ئۆسمە كېسەل ئاغرىقلىرى ئىستىمال قىلىشقا بولمايدىغان يېمەكلىكلەر
مەنبە: تەڭرىتاغ تورى
يوللانغان ۋاقتى: 22:43 06-12-16
يازما ئاۋاتلىقى: 1733
ئۆسمە كېسىلى ئاغرىقلىرى ياغ تەركىبى يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى ئاز ئىستېمال قىلىپ ، زەمبۇرۇغ تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى مۇۋاپىق ئىستېمال قىلىشى كېرەك . چۈنكى ، بۇنداق يېمەكلىكلەر ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى ئويغىتىدۇ. ياپونىيە ئالىملىرى زەمبۇرۇغ تۈرىدىكى ئۆسۈملۈكلەرنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ، ئۇلارنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى رادىياتسىيەگە قارشى تۇرۇش ۋە راكقا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى بارلىقىنى بايقىغان . مېھرىگىياھ ، موگۇ ، قېرىنقۇلاق ، ئاق مور قاتارلىق زەمبۇرۇغ تۈرىدىكى جۇڭگوچە دورا ۋە يېمەكلىكلەر ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى قوغداشتا ياخشى ئىقتىدارغا ئىگە .