نـــاخــشـــىـلار | كــىنو-فىـلىمــلار | مىـللـي تىـبـابــەت | قــــانـــون-تـــۈزۈم | مەشھور شەخىسلەر | ئىـــقدىـــســاد | ئىـلمـي مـاقـالــلار
ســۆھـبـەتـخـانـا | ئېـــــــتـــوتـــــلار | يــۇمــۇر-لـەتىـپە | پەرزەنىت تەربىيەسى | ئـۆتـكـەن كـۈنـلـەر | مــــەدىــنـــيــەت | تۇرمۇش ھەققىدە
ئــــويــــۇنــــلار | رەسىـــمــلـەر | تـــەنــتـەربىـــيـە | يــۇمـشاق دېـتالـلار | ئـايـاللاردۇنياسـى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر | ھېـــكىــمەتــلــەر

باش بەت

ئىچكىردە تەربىيەلىنىدىغان ئوقۇغۇچىلار ئۇزۇتۇپ قۇيۇلدى

يوللانغان ۋاقتى: 21:36 25-03-2011 مەنبە: تەڭرىتاغ تورى ئاپتورى: admin كۆرۈلۈشى: قېتىم
جاڭ چۈنشيەن ئاپتونوم رايونىمىزدىن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان ئۆلكە، شەھەرلەرگە تەربىيەلىنىشكە بارىدىغان ئالىي مەكتەپنى پ

جاڭ چۈنشيەن ئاپتونوم رايونىمىزدىن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان ئۆلكە، شەھەرلەرگە تەربىيەلىنىشكە بارىدىغان ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ياشلارنى ئىلھاملاندۇردى

ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى شىن چاڭشىڭ تەربىيەلىنىشكە بارىدىغان ياشلارنى ئۇزىتىپ قويدى


 


 
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن يىغىنغا قاتناشتى.

  ئاپتونوم رايون 3 - ئاينىڭ 24 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچىدە چوڭ يىغىن ئېچىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىن تۇنجى تۈركۈمدە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان ئۆلكە، شەھەرلەرگە تەربىيەلىنىشكە بارىدىغان ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ياشلارنى ئۇزىتىپ قويدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن يىغىنغا قاتناشتى ھەم تەربىيەلىنىشكە بارىدىغان ياشلارغا بايراق تەقدىم قىلدى. ئۇ ھەر مىللەت ياشلىرىنى ئىلھاملاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: تەربىيەلىنىشكە بارىدىغان ياشلارنىڭ قىممەتلىك پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، مىننەتدارلىق تۇيغۇسىنى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن قېتىرقىنىپ ئۆگىنىپ، ئۆزلىرىنىڭ مەدەنىيەت ۋە نەزەرىيە سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، شىنجاڭ ياشلىرىنىڭ مىننەتدارلىق تۇيغۇسىنى نامايان قىلىپ، قىيىنچىلىقلاردىن قورقماي ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان ئېسىل روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكىگە تۆھپە قوشىدىغان ئىختىساسلىقلاردىن بولۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى شىن چاڭشىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن ئەركىن ئىمىرباقى، ئەسقەت كەرىمباي، چې جۈن، خەن يۇڭ، خۇاڭ ۋېي، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئابىلمەجىن، سۇڭ ئەيرۇڭ، جۇ خەيلۇن، بەي جىجيې، ئەركىنجان تۇراخۇن، خۇ ۋېي، ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا قاتناشتى.

  ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىز پىلان بويىچە ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن ياشلاردىن 22 مىڭنى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان ئۆلكە، شەھەرلەرگە ئىككى تۈركۈمگە بۆلۈپ تەربىيەلەشكە ئەۋەتىدىغان بولۇپ، تۇنجى تۈركۈمدە يولغا چىقىدىغان 4562 نەپەر ياش شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان ئۆلكە، شەھەرلەردىكى 46 ئالىي مەكتەپتە نۇقتىلىق تەربىيەلىنىدىكەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەت ياشلىرى %7.38 نى، قىزلار %2.16 نى ئىگىلەيدىكەن. يىغىندا جاڭ چۈنشيەن سۆز قىلىپ، ئالدى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىغا رەھمەت ئېيتتى ھەم شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ ياردىمىگە مىننەتدارلىق بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئوقۇش پۈتكۈزگەن ياشلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولۇش مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشى ئۇلارنىڭ ئاتا - ئانىلىرىدىن قېلىشمايدۇ. ئاپتونوم رايون بىر قاتار تەدبىر ئارقىلىق ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ ئىشقا ئورۇنلىشالمىغان ياشلارنى ئىككى يىل ئىچىدە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى قارار قىلدى. بۇ قېتىم ئىختىيارلىقىغا ھۆرمەت قىلغان ئاساستا، بىر تۈركۈم ياشلارنى تاللاپ، ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە تەربىيەلىنىش ۋە چېنىقىشقا ئەۋەتىش يۇقىرىقى بىر قاتار تەدبىر ئىچىدىكى مۇھىم تەدبىر ھېسابلىنىدۇ.

  جاڭ چۈنشيەن ھەر مىللەت ياشلىرىغا مۇنداق دېدى: سىلەر شەرەپلىك سەپەرگە ئاتلىنىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىسىلەر، بۇ سەپەردە نۇرغۇن تاغ - دەريالاردىن ھالقىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان ئۆلكە، شەھەرلەرگە تەربىيەلىنىش ۋە چېنىقىشقا بارىسىلەر. بۇ شىنجاڭنىڭ ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ياشلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىدىكى بىر چوڭ ئىش بولۇپلا قالماي، يەنە سىلەرنىڭ ھاياتىڭلاردىكى ئىنتايىن مۇھىم بىر باشلىنىش نۇقتىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

  جاڭ چۈنشيەن ياشلاردىن مۇنۇلارنى ئۈمىد قىلدى: سىلەرنىڭ تەربىيەلىنىدىغان جايلارغا بارغاندىن كېيىن، پارتىيەنى، ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈپ، ئالتۇندەك قىممەتلىك پۇرسەتنى ياخشى قەدىرلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن؛ تەربىيەلەش خىزمىتىگە مەسئۇل بولغان ئۆلكە، شەھەرلەر بۇ ئىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئەڭ ياخشى مەكتەپ ۋە ئەڭ ياخشى ئوقۇتقۇچىلارنى ئاجرىتىپ سىلەرگە ئەڭ ياخشى تەربىيەلىنىش پۇرسىتى يارىتىپ بەردى، بۇنداق پۇرسەت تولىمۇ تەستە كېلىدۇ، شۇڭا سىلەرنىڭ پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ، پارتىيەنى، ۋەتەننى، شىنجاڭنى قىزغىن سۆيۈپ، جەمئىيەتتىن مىننەتدار بولۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن، بولۇپمۇ ئۆزۈڭلارنى ئەخلاقىي پەزىلەت ۋە كەسپىي تېخنىكا جەھەتتىن تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، ئەخلاق ۋە بىلىم جەھەتتە تەڭ يېتىشىپ، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكى ئۈچۈن تۆھپە قوشىدىغان، دەۋر تەرەققىياتىغا ماسلىشالايدىغان، بەلگىلىك رىقابەت ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان ئىختىساسلىقلاردىن بولۇپ چىقىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن؛ ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە بارغاندىن كېيىن، رايونلار مەدەنىيىتى ۋە ئۆرپ - ئادەت جەھەتتىكى ئوخشىماسلىقلار كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان پايدىسىز ئامىللارنىڭ تەسىرىنى تىرىشىپ تۈگىتىپ، شۇ يەرنىڭ خىزمەت رىتىمى ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلىغا تېزدىن ماسلىشىپ، پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭلار بىلەن تىرىشىپ ئۆگىنىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن؛ ياشلارغا خاس جاسارەت بىلەن جاپا - مۇشەققەتكە باش ئەگمەي، تىرىشىپ كۈرەش قىلىپ، پارتىيە، ھۆكۈمەتكە بولغان مىننەتدارلىق تۇيغۇسىنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، شىنجاڭ ياشلىرىنىڭ ئېسىل خىسلىتى ۋە روھىي قىياپىتىنى نامايان قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

  يىغىندا نۇر بەكرى سۆز قىلىپ، مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ئاپتونوم رايونىمىزدىكى جايلار ۋە تارماقلار ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ياشلارنى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان ئۆلكە، شەھەرلەرگە ئەۋەتىپ تەربىيەلەش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، بۇ خىزمەتنى چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلىشى كېرەك. بولۇپمۇ، جايلار شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قوماندانلىق ئىشتابلىرى ھەمدە شۇ جايلارنىڭ تەشكىلات تارماقلىرى بىلەن بولغان پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، تەربىيەلەش خىزمىتىدە كۆرۈلگەن مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ھەل قىلىپ، تەربىيەلەش پىلانىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئورۇندىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى لازىم. يىغىندا شىن چاڭشىڭ سۆز قىلىپ، ھەر مىللەت ياشلىرىدىن تەستە كېلىدىغان بۇ قىممەتلىك پۇرسەتنى قەدىرلەپ، ئەلا نەتىجە بىلەن ئانا يۇرتىغا جاۋاب قايتۇرۇشنى ئۈمىد قىلدى ھەم ئاپتونوم رايونىمىزدىن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان ئۆلكە، شەھەرلەرگە تەربىيەلىنىشكە بارىدىغان ياشلارغا ئاتاپ شېئىرىي بېغىشلىما يېزىپ بەردى. جاڭ چۈنشيەن، نۇر بەكرى قاتارلىق رەھبەرلەر يىغىندىن ئاۋۋال ياشلار ۋەكىللىرى ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ قوماندانلىق ئىشتابلىرىنىڭ مەسئۇللىرىنى قوبۇل قىلدى.

  ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم خەۋىرى
نۇر بەكرى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى
شىن چاڭشىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى
تەربىيەلىنىشكە بارىدىغان ياشلار
ياخشىكەن
(1)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر