تەركىبى: سۇلۇق يەرلىك سەۋزە 2 كىلوگرام، توم زەنجىۋىل، قاقىلە، جۇزام، قەلەمپۇر، دارچىن، خولىنجان ھەر بىرى 10 گرامدىن، زەپەر 3 گرام، ئەنبەر 1.5 گرام، ھەسەل 1 كىلوگرام.
تەييارلىنىش ئۇسۇلى: سەۋزىنىڭ پوستىنى ئاقلاپ، ئوتتۇرسىدىكى غولىنى ئېلىۋېتىپ چاچتەك توغراپ، بىر كىلوگرام سۇدا كىيام بولغۇچە قاينىتىپ، ئۈستىگە ھەسەلنى قويۇپ ئوبدان قىيام قىلىپ، يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەن دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.
تەسىرى: بۆرەكنىڭ خىزمىتىنى كۈچەيتىش، باھنى قۇۋۋەتلەش، بۆرەكنى، ئومۇمىي بەدەننى سەمرىتىش، مەنىي كۆپەيتىش تەسىرىگە ئىگە.
ئىشلىتىش مىقدارى: كۈندە ئىككى قېتىم، 10-20 گرامغىچە ئىستېمال قىلىنىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com
ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)
ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号