نـــاخــشـــىـلار | كــىنو-فىـلىمــلار | مىـللـي تىـبـابــەت | قــــانـــون-تـــۈزۈم | مەشھور شەخىسلەر | ئىـــقدىـــســاد | ئىـلمـي مـاقـالــلار
ســۆھـبـەتـخـانـا | ئېـــــــتـــوتـــــلار | يــۇمــۇر-لـەتىـپە | پەرزەنىت تەربىيەسى | ئـۆتـكـەن كـۈنـلـەر | مــــەدىــنـــيــەت | تۇرمۇش ھەققىدە
ئــــويــــۇنــــلار | رەسىـــمــلـەر | تـــەنــتـەربىـــيـە | يــۇمـشاق دېـتالـلار | ئـايـاللاردۇنياسـى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر | ھېـــكىــمەتــلــەر

باش بەت

باش شۇجى خۇ جىنتاۋ چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ...

يوللانغان ۋاقتى: 02:43 25-04-2011 مەنبە: خەلق تورى ئاپتورى: admin كۆرۈلۈشى: قېتىم
باش شۇجى خۇ جىنتاۋ چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىدا خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈردى

خۇ جىنتاۋ مەكتەپنىڭ تارىخىي مۇزېيىدا ياڭ جېننىڭ قاتارلىق ئاتاقلىق پىروفېسسورلار بىلەن سەمىمىي كۆرۈشتى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لەن خۇڭ فوتوسى


گۈل-چېچەكلەر پورەك ئاچقان باھار پەسلىدە، بېيجىڭنىڭ خەيدىيەن رايونىغا جايلاشقان چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى مەكتەپ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى كۈتۈۋالدى.

  4-ئاينىڭ 20-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى خۇ جىنتاۋ چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىغا كېلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن، مەكتەپتىكى بارلىق ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋە دۆلەتنىڭ ئىچى-سىرتىدىكى مەكتەپداشلارغا قىزغىن سالام يوللىدى. باش شۇجىنىڭ قەدەم تەشرىپ قىلىشى، چىڭخۇادىكىلەرگە ئىللىقلىق ۋە جۇشقۇنلۇق بەخش ئېتىپ، يۈز يىللىق چىڭخۇانى تېخىمۇ نىشاننى كۆزلەپ ئالغا بېسىشقا رىغبەتلەندۈردى.

  مەكتەپ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يېڭى پۈتكەن مەكتەپ تارىخىي مۇزېيىخانىسىغا مەكتەپنىڭ تارىخىي كۆرگەزمىسى ۋە پەن-تەتقىقات نەتىجىلىرى كۆرگەزمىسى ئورۇنلاشتۇرۇلدى. خۇ جىنتاۋ مەكتەپكە كېلىپلا، مەكتەپ مۇزېيىنى زىيارەت قىلدى.

  خۇ جىنتاۋ كۆرگەزمە زالىغا كىرىپ، بىر تەرەپتىن كۆرگەزمىنى كۆرگەچ، يەنە بىر تەرەپتىن چۈشەندۈرۈشنى ئاڭلىدى. ئۇ چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يۈز يىللىق تارىخ مۇساپىسىدە قولغا كەلتۈرگەن شانلىق نەتىجىلىرىگە چىن كۆڭلىدىن مەمنۇن بولدى. خۇ جىنتاۋ چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ 100 ياشقا تولغانلىقىنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، كىتاب ئوقۇتۇپ ئادەم تەربىيەلەشتىن تەۋرەنمەي، ئوقۇتۇش سۈپىتى ۋە پەن-تەتقىقات سەۋىيەسىنى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈپ، تىرىشىپ دۇنيادىكى ئالدىنقى قاتاردىكى مەكتەپلەر قاتارىدىن ئورۇن ئېلىپ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈپ، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يېڭى شانلىق سەھىپىسىنى داۋاملىق يېزىشىنى ئۈمىد قىلدى.

خۇ جىنتاۋ تۈزۈلمە بىيولوگىيە مەركىزى تەجرىبەخانىسىدا ئوقۇتقۇچى-ئوقوغۇچىلار بىلەن سەمىمىي سۆھبەتلەشتى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان
  

(شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 20-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى، زوۋ شېڭۋېن، ۋۇ جىڭ خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تىل-يېزىق تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)


مەنبە : خەلق تورى

ياخشىكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر