Www.SalamUrumqi.Com - سالام ئۈرۈمچى ئونۋېرسال تور بېكىتى - 萨拉穆乌鲁木齐娱乐资讯门户网
ئىسىم : مەخپي نۇمۇر :
 

بۇگۈن:

ساقلىۋىلىڭ

باش بەت قىلىڭ

 
 
 


ھاياتلىق پەقەتلا ئۈچ كۈن ...

      ھاياتلىق ـــ  تۈنۈگۈن، بۈگۈن ۋە ئەتىدىن ئىبارەت ئۈچ باپتىن تۈزۈلگەن چوڭ قامۇس. بۇ قامۇس سېكۇنت، مېنۇت، سائەت.... قاتارلىق كىچىك پاراگىرافلاردىن تۈزۈلگەن بىر كۈن - بىر كۈندىن تاماملىنىدۇ. بېسىپ ئۆتكەن ھاياتلىق قامۇسىڭىزنى ئەسلىسىڭىز بەلكىم نۇرغۇنلىغان مېنۇت-سىكۇنت، سائەتلىرىڭىزنىڭ خورىغانلىقىنى ھېس قىلغىنىڭىز بىلەن شۇ مېنۇت، سىكۇنتلارنىڭ ئېنىق ئىزنالىرىنى تاپالماسلىقىڭىز مۇمكىن. بىراق، ئەنسىرىمەڭ، سىزنىڭ يەنە نۇرغۇنلىغان بىر مېنۇتلىرىڭىز بار. پەقەت، بىخۇدلۇق قىلىپ قولدىن  بىرىپ قويمىسىڭىزلا.
تۈنۈگۈن ئۆتتى، كەتتى. ئەمما ئۇنى ئۇنۇتماڭ. تۈنۈگۈننى ئەسلەپ، خۇلاسىلەپ تۇرۇڭ. ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، تۈنۈگۈن توغرىسىدىكى تەجرىبە- خۇلاسىلىرىڭىز بۈگۈننى ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزىشىڭىزنىڭ ئاساسىي. تۈنۈگۈننى ئۇنۇتقان كىشىنىڭ بۈگۈنگە دادىل قەدەم تاشلىيالىشى ناتايىن.
      بۈگۈن يېپيىڭى بىر كۈن. بۈگۈنىڭىز يېپيېڭى ئارزۇ-ئارمانلار بىلەن سىزگە قاراپ قۇچاق ئاچتى. بۈگۈننى سۆيۈڭ. بۈگۈننى يېڭىچە تۇيغۇلىرىڭىز بىلەن قۇچاقلاڭ، خۇشاللىق بىلەن قارشى ئېلىڭ. چىرايىڭىزدىكى ئىللىق تەبەسسۇم، كۆزىڭىزدىكى ئىشەنچ نۇرى، باسقان دادىل قەدەملىرىڭىز يېڭى بىر كۈننىڭ پارلاق سەھىپىسىنى ئاچسۇن. ئېسىڭىزدە بولسۇنكى بۈگۈننىڭ قەدەمگە ئېلىنىشى تارىخ. بۈگۈن ئۈچۈن مەزمۇت قەدەم تاشلاڭ، بۈگۈنگە تاشلانغان قەدىمىڭىز تۈنۈگۈنكى قەدىمىڭىزدىن بەرىكەتلىك- قۇتلۇق بولسۇن. بۈگۈننىڭ قىممىتىنى ئۇنۇتماڭ... بۈگۈن ھاياتىڭىزدىكى ئەڭ گۈزەل كۈن. بۈگۈن ھاياتىڭىزدىكى ئەڭ قىممەتلىك كۈن...
     ئەتىنى ئۈمىدلىك تىلەكلىرىڭىز بىلەن كۈتۈڭ. «ئەتىكى قۇياش تېخىمۇ پارلاق»،  ئەتىنىڭ ئۈمىدى  بۈگۈنگە چىراق. ئەتىنى ئۈمىد بىلەن كۈتسىڭىز بۈگۈننى مېھىر بىلەن سۆيۈڭ. ئېسىڭىزدە بولسۇنكى گۈزەل ئەتە بۈگۈنكى مېھىر-مۇھەببەتتىن باشلىنىدۇ.
     ھاياتلىق پەقەتلا ئۈچ كۈن. «تۈنۈگۈن ــ تارىخ، ئەتە ــ سىر. بۈگۈن ــ  سىز ئىگە بولغان ئەڭ چوڭ مۇكاپات.» ھاياتىڭىزدىكى ھەر بىر «بۈگۈن»نى، سىزنى بۈگۈنگە ئۇلاشتۇرغۇچى رازى بولغىدەك ئۆتكۈزۈشكە تىرىشىڭ... ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، بۈگۈن مەڭگۈ قايتىپ كەلمەيدۇ. بۈگۈنىڭىزنى سۆيۈڭ، قەدىرلەڭ....

رېئاللىقمۇ خىيالدەك گۈزەل



       ھەر بىر كۈننىڭ ھەر ئادەمگە ئاتا قىلىدىغان تۇيغۇلىرىمۇ، سوۋغىلىرىمۇ، ھېكمەتلىرىمۇ  ھەر خىل.ھەر خىل قىسمەتلەرگە باي رېئال ھاياتتا بەزىدە رېئاللىقتىن بەكرەك خېيالىي دۇنيانى ئەسلەپ قالىدۇ،بۇ بەلكىم خىيال دۇنيارىمىز بىز كۆرىۋاتقان رېئاللىقتىن كۆپ گۈزەل بولغانلىقى ئۈچۈن ۋە ياكى رېئاللىقىمىزنى خىيالىمىزدىكىدەك گۈزەل قىلىش ئارزۇسىدا ياشاۋاتقانلىقىمىز، شۇنداقلا قىلغانلىرىمىز قىلىدىغانلىرىمىزدىكىدەك گۈزەل ھەم كۆڭلىمىزدىكىدەك بولمىغانلىقى ئۈچۈن بولۇشى مۇمكىن... ئەمما ھەممىگە ئايانكى ئادەم رېئال دۇنيانىڭ بىر مېھمىنى بولۇش سۈپىتى بىلەن، رېئاللىقنى قوبۇل قىلىشى كېرەك ھەم رېئاللىقنى ھەقىقىي، چىن ، خىيال كەبى گۈزەل مەنىلەرگە تولدۇرۇپ ياشاشقا تىرىشىش كېرەك.
     خىلمۇخىل رەڭۋازلىق ۋە شەكلىي گۈزەللىك بىلەن تولغان بۇ رەڭدار دۇنيادا چىن، سەمىمىي دىل بىلەن توغرا يولدا ياشاشمۇ ئالەمچە بەخت ئىكەن... ھايات كىتابىمنى ئۈنسىز ۋاراقلاۋېتىپ، كۆزۈم، ھايات گۈلشىنىدە خىيال كەبى گۈزەل تۇيغۇلاردا چىن ياشىغان، ھەم ياشاۋاتقان بىر دوستۇمنىڭ مەندە قالدۇرغان قىسقىغىنە ئەمما مەڭگۈلۈك تەسىرلىرىنى قايتا كۆردى... چىن قەلبتىن چىققان «سالام» نىڭ، چىن يۈرەكتىن قىلغان تەبەسسۇمنىڭ تەسىرى ھەر ۋاقىت رەسمىيەت ئۈچۈن قىلغان سالام-سائەت، ساختا كۈلكە-چاقچاققا قارىغاندا، كىشى قەلبىدە ھامان چوڭقۇر ئورۇن ئالىدىغانلىقى ئېنىق.  ھېلىمۇ يېڭى شۇ ھېسلىرىم: دوستۇمنىڭ تەبەسسۇم بىلەن قولۇمنى تۇتۇپ تۇرۇپ قىلغان ئاددىي سالام-سائەت، ھال-ئەھۋال سوراشلىرى، ھەر تۈرلۈك پاراڭلار ھەقىقىي يولدا چىن ماڭغان ھەر قانداق بىر كىشىنىڭ قەلب بوستانىنىڭ خىيالىدىكىدەك گۈزەل بولىدىغانلىقىنى، تىلى بىلەن دىلىنىڭ ھامان بىر بولىدىغانلىقىنى؛ شۇنداقلا تىلىنىڭ شۇنچە گۈزەل بولىشى ـــ دىلىنىڭ پاك-سۈزۈكلىكىدىن، دىلنىڭ سۈزۈك-پاكلىقى  مېڭىۋاتقان يولىنىڭ،  ئەقىدىسىنىڭ ساپ ھەم نۇرلۇقلىقىدىن ئىكەنلىكىنى؛ ھاياتنىڭ گۈزەل، قەدىرلىكلىكى خىيالىي دۇنيادىلا ئەمەس، رېئال دۇنيادا، شېئىر-رومانلاردا ئەمەس، ھەقىقىي ئەمەلىيەتتە ئىكەنلىكىنى يەنىمۇ ھېس قىلدۇرغانىدى..  
      شۇنداق، رېئاللىقمۇ خىيالىمىزدىكىدەك گۈزەل، پەقەت رېئاللىقتا باسقان ھەر قەدىمىمىز ساپ نىيەت بىلەن توغرا يولدا بولسىلا...
         كۆرۈلۈشى:1630     قوشۇلغان ۋاقتى:2012/5/15 12:25:52يوللىغۇچى ئەزا:

 
   

   ئاۋات ئەسەرلەر

ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:كىتاب ئۇقۇشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى
كىتاب ئۇقۇشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:خىزمەت تاپماق نېمىشقا تەس؟
خىزمەت تاپماق نېمىشقا تەس؟
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:بىر چۈشكۈرگۈندە 20 مىڭچە باكتېرىيە چىقىدۇ؛
بىر چۈشكۈرگۈندە 20 مىڭچە باكتېرىيە چىقىد
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ھاياتلىق پەقەتلا ئۈچ كۈن ...
ھاياتلىق پەقەتلا ئۈچ كۈن ...
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:بۇ سەككىز سوئال سىزنى شۇھامان سەگەك قىلىدۇ!
بۇ سەككىز سوئال سىزنى شۇھامان سەگەك قىلى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:دۇنيادىكى تۈركى مىللەتلەر ؛
دۇنيادىكى تۈركى مىللەتلەر ؛
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:قانداق ئۆي-زېمىننى ئۆتۈنۈپ بېرىشكە بولمايدۇ؟
قانداق ئۆي-زېمىننى ئۆتۈنۈپ بېرىشكە بولما
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:قانداق ئۆي–زېمىننى ئۆتۈنۈپ بېرىشكە بولمايدۇ؟
قانداق ئۆي–زېمىننى ئۆتۈنۈپ بېرىشكە بولما

پىكىر ئالماشتۇرۇڭ   بىزنى قوللاڭ   بىزدىن پايدىلىنىڭ   بىزنى بىلۋىلىڭ
       
ئالاقىلىشڭ تەكلىپ-پىكىر ئېلان بىرىڭ بېكەت ھەققىدە
سەيناغا كىرىڭ ئەزا بولوڭ ھەمكارلىشىڭ سەھىپىلەر
  ئۇلىنىش قوشۇش ئۇچۇر يوللاڭ مۇلازىمەتلىرىمىز
  بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ   بېكەت لوگوسى ئەسەر يوللاڭ بېكەت رەسمىيەتلىرى
 
 
 
 

 

   

工信部备案:新ICP备11000444号

乌鲁木齐市公安局网络支队备案号-6501201108002 Copyright© 2010-2014 SalamURUMQI.Com