگەن خىيالنى قىلما.
53. كۆپچىلىك ماڭغان بولسا، سەنمۇ شۇلارغا ئەگەش.
54. بارماقلىرىڭنى ئېغىز بۇرنىڭغا تەككۈزمە
55. ئادەملەرنىڭ ئالدىدا چىشىڭنى كولىما.
56 خەپرۈك ۋە پوتلاڭنى باشقىلارنىڭ ئالدىدا چىقارما
57. ئەسنىسەڭ قۇلۇڭ بىلەن ئاغزىڭنى ياپ
58 باشقىلارغا قاراپ كىرىلمە
59 بارمىقىڭنى بۇرنىڭغا تىقما
60 بىرىنى بىرىنىڭ ئالدىدا خجالەت قىلما
61. قارا كۆزۈڭ بىلەن ئىمالاپ چېقىمچىلىق قىلما.
62 ئېيتقان سۆزىڭنى تەكرارلىما
63. باشقىلارنى بىمەنە كۈلدۈرۈشتىن ساقلان
64. جىددى سۆزنى چاقچاققا ئايلاندۇرۇپ سۆزلىمە.
65. ئۆزۈڭنى ۋە يېقىن دوستۇڭنى ئادەملەر ئالدىدا ماختىما
66 ئۆزۈڭنى ئاياللاردەك ياسىما
67. بالىلىرىڭ نىمە دىسە شۇنى قىلىۋەرمە
68. تىلىڭنى ئايا
69. سۆزلەۋىتىپ قۇلۇڭنى شىلتىما
70 ھەممە ئادەمنى چوڭ-كىچىك دېمەي، ئوخشاش بىلىپ ھۆرمەتلەشنى ئۇنۇتما.
71. ئېغۋاگەر ئادەم بىلەن ھەم سۆھبەت بولما
72. ئۆلگەن ئادەمنى يامانلاپ ئەسلىمە، ئۇنىڭ پايدىسى يوق.
73.ئىلاج بار بىرى بىلەن ئۇرۇشما، ئاداۋەت ساقلىما.
74. باشقىلارنىڭ كۈچ قۇدرىتىنى سىنىغۇچى بولما.
75. ئۇلۇغلارنىڭ سىنىشىنى ياخشىلىق بىلەن يادىڭدا تۇت، گۇمان قىلغۇچى بولما.
76. ئۆز نېنىڭنى باشقىلارنىڭ داستىخىنىدا يېمە.
77. ئىش قىلغاندا ئالدىراقسانلىققا يول قويما.
78. مال-دۇنيا تاپىمەن دەپ ئۆزۈڭنى قىيناپ يۈرمە.
79. كىمكى ئۆزىنى تۇنىمىسا، سەن ئۆنى تۇنۇ.
80 ئاچچىقىڭ كەلگەندە زۆنى تاللاپ قىل.
81 . ئېتىكىڭ بىلەن بۇرنىڭنى ئېيتما
82 كۈن قىزىل بولغىچە ئۇخلىما.
83. كىشىلەر ئالدىدا يالغۇز بىرنەرسە يېمە.
84. چوڭلارنىڭ ئالدىغا ئۆتىۋېلىپ ماڭما.
85. باشقىلار سۆزلەۋاتقاندا ئۇنىڭ سۆزىگە ئارلاشما.
86. بېشىڭنى ساڭگىلىتىپ ئولتۇرما
87 كوچىدا ئوڭ-سولغا ئەلەڭلەپ قارىۋالماي، ئۇدۇل قاراپ ماڭ
88. مېھمان ئالدىدا باشقىلارغا غەزەپلىنىپ، زەھىرىڭنى چاچما،
89. مىھماننى ئىشقا بۇيرىما.
90. ئىلاج قىلىپ، ياۋدەك ئۇلاققا مىنىڭ ماڭما.
91. دىۋانە ۋە مەس ئادەم بىلەن سۆزلەشمە
92. مەھەللىدىكى بىكارچى ۋە بەڭباشلار بىلەن ئولتۇرما
93 پايدا -زىيان قوغلىشىپ ئابرويىڭنى تۆكمە.
94. مەنمەنچى ۋە تەكەببۇر بولما.
95. ئادەملەرنىڭ سساڭا خوشامەت قىلىشىدىن قاچ.
96. جىدەل ۋە پىتنىدىن يىراق تۇر
97. پىچەكسىز ، ئۇزۇقسىز، ۋە پۇلسىز يول يۈرمە.
98. ئۆزۈڭنى خار قىلماسلىققا تىرىشقىن
99. ئۆزۈڭنى كەمتەر ۋە تۆۋەن تۇتقىن.
100. گۇناھتىن قورقۇش ۋە خەلىققە ئىنساپ قىلىش، ئۇلۇغلارغا خىزمەت، كىچىكلەرگە شاپائەت، دەرۋىشلەرگە ساخاۋەت، دوست ۋە ياشلارغا نەسىھەت قىلىش، دۈشمەنلەرگە تاقابىل تۇرۇش، جاھىللارنى جىملىق بىلەن يۇمشىتىش، ئالىملارغا ھۆرمەت قىلىش بىلەن ياشا. بىرەرسىنىڭ مال دۇنياسىغا تەمەگەرلىك بىلەن كۆز تىكمە.


لوقمان ھەكىم يەنە ئېيتىدۇكى:
نەسىھەت توغرىلىق ئۈچ مىڭچە سۆز يادىم. ئۆز مىڭچە سۆزدىن ئۈچ سۆزنى تىلىۋالدىم. بۇ ئۈچ سۆزدىن ئىككىسىنى ئىسىڭدە ساقلا، ۋە بىرسىنى ئۇنتۇپ كەت. يەنى: خۇدانى ۋە ئۈلۈمنىڭ ھەقلىقىنى ئىشىڭدە چىڭ تۇت. باشقىلارغا قىلغان ياخشىلىقنى ئۇنتۇپ كەت.

يەنە لوقمان ھەكىم ئېيتۇدىلەركى:
جىملىقتا يەتتە خىل خاسىيەت بار بۇلۇپ، ئۇنىڭ بىرسى زىببۇ زىننەتسىز گۈزەللىك. ئىككىنچىسى سەلتەنەتسىز ھەيۋە قۇدىرەت. ئۈچۈنچىسى مېھنەتسىز ئىبادەت. تۆتىنچىسى سېپىلسىز قۇرغان. بەشىنچىسى ھۇزۇردىن قۇتۇلۇش. ئالتىنچىسى پەرىشتىدەك ئازادىلىك. ئەيىپلەردىن خالىيلىق.

         كۆرۈلۈشى:1166     قوشۇلغان ۋاقتى:2013/4/8 17:42:02يوللىغۇچى ئەزا:admin

 
   

   ئاۋات ئەسەرلەر

ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:قانداق قىلغاندا بالىلىرىڭىزنىڭ دوستى بولالايسىز؟
قانداق قىلغاندا بالىلىرىڭىزنىڭ دوستى بول

پىكىر ئالماشتۇرۇڭ   بىزنى قوللاڭ   بىزدىن پايدىلىنىڭ   بىزنى بىلۋىلىڭ
       
ئالاقىلىشڭ تەكلىپ-پىكىر ئېلان بىرىڭ بېكەت ھەققىدە
سەيناغا كىرىڭ ئەزا بولوڭ ھەمكارلىشىڭ سەھىپىلەر
  ئۇلىنىش قوشۇش ئۇچۇر يوللاڭ مۇلازىمەتلىرىمىز
  بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ   بېكەت لوگوسى ئەسەر يوللاڭ بېكەت رەسمىيەتلىرى
 
 
 
 

 

   

工信部备案:新ICP备11000444号

乌鲁木齐市公安局网络支队备案号-6501201108002 Copyright© 2010-2014 SalamURUMQI.Com