يازنىڭ تومۇز ئىسسىقى باشلىنىشى بىلەن نۇرغۇن كىشىنىڭ تال ، ئاشقازان ئىقتىدارى تەدرىجى ئاجىزلايدۇ ؛ ئىشتىھاسى تۇتۇلۇپ ، ھەزىم قىلىشى ناچارلىشىپ ، ھە دېسىلا ئىچى سۈرىدۇ ، روھىي چۈشكۈن بولۇپ قالىدۇ . جۇڭگو تېبابىتىدە : يازدا تال ۋە ئاشقازاننى ئاسرىغاندا ، يازنى ياخشى ئۆتكۈزگىلى بولۇپلا قالماي ، يەنە سوغۇقتىن بولىدىغان كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ . يەنى بوغۇم كېسىلى ، بۆرەك زەئىپلىشىش ، بەدەن ئاجىزلىق ، قان ئازلىق قاتارلىق ياشانغانلار كېسىلىنى داۋالاشتىمۇ ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ . دەپ قارىلىدۇ .
جۇڭگو تېبابىتىدە : بەرەڭگە ئاشقازاننى ياخشىلاپ ، تالنى ساغلاملاشتۇرىدۇ ، ئاشقازان يارىسى ئادەت خاراكتېرلىك قەۋزىيەت قاتارلىق كېسەللەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ ھەم زەھەرنى ھەيدەيدۇ ، ياللۇغ قايتۇرىدۇ . بەرەڭگىگە ھەسەلنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلغاندا تال بىلەن ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەپ ، ئاشقازاننىڭ ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ ، دەپ قارىلىدۇ .
بەرەڭگە ئومىچى تەييارلاشنىڭ ئۇسۇلى مۇنداق : يېڭى بەرەڭگىدىن 250 گىرام (پوستىنى ئېلىۋەتمەي) نى ئۇششاق توغراپ ، سۇدا ئۇماچ ھالەتكە كەلگۈچە قاينىتىپ ئازراق ھەسەل ئارىلاشتۇرۇپ ، كۈندە ئەتىگەندە ئاچ قورساققا ئىككى ھەپتە ئىچسە ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولىدۇ .
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com
ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)
ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号