Www.SalamUrumqi.Com - سالام ئۈرۈمچى ئونۋېرسال تور بېكىتى - 萨拉穆乌鲁木齐娱乐资讯门户网
ئىسىم : مەخپي نۇمۇر :
 

بۇگۈن:

ساقلىۋىلىڭ

باش بەت قىلىڭ

 
 
 


كىتاب ئۇقۇشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى

ئېزىز ھەسەن

كىتاب-بىلىم بۇلىقى.ئادەم كىتاب ئۇقۇسا روھى ئوزۇققا ئىگە بولۇپلا قالماستىن،بىلىمىمۇ ئاشىدۇ، شۇنداقلا سالامەتلىكىمۇ پايدىلىق.كىتاب ئۇقۇش بىلەن سالامەتلىك قارىماققا ئىككى خىل ئۇقۇمدەك كۈرۇنسىمۇ ،پىسخولوگىيە نوقتىسىدىن قارىغاندا ،كىتاب ئۇقۇش بىلەن سالامەتلىك ئوتتۇرسىدا ھەقىقەتەن مۇئەييەن باغلىنىش بار.

گېرمانىيىلىك دوختۇرلار ئاغرىقلار ئۈچۈن كۇتۇپخانا قۇرۇپ،كىتاب ئۇقۇش ئارقىلىق كېسەل داۋالاپ،سوزۇلما خاراكتىرلىك كېسەلگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ئەسلىگە كىلىشىنى تېزلەتكەن.
ئىتالىيە«شىپالىق شېئىر چەكلىك شىركىتى'» قۇرۇپ،ھەرخىل كېسەلگە مەلۇم دەرىجىدە شىپالىق رولى بار دەپ قارالغان شېئىرلارنى نەشىر قىلدۇرۇپ،ئاغرىقلارنىڭ ئۇقۇشىنى تەۋىسيە قىلدىكەن.

 

ئۇنداقتا كىتاب ئۇقۇشنىڭ سالامەتلىككە قانداق پايدىسى بار؟

1.چوڭ مېىڭنىڭ فۇنكىسىيەسىنى كۈچەيتىشكە پايدىلىق.
ئادەمنىڭ چوڭ مېڭىسى ئىشلەتكەنسىرى ئۆتكۇرلىشىدۇ،كىتاب ئۇقۇش ئادەمنىڭ تەپەككۇر قىلىشىنى تىزلىتىدۇ. كىتابتا سۆزلەنگەن مەزمۇنلارنى ئەستە ساقلاش ئارقىلىق چوڭ مېڭىنىڭ قان ئايلىنىشىنى تىزلەتكىلى ئادەمنىڭ ئەقلى قابىليىتىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ. بۇ ئارقىلىق پۇتۇن بەدىندىكى ھەر قايسى ئەزا ۋە سىستىمىلارنىڭ ئىقتىدارى تۇلۇق تەڭشىلىپ ۋە جارى قىلدۇرۇلۇپ.روھى،جىسمانى جەھەتتىن بالدۇر زەئىپلىشىشنىڭ ئالدى ئېلىنىپ،ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۇش مەقسىتىگە يەتكىلى بولدۇ.


2.ئادەمنىڭ نەزەر دائىرسىنى كېڭەيتىپ روھى كەيپىياتىنى تەڭشەشكە پايدىلىق.
بىزدە:« بىر ياخشى كىتاب ئۇقۇساڭ،نۇرغۇن ئالىجاناپ كىشىلەر بىلەن سوھبەتلەشكەندەك بولسۇن »دېگەن گەپ بار. ئادەم بىر ياخشى كىتاب ئۇقۇغاندىن كىيىن يېڭى تۇيغۇ،يېڭى بىلىم،يېڭى تەسىراتقا ئىگەبولدۇ.كىتابتا سۆزلەنگەن ۋەقەلىكلەر ،گۈزەل ئەسلىمىلەر،ئېسىل بايانلار ئادەمنىڭ قەلبىنى ھاياجانغا سېلىپ،ئۆگىنىش،ئىجاد قىلىش تۇيغۇسى بەخىش ئېتىدۇ. ئادەم ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچىراپ ئۈمۇدسىزلەنگەندە ياكى بىرەرە كۆڭۈلسىزلكىككە يۇلۇققاندا ئىمكان بار كىتاب ئۇقۇسا،بارلىق كۆڭۈلسىزلىكلەرنى ۋە بولمىغۇر خىياللارنى ئۇنتۇپ،روھى كۆتۇرلۇپ،ئۈمۇدكە تولىدۇ.بۇ ھەقتە ماركىس:«بىرخىل ياخشى كەيپىيات فىزىلۇگىيىلىك چارچاش ۋە ئازاپنى 10خىل ئېسىل دورىغا قارىغاندا تېخىمۇ ياخشى تۇگۇتەلەيدۇ»دېگەن.


3.ئاغرىقىنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۇشكە پايدىلىق.
ئاستا خارەكتىرلىك كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغان ئاغرىقلار تۇرمۇش بىلىملىرى،تېببى ساۋات،ساقلىقنمى ساقلاش،داۋالاشقا دائىر مەزمۇنلاردىكى كىتابلارنىڭ ئۇقۇسا،سالامەتلىكنىڭ ئەسلىگە كىلىشىنى ئىلگىرى سورىدۇ.بۇنىڭ ئىپادىللىرى توۋەندىكلىچە:1.كىتاب ئۇقۇش ئارقىلىق ئاغرىقنىڭ تېبابەتچىلىككە ئائىت بىلىمى ئېشىپ شۇ خىلدىكى كېسەللىك توغرىسىدا بەزى مۇجىمەل،خاتا كۆز قاراشلارنى تۈگىتەلەيدۇ،بۇنىڭ بىلەن ئۆزىنىڭ كېسىلىنى داۋالاشقا قوللىدىنغان ئۇسۇللارنى،دېققەت قىلىشقا تىگىشلىك نوقتىلارنى تېخىمۇ ئەتىراپلىق چۇشىنىۋالالايدۇ. دوختۇرلار بىلەن تېخىمۇ كۆپرەك پىكىر ئالماشتۇرۇش،مەسلەھەتلىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولۇپ،داۋالىنىشتا تەشەببۇسكار ئۇرۇندا تۇرالايدۇ.2.كىتاب ئۇقۇش ئارقىلق قورقۇش،ئۈمۇدسىزلىنىش،ئۆزىنى ئەيىبلەش قاتارلىق روھى ھالەتنى تۇگەتكىلى ۋە ساقىيىش ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇپ سالامەتلىكىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى ئىلگىرى سورەلەيدۇ.3.كىتاب ئۇۇش ئارقىلىق كېسەلنى ۋاقىتلىق بولسىمۇ ئۇنتۇپ،روھى ۋە جىسمانى جەھەتتىكى جىددىيلىشىشتىن قۇتۇلغىلى بولدۇ.

مەنبە:ئۈرۇمچى كەچلىك گېرىتى

         كۆرۈلۈشى:1461     قوشۇلغان ۋاقتى:2011/11/15 20:09:24يوللىغۇچى ئەزا:ئاتايار

 
   

   ئاۋات ئەسەرلەر

ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:كىتاب ئۇقۇشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى
كىتاب ئۇقۇشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:خىزمەت تاپماق نېمىشقا تەس؟
خىزمەت تاپماق نېمىشقا تەس؟
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:بىر چۈشكۈرگۈندە 20 مىڭچە باكتېرىيە چىقىدۇ؛
بىر چۈشكۈرگۈندە 20 مىڭچە باكتېرىيە چىقىد
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ھاياتلىق پەقەتلا ئۈچ كۈن ...
ھاياتلىق پەقەتلا ئۈچ كۈن ...
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:بۇ سەككىز سوئال سىزنى شۇھامان سەگەك قىلىدۇ!
بۇ سەككىز سوئال سىزنى شۇھامان سەگەك قىلى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:دۇنيادىكى تۈركى مىللەتلەر ؛
دۇنيادىكى تۈركى مىللەتلەر ؛
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:قانداق ئۆي-زېمىننى ئۆتۈنۈپ بېرىشكە بولمايدۇ؟
قانداق ئۆي-زېمىننى ئۆتۈنۈپ بېرىشكە بولما
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:قانداق ئۆي–زېمىننى ئۆتۈنۈپ بېرىشكە بولمايدۇ؟
قانداق ئۆي–زېمىننى ئۆتۈنۈپ بېرىشكە بولما

پىكىر ئالماشتۇرۇڭ   بىزنى قوللاڭ   بىزدىن پايدىلىنىڭ   بىزنى بىلۋىلىڭ
       
ئالاقىلىشڭ تەكلىپ-پىكىر ئېلان بىرىڭ بېكەت ھەققىدە
سەيناغا كىرىڭ ئەزا بولوڭ ھەمكارلىشىڭ سەھىپىلەر
  ئۇلىنىش قوشۇش ئۇچۇر يوللاڭ مۇلازىمەتلىرىمىز
  بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ   بېكەت لوگوسى ئەسەر يوللاڭ بېكەت رەسمىيەتلىرى
 
 
 
 

 

   

工信部备案:新ICP备11000444号

乌鲁木齐市公安局网络支队备案号-6501201108002 Copyright© 2010-2014 SalamURUMQI.Com