تەركىبى: ھۆل قىزىلگۈل 1 كىلوگرام، مەستىكى رۇمى 100 گرام، شېكەر 3 كىلوگرام.
تەييارلىنىشى: ياخشى ئېچىلغان قىزىلگۈلنى ئېلىپ پاكىزلاپ، ھاۋانچا ياكى ماشىنا بىلەن ئېزىپ، ئۇنىڭغا كۆرسەتمىدىكى شېكەرنى ۋە مەستىكىنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ، سىرلىق ياكى ئەينەك قاچىغا ئېلىپ، تومۇز ئىسسىقتا 40 كۈن قويۇپ تەييارلىنىدۇ.
تەسىرى: ئاشقازان، يۈرەك، مېڭە، جىگەرنى قۇۋۋەتلەش، ئۆپكىنى ياشارتىش، ئاشقازان-ئۈچەي ياللۇغى، ئاشقازان 12 بارماق ئەچەي يارىسى، كونا ئىچ سۈرۈشنى توختىتىش تەسىرىگە ئىگە.
ئىشلىتىش مىقدارى: ئەھۋالغا قاراپ كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن 10-15 گرامغىچە ئىستېمال قىلىنىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com
ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)
ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号