Www.SalamUrumqi.Com - سالام ئۈرۈمچى ئونۋېرسال تور بېكىتى - 萨拉穆乌鲁木齐娱乐资讯门户网
مىقلاڭ ئەسەر يوللاڭ تىزىملىتىڭ
ساقلىۋىلىڭ ئۇچۇر يوللاڭ مەرھەمەت
 
 
 


بىر لامپۇچكىنى ئالماشتۇرۇشقا قانچە ئادەم كىتىدۇ ؟

ئەگەر توكچىلار كويۈپ كەتكەن بىر لامپۇچكىنى ئالماشتۇرماقچى بولسا قانچىلىك ئادەم كىتىدۇ؟
-پەقەت بىر ئادەم كىتىدۇ،لىكىن سىز ئۇنى ئىزدىگەندە تاپالمايسىز .
-ئەگەر ئوبزۇرچى ئالماشتۇرماقچى بولسىچۇ؟
-ئىككى ئادەم كىتىدۇ،بىرى ئالماشتۇردۇ،يەنە بىرى ياندا تۇرۇپ كەلسە-كەلمەس بۇيرۇق چۈشۈرىدۇ.
ئەگەر دادا ئالماشتۇرسىچۇ؟
-ئۈچ ئادەم كىتىدۇ،ئۇ چوقۇم خوتۇنىنى ئورۇندۇقنى تۇتۇپ تۇرۇشقا ،ئوغلىنى قول چىراق تۇتۇشقا بۇيرۇيدۇ.
-ئەگەر شائىر ئالماشتۇرسىچۇ؟
-توت ئادەم كىتىدۇ.بىرى قاراڭغۇلۇققا لەنەت ئوقۇيدۇ ،بىرى شام يورۇتىدۇ،بىرى يورۇقلۇقنى ئەسلەيدۇ،يەنە بىرى لامپۇچكىنى ئالماشتۇردۇ.
-ئەگەر ساقچى ئالماشتۇرسىچۇ؟
-بەش ئادەم كىتىدۇ،بىرى ئەتراپنى قامال قىلىپ سىگنال بىرىشكە مەسئۇل بولىدۇ.بىرى ئەنگە ئېلىشقا مەسئۇل بولىدۇ.ئاز دىگەندە ئىككىسى لامپۇچكىنىڭ بۇزۇلۇش سەۋەبىنى ئىنىقلايدۇ،ھەم مۇھاپىزەتچى تۇرغۇزىدۇ،قالغان بىرى لامپۇچكىنى ئالماشتۇرىدۇ.
-ئەگەر بىر بيۇروكرات ئالماشتۇسىچۇ؟
-ئۇنىڭ ئۈچۈن .........نەچچە ئادەم كىتىدىغانلىقىنى ئوزەممۇ بىلمەيمەن.ئۇلار ئەرنى خوتۇنى بىلەن بالىسىنى ئەگەشتۇرۇپ باشقۇرۇش ئورنىغا بىرىپ ،لامپۇچكىنىڭ بۇزۇلۇش جەريانىنى ئېيتىپ ئەنگە ئالدۇرۇپ بارماق ئىزىنى قالدۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ،ئاندىن كىيىن ساقچىلارنى لامپۇچكىنىڭ بۇزۇلۇش سەۋەبىنى تەكشۈرۇپ چىقىپ ،مەزكۇر ۋەقە ئۈستىدە تەھلىل ،خۇلاسە ئېلىپ بىرىشقا بۇيرۇيدۇ.توكچى لامپۇچكىنىڭ تەبىئيى كويۈپ كەتكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان ماتىرېيال ۋە .وزىنىڭ دەسلەپكى مەزكۇر لامپۇچكىنى ئورناتقاندىكى سىخىمىسى ئارقىلىق ئوزىنىڭ مەشغۇلاتىنىڭ توغرا ،ئولچەملىك بولغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ ھەم يازما تەكشۈرۈشنامە يىزىپ ،ئىشىنى تاشلاپ كىتىدۇ.
ئەڭ ئاخىرىدا ،بيۇروكراتلار يەنە (رەھبەرلەر باش قوشۇش يىغىنى )،(تارماق مەسئۇل خادىملار مۇزاكىرا يىغىنى )،(ئاساسىي قاتلام كېڭەش يىغىنى)،قاتارلىق يىغىنلار ئارقىلىق ،لامپۇچكىنى ئالماشتۇرۇش مەسلىسىنى ھەل قىلىدۇ ،ھەم لامپۇچكىنى ئالماشتۇرۇشتىكى كونكرىت ئورۇنلاشتۇرۇشنى ھوججەت شەكلىدە چۈشۈرۈپ قاتلاملار ئارقىلىق ئەمەلىيلەشتۇردۇ،(ئا)كىرەكسىز لامپۇچكىنى يېغىۋىلىش ،(ب)يىڭى لامپۇچكاسېتىۋىلىش ھەققىدىكى ئىلتىماسنى تەستىقلاش، ( س د ئې)قاتارلىق بىرقانچە ئادەم ئىلتىماس رەسمىيتىنى بىجىرىش ،(ر)زاكاز تالۇنىنى سېتىۋىلىش ئورنىغا تاپشۇرۇشقا مەسئۇل بولۇش (ج)سىتىۋىلىش ۋەزىپىسىنى تەقسىم قىلىشقا مەسئۇل بولۇش (ت)سىتىۋىلىش تالۇنىنى تولدۇرۇشقا (ز)لامپۇچكىنى تەكشۈرۇپ ئوتكۈزۋىلىش (ش)تالۇننى ئاچچوت قىلىش (ۋ)تەكشۈرۈپ نازارەت قىلىش ......
ئوبزورچىلار مۇ بىكار قالمايدۇ،ئۇلار مەزكۇر ئىش كەلتۈرۇپ چىقارغان ھەرقايسى بولەككە نىسبەتەن باھالاش تەھلىل قىلىش ،مولچەرلەش...قاتارلىقلانى ئىلىپ بارىدۇ.
شائىر لارمۇ ئادىراش بولۇپ كىتىدۇ.ئۇلار مەزكۇر ئىشنى چوردىگەن ھالدا ھەرخىل ئوخشىمىغان نوقتىئىنەزەر بىلەن شىئىر يازىدۇ،ياكى قاراڭغۇلۇققا لەنەت ئوقۇيدۇ،ياكى چىرىكلىكنى قامچىلايدۇ،ۋە ياكى پاكلىكنى كۈيلەيدۇ.ئېشقىلىپ شائىرلامۇ مەزكۇر ئىشنى جەمئىيەت تۇرمۇشىنىڭ ھەرقايسى تەرەپ ھەرقايسى يەرلىرىگىە كىڭەيتىدۇ....
ئۇنداقتا كويۈپ كەتكەن لامپۇچكىنى ناھايىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئوزىنى يالغۇز ئالماشتۇرالايدىغان ئادەم بارمۇ؟
-بار كۈيئوغۇل بولغۇسى قىيناتا -قېينانىسنىڭ ئويدىكى چاغدا لامپۇچكىنى ئوزى يالغۇز ئالماشتۇردۇ.

تەرمىلەر
         كۆرۈلۈشى:859     قوشۇلغان ۋاقتى:2011/11/23 18:55:44يوللىغۇچى ئەزا:

 
   

   ئاۋات ئەسەرلەر

ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:كىشىلىك ھايات پەقەت بىرنەچچە ۋاراق قەغەز
كىشىلىك ھايات پەقەت بىرنەچچە ۋاراق قەغەز
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:گۈل پىچىرلىشى
گۈل پىچىرلىشى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئۇستاز، ئوقۇغۇچىڭىزنىڭ ئىچكى ھېسسىياتىغا سەل قارىماڭ
ئۇستاز، ئوقۇغۇچىڭىزنىڭ ئىچكى ھېسسىياتىغا
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:كىتاب ئۇقۇشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى
كىتاب ئۇقۇشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:خىزمەت تاپماق نېمىشقا تەس؟
خىزمەت تاپماق نېمىشقا تەس؟
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:بىر چۈشكۈرگۈندە 20 مىڭچە باكتېرىيە چىقىدۇ؛
بىر چۈشكۈرگۈندە 20 مىڭچە باكتېرىيە چىقىد
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ھاياتلىق پەقەتلا ئۈچ كۈن ...
ھاياتلىق پەقەتلا ئۈچ كۈن ...
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:بۇ سەككىز سوئال سىزنى شۇھامان سەگەك قىلىدۇ!
بۇ سەككىز سوئال سىزنى شۇھامان سەگەك قىلى

پىكىر ئالماشتۇرۇڭ   بىزنى قوللاڭ   بىزدىن پايدىلىنىڭ   بىزنى بىلۋىلىڭ
       
ئالاقىلىشڭ تەكلىپ-پىكىر ئېلان بىرىڭ بېكەت ھەققىدە
سەيناغا كىرىڭ ئەزا بولوڭ ھەمكارلىشىڭ سەھىپىلەر
  ئۇلىنىش قوشۇش ئۇچۇر يوللاڭ مۇلازىمەتلىرىمىز
  بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ بىۋاستە ئۇچۇر يوللاڭ   بېكەت لوگوسى ئەسەر يوللاڭ بېكەت رەسمىيەتلىرى
 
 
 
 

 

   

工信部备案:新ICP备11000444号

乌鲁木齐市公安局网络支队备案号-6501201108002 Copyright© 2010-2014 SalamURUMQI.Com