* زىبۇ–زىننەت سېلىنغان قۇتىغا ئازراق بور سېلىپ قويسىڭىز زىبۇ–زىننەتلىرىڭىزنىڭ پارقىراقلىقىنى ساقلايدۇ .
* يوپكىڭىز زەرەتلىنىپ قالسا باتارېيەنىڭ مۇسبەت قۇتۇپ تەرىپىنى يوپكىڭىزغا بىر نەچچە قېتىم سۈرتۈۋەتسىڭىز زەرەتلىنىش يوقايدۇ .
* ئايىغىڭىز پۇتىڭىزنى غاجىلىسا ، غاجىغان جايغا ئازراق ئاق ھاراق سۈرتۈۋەتسىڭىز پۇتىڭىزنى غاجىمايدۇ .
* قولى ئاسان قۇرغاقلىشىپ يېرىلىدىغان كىشلەر ، ئاچچىقسۇغا 10 مىنۇت چىلاپ بەرسە پايدا قىلىدۇ .
* ئەتىگەنلىك تاماقتا پەمىدۇر ، لىمۇن قاتارلىق كۆكتات ، مېۋىلەرنى يەپ بەرسە جىگەرنى قوغداشقا پايدىلىق .
* ئۈزۈمدە ئۇيقۇغا ياردەم بېرىش گورمونى بولۇپ ، دائىم ئۈزۈم يەپ بەرگەندە ئۇيقۇ ياخشىلىنىدۇ .
* باش ئاغرىغاندا ئالمىنى ئېزىپ داكىغا ئوراپ ئاغرىغان جايغا تاڭسا ئاغرىق پەسىيىدۇ .
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com
ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)
ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号