ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك تورداشلار:
ئەگەر سىز بۇلۇت چىقىمدانى (云付通) نى تېلېفونىڭىزغا چۈشۈرۈپ ئىشلىتىۋاتقان بولسىڭىز، شىركىتىمىزدىكى بارلىق ماللارنىڭ ھەممىنى بۇلۇت چىقىمدانى ئارقىلىق سېتىۋالسىڭىز بولىدۇ. سىز خەجلىگەن پۇل 2000 كۈنگە بۆلۈنۈپ كۈندە نىسبەت بويىچە ئۆزىڭىزگە قايتىپ بارىدۇ.
ئەگەر تېخى ئىشلەتمىگەن بولسىڭىز ياكى چۈشەنمىگەن بولسىڭىز تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاش ئارقىلىق بۇ دىتالنى ھەقسىز چۈشۈرۈپ ئىشلىتىڭ. ۋە ئىشلىتىش جەريانىدا يولۇققان بارلىق مەسىللەرنى مەندىن سورىسىڭىز بولىدۇ. ئۈندىدار نومۇرىم: 15999455501
بۇ دىتالمۇ ئۈندىدارغا ئوخشاش ئومۇملىشىپ بولدى. بارلىق ئىقتىدارلىرى ئۈندىدارغا ئوخشاش.
1-قەدەمدە تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
2-قەدەمدە تۆۋەندىكىدەك كۆزنەك ئېچىلىدۇ. ئۈستىدىكى بوش ئورۇنغا يانفون نومۇرىڭىزنى توغرا كىرگۈزۈڭ. ئاندىن ئاستى ئوڭ تەرەپتىكى قىزىل رەڭلىك (获取验证码) دېگەن خەتنى باسسىڭىز يانفونىڭىزغا 6 خانىلىق دەلىللەش كودىنى ئۇچۇر قىلىپ يوللاپ بېرىدۇ. شۇ 6 خانىلىق دەلىللەش كودىنى سول تەرەپتىكى (短信验证码) دېگەن كاتەكچىگە توغرا كىرگۈزىسىز. ئاندىن ئەڭ ئاستى تەرەپتىكى كىيىنكى قەدەم (下一步) دېگەن خەتنى بېسىپ كىيىنكى باسقۇچقا ئۆتىسىز.
3-قەدەمدە تۆۋەندىكىدەك كۆزنەك چىقىدۇ. مەخپىي نومۇرنى كىرگۈزۈپ دەلىللەڭ. ئالدى بىلەن ئۈستىدىكى كاتەكچىگە ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ 6 خانىلىق سان ۋە ئىنگىلىزچە ھەرىپتىن تۈزۈلگەن مەخپىي نومۇر كىرگۈزۈڭ. مەسىلەن: X19840930 مۇشۇنىڭغا ئوخشاش. ساننىڭ سانى 6 خانىلىقتىن ئاز بولسا تەستىقلانمايدۇ. ۋە ئاز بولغاندا بىرخانە ئىنگىلىزچە ھەرىپنى قوشۇپ كىرگۈزۈڭ. بولمىسا تەستىقلانمايدۇ. مەخپىي نومۇرنى ئۇنتۇپ قالماسلىق ئۈچۈن ئىسمىڭىزنىڭ باش ھەرىپىنى كىرگۈزسىڭىزمۇ بولىدۇ. مەخپىي نومۇرنى خاتىرلىۋېلىڭ، ئۇنتۇپ قالسىڭىز ئاۋارچىلىق. ئاستىدىكى كاتەكچىگىمۇ ئۈستىدىكى كاتەكچىگە ئوخشاش قىلىپ قايتا كىرگۈزۈڭ مەخپىي نومۇرىڭىزنى.
4-قەدەمدە تۆۋەندىكىدەك تىزىملاتقىنىڭىز مۇۋاپىقىيەتلىك بولغانلىق ئۇچۇرى چىقىدۇ. بۇ كۆزنەك كۆرۈنگەندىن كېيىن ئەگەر سىزنىڭ ئىشلىتىۋاتقىنىڭىز ئالما تېلېفون بولسا ئوڭ تەرەپتىكى ئۇلانمىنى (下载苹果APP) دېگەن خەتنى بېسىپ دىتالىنى ھەقسىز چۈشۈرىۋېلىڭ.
ئەگەر ئىشلىتىۋاتقىنىڭىز باشقا تېلېفون يەنى ئەندىرويىت بولسا سول تەرەپتىكى ئۇلانمىنى (下载安卓APP) دېگەن خەنزۇچە خەتنى بېسىپ دىتالىنى ھەقسىز چۈشۈرىۋېلىڭ.
5-قەدەمدە دىتالنى تېلېفونىڭىزغا چۈشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن دىتالنى قوزغاتسىڭىز بىر كۆزنەك ئېچىلىدۇ. ئېچىلغان كۆزنەكتىن ئۈستىگە بايام تىزىملاتقان تېلېفون نومۇرىڭىزنى كىرگۈزىسىز. ئاستى كۆزنەككە بايامقى مەخپىي نومۇرنى كىرگۈزىسىز. ئاستىدىكى دەلىللەشنى باسسىڭىز دىتالىڭىز مۇۋاپىقىيەتلىك قوزغۇلىدۇ. ئەگەر مەخپىي نومۇرنى ئۇنتۇپ قالغان بولسىڭىز ئاستى تەرەپتىكى خەنزۇچە مەخپىي نومۇرنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن (忘记密码) دېگەن خەنزۇچە خەتنى بېسىپ تەرتىپ بويىچە مەشغۇلات قىلىپ مەخپىي نومۇرنى قايتا بىكىتىۋېلىڭ.
6-قەدەمدە دىتالنى قوزغاتسىڭىز تۆۋەندىكىدەك كۆزنەك ئېچىلىدۇ. يەنى مەخپىي نومۇر بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىش مەشغۇلاتى ئېچىلىدۇ. ئېچىلغان كۆزنەكتىن ئۈستى تەرەپتىكى خەنزۇچە خەتنى (好的,马上去设置) دېگەن خەتنى بېسىپ كېيىنكى قەدەمگە ئۆتۈڭ.
7-قەدەمدە تۆۋەندىكىدەك كۆزنەك ئېچىلىدۇ. بۇنىڭدىن ئۈستى تەرەپتىكى تاللاش رايونىنى بېسىپ دادىڭىزنىڭ ياكى ئاپىڭىزنىڭ ئىسمى بار يەرنى تاللاڭ. يەنى تۆۋەندىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەن ئۈستى تەرەپتىكى تاللاشنى باسسىڭىز ئۈستىدىن سانىغاندا 2-رەتتىكى (?您母亲的姓名是)دېگەن خەنزۇچە خەتنىڭ مەنىسى ئاپىڭىزنىڭ ئىسمى نىمە دېگەن خەت. ئۈستىدىن سانىغاندا 3-رەتتىكى (您父亲的姓名是) دېگەن خەنزۇچە خەتنىڭ مەنىسى دادىڭىزنىڭ ئىسمى نىمە دېگەن خەت. سىز بۇلاردىن ئۆزىڭىز خالىغاننى تاللاڭ. تاللاپ بولغاندىن كېيىن ئاستى تەرەپتىكى بوش كاتاكچىگە ئاپىڭىزنىڭ ئىسمىنى تاللىغان بولسىڭىز ئاپىڭىزنى ئىسمىنى، دادىڭىزنىڭ ئىسمىنى تاللىغان بولسىڭىز دادىڭىزنى ئىسمىنى توغرا ھالەتتە، ئىملاسىغا دىققەت قىلغان ئاساستا، ئۇنتۇپ قالمىغىدەك قىلىپ كىرگۈزۈڭ. ئۇنتۇپ قالسىڭىز كېيىن ئاچالماسلىقىڭىز مۇمكىن. شۇڭا ئۆزىڭىز بىلىدىغان يەرگە بايامقى مەخپىي نومۇرنى ۋە مۇشۇ ئىسىمنىڭ توغرا يېزىلىشىنى، بولۇپمۇ مۇشۇ كاتاكچىگە قانداق يازغان بولسىڭىز شۇنداق يېزىلىشىنى ياخشى خاتىرلەپ قويۇڭ. ئاخىرىدا ئەڭ ئاستىدىكى (完成) تامام دېگەن خەتنى بېسىپ جەزىملەشتۈرۋېتىڭ.
مەسىلەن: alim, ablim, ahmat, tohti, ablat, rozi, rizwangul, kalbinur, risalat, aygul
8-قەدەمدە تۆۋەندىكىدەك كۆزنەك ئېچىلىدۇ. بۇ كۆزنەكتىن ئۈستى تەرەپتىكى (好的,马上去设置) دېگەن خەنزۇچە خەتنى بېسىپ كېيىنكى قەدەمگە ئۆتۈڭ. ۋە 6 خانىلىق مەخپىي نومۇرنى تەكرار 2 قېتىم كىرگۈزۈش ئارقىلىق دەلىللەڭ. 6 خانىلىق مەخپىي نومۇرنى قەتئىي ئۇنتۇپ قالماسلىقىڭىز ئۈچۈن چوقۇم خاتىرلىۋېلىڭ. بولۇپمۇ بانكا كارتىڭىزغا ئىشلەتكەن 6 خانىلىق مەخپىي نومۇرنى ئىشلىتىڭ. كېيىنكى ئاۋارچىلىقلاردىن ساقلىنىپ قالىسىز.
9-قەدەمدە تۆۋەندىكىدەك كۆزنەك ئېچىلىدۇ. بۇنىڭدىن ئاستى ئوڭ تەرەپتىكى كۆك رەڭلىك جۇڭگو خەرىتىسىنى تاللايسىز. چۈنكى سىز جۇڭگولۇق بولغانلىقىڭىز ئۈچۈن. ئەگەر سول تەرەپتىكى قىزىل رەڭلىك پىقىرغۇچنىڭ رەسىمى بار ئاۋمىن، تەيۋەننىڭ خەرىتىسىنى تاللاپ قالسىڭىز تەستىقلانمايدۇ. ھەم كېيىن قەدەملىرىڭىز بەك ئاۋارچىلىق بولىدۇ.
10-قەدەمدە تۆۋەندىكىدەك يەنە بىر كۆزنەك ئېچىلىدۇ. يەنى چىراي تونۇتۇش كۆزنىكى. سىز تېلېفونىڭىزنى يورۇقلۇقى نورمال بولغان جايدا ئۆزىڭىزنىڭ باش تەرەپ يەنى چىرايىڭىزغا توغۇرلاپ ئاستى تەرەپتىكى باشلاش (开始) دېگەن خەنزۇچە خەتنى باسسىڭىز چىرايىڭىزنى سۆرئەتكە تارتىشقا باشلايدۇ. سىزگە كۆزۈڭنى چىمچىقلات، ئېغىزىڭنى مىدىرات، بېشىڭنى لىڭشىت، بېشىڭنى ئوڭ-سولغا بۇرا دەپ بويرۇق قىلىدۇ. سىز شۇ كۆرسەتمە بويىچە قىلسىڭىز چىرايىڭىزنى تونۇپ بولىدۇ. ئاندىن كېيىنكى قەدەمگە ئۆتىسىز. يەنى كىملىكنى تونۇتۇش (سىكانىرلاپ تونۇتۇش)
11-قەدەمدە تۆۋەندىكىدەك كۆزنەك ئېچىلىدۇ. يەنى كىملىكنى سىكانىرلاش (كىملىكنى رەسىمگە تاتىپ تونۇتۇش). سىز كىملىكىڭىزنى كۈندۈزى ياكى يورۇقلۇقى ياخشى بولغان، كىملىك قارامتۇل چىقىۋالمايدىغان ياكى چىراقنىڭ نۇرىدا بەك پارقىراق چىقىۋالمىغان ھالەتتە سىكانىرلاڭ.
كىملىكنى ئۈستەلنىڭ ئۈستىگە قويۇپ تېلېفوننى شۇ كىملىككە دەل كەلگۈدەك قىلىپ توغۇرلاپ مىدىراتماي نەچچە سىكونت تۇتۇپ تۇرسىڭىز بۇ دىتال ئاپتۇماتىك رەسىمگە ئېلىپ سىكارنىرلىۋالىدۇ. ئەگەر تېلېفونىڭىز كىملىكنى قەتئىي سىكانىرلىيالمىسا (رەسىمگە ئالالمىسا) كەينىگە 1 قەدەم چېكىنگەندىن كېيىن ئوڭ تەرەپ ئۈستىدە 扫描身份证遇到问题 دېگەن خەنزۇچە خەت كۆرۈنىدۇ. شۇ يەرنى بېسىپ كىرىڭ.
12-قەدەمدە ئەگەر كىملىكىڭىزنى ئاپتۇماتىك سىكانىرلىيالمىسا (ئاپتۇماتىك رەسىمگە ئالالمىسا) ئۈستى سول تەرەپتىكى كەينىگە قايتىش كۇنۇپكىسىنى بېسىپ كەينىگە 1 قەدەم قايتىڭ. كەينىگە 1 قەدەم قايتقاندىن كېيىن ئوڭ تەرەپ ئۈستىدە 扫描身份证遇到问题 دېگەن خەنزۇچە خەت كۆرۈنىدۇ. شۇ خەتنى بېسىپ كىرىڭ. تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك.
13-قەدەمدە تۆۋەندىكىدەك كۆزنەك ئېچىلىدۇ. بۇ كۆزنەكتىكى ئۈستى تەرەپ كاتەكچىگە خەنزۇچە ئىسىم-فامىلىڭىزنى توغرا كىرگۈزۈڭ. ئوتتۇرسىدىكى چىكىتنىمۇ توغرا قويۇڭ. تۆۋەندە رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك چىكىت قويۇڭ. ئاستىغا كىملىك نومۇرىڭىزنى توغرا كىرگۈزۈڭ. ئەڭ ئاخىرىدا ئاستىدىكى 提交审核 دېگەن خەنزۇچە خەتنى باسسىڭىز تامام بولىدۇ...
ئەڭ ئاخىرىدا بانكا كارتىڭىزنى باغلاپ ئىشلىتىڭ. بانكا كارتىڭىزنىڭ چوقۇم تور كەسپى ئوچۇق بولۇشى كېرەك. تور كەسپى ئېچىلمىغان بولسا باغلىيالمايسىز. ئاۋال بانكىغا بېرىپ بانكا كارتىڭىزنىڭ توردىن پۇل يۆتكىگىلى بولىدىغان تور كەسپىنى ئېچىڭ. ۋە بانكا كارتىڭىزنىڭ ئۇچۇر كەسپىنىمۇ ئېچىۋېتىڭ. بانكا كارتىڭىزغا پۇل كىرگەندە ۋە پۇل چىقارغاندا تېلېفونىڭىزغا ئۇچۇر بارىدىغان كەسپىنى ئېچىڭ.
ئاندىن بۇ دىتالغا باغلاپ خاتىرجەم ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ. سىز باشقىلارغا ئېتىپ بەرگەن پۇل 2000 كۈنگە بۆلۈنۈپ كۈندە پىرسەنت بويىچە قايتىپ بارىدۇ... يەنە داۋاملىق چۈشەنمىگەن يەرلەر بولسا مېنىڭ ئۈندىدار نومۇرىمنى قوشۇۋېلىپ مەسلىھەت سورىسىڭىز بولىدۇ. ئۈندىدار نومۇرىم: 15999455501
بۇلۇت چىقىمدانى دېگەن نىمە ؟
بۇلۇت چىقىمدانى دېگىنىمىزنىڭ خۇسۇسىيىتى ئۈندىدار (微信)، چ چ، ئالىپاي (支付宝) قاتارلىقلارغا ئوخشاش بولغان ئۆز ئارا پاراڭلىشالايدىغان، ئۆز-ئارا بىر بىرسىگە پۇل ئۇرۇپ بېرەلەيدىغان، قىزىل بولاق يوللىيالايدىغان، سودا توپلىرىنى قۇرالايدىغان قولايلىق بولغان چىقىمدان بولۇپ، سىزمۇ مۇشۇ بۇلۇت چىقىمدانىنى ئىشلەتكەن بولسىڭىز، قارشى تەرەپمۇ مۇشۇ بۇلۇت چىقىمدانىنى ئىشلەتكەن بولسا (خۇددى سىز ۋە قارشى تەرەپ ئۈندىدارنى ئىشلىتىپ، ئۈندىدار ئارقىلىق بىر-بىرسىگە پۇل ئۇرۇپ بەرگەنگە ئوخشاش) مۇشۇ بۇلۇت چىقىمدانى ئارقىلىق قارشى تەرەپكە ئۇرۇپ بەرگەن پۇلىڭىز 2000 كۈنگە بۆلۈنۈپ كۈندە نىسبەت بويىچە قايتىپ كېلىدىغان چىقىمدان...ئىشەنمەيۋاتامسىز ؟
ھەقىقەتەن شۇنداق. سىز مۇشۇ دىتال ئارقىلىقلا خەجلىگەن پۇلىڭىز سىزگە 2000 كۈنگە بۆلۈنۈپ قايتىپ كېلىدۇ.. بۇ دىتال ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئاساسىي جەھەتتىن ئومۇملىشىپ بولدى. رايونىمىز شىنجاڭدىمۇ ھەرقايسى شىركەت ۋە سودىگەرلەر ئاساسىي جەھەتتىن مۇشۇ دىتالنى ئىشلىتىدۇ.
مۇشۇ دىتال ئارقىلىق ماشىنا سېتىۋالسىڭىزمۇ، ئۆي سېتىۋالسىڭىزمۇ، كىيىم-كېچەك سېتىۋالسىڭىزمۇ، ئاشخانىغا كىرىپ تاماق يېسىڭىزمۇ، تاللا بازارلىرىدىن مال سېتىۋالسىڭىزمۇ، قاسساپخانىدىن گۆش سېتىۋالسىڭىزمۇ، ھەرقانداق بىرنەرسە سېتىۋالسىڭىز، مالنىڭ پۇلىنى قارشى تەرەپكە مۇشۇ دىتال ئارقىلىقلا ئۇرۇپ بەرسىڭىز سىز خەجلىۋەتكەن پۇل كۈندە نىسبەت بويىچە 2000 كۈنگە بۆلۈنۈپ قايتىپ كېلىدۇ.
بۇ يۈنفۇتۇڭ شىركىتى ھازىر ئاسىيادىكى 500 كۈچلۈك كارخانىنىڭ ئىچىگە كىردى. بۇ دىتالنى ئىشلەتكۈچىلەرمۇ نەچچە 10 مىليوندىن ئاشتى. كۈندىلىك مۇشۇ دىتالدىن ئۆتىدىغان پۇلنىڭ سانىمۇ نەچچە مىليارت يۈەندىن ئاشتى. پۈتۈن جۇڭگونىڭ ھەممە چوڭ شەھەرلىرىدە بىردىن ماشىنا سېتىش ئورنى بار. ئۆي سېتىش ئورنى بار. تاۋباۋغا ئوخشاش مال سېتىش تور بەتلىرى بار. سىز شۇ تور بەتلەردىن مۇشۇ دىتال ئارقىلىقلا مال سېتىۋالسىڭىز خەجلىۋەتكەن پۇلىڭىز 2000 كۈنگە بۆلۈنۈپ قايتىپ كېلىدۇ.
ئايروپىلان بېلىتى سېتىۋالسىڭىزمۇ، بويىز بېلىتى سېتىۋالسىڭىزمۇ، تېلېفونىڭىزغا پۇل قاچىلىسىڭىزمۇ، ماي كارتىسى سېتىۋالسىڭىزمۇ، ماشىنىڭىزنى رېمونت قىلدۇرسىڭىزمۇ ھەممىسىگە مۇشۇ دىتالنى ئىشلىتىڭ. خاتىرجەم ئىشلىتىڭ. خەجلىگەن پۇللىرىڭىز، بۇ دىتالغا قاچىلىغان پۇللىرىڭىز ھەرگىز يوقاپ كەتمەيدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com
ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)
ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号