تەركىبى: ھۆل پىننە قانىتى 500 گرام، توم زەنجىۋىل 20 گرام، زىرە 20 گرام، قارىمۇچ 20 گرام، جۇۋىنە 20 گرام، شېكەر 1500 گرام.
تەييارلىنىشى: ھۆل پىننە يوپۇرمىقىنى پۇتاپ ئېلىپ پاكىزلاپ، ھاۋانچا ياكى ماشىنا بىلەن ئېزىپ، ئۇنىڭغا كۆرسەتمىدىكى شېكەرنى ۋە كۆرسىتىلگەن دورىلار يۇمشاق سوقۇپ ئارىلاشتۇرۇپ، سىرلىق ياكى ئەيەك قاچىغا ئېلىپ، تومۇز ئىسسىقتا 40 كۈن قويۇپ پىشۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.
تەسىرى: ئاشقازان، يۈرەك، مېڭىنى قۇۋۋەتلەش، ئاشقازاننى قىزىتىش، ئىشتىھانى ئېچىش، ھەزىمنى ياخشىلاش، ئاشقازان ئاغرىقىنى پەسەيتىش تەسىرىگە ئىگە.
ئىشلىتىش مىقدارى: ئەھۋالغا قاراپ كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن 10-15 گرامغىچە ئىستىمال قىلىنىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com
ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)
ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号