ئەرەپچە نامى: ھەييە
پارسچە نامى: مارى
ئوردۇچە نامى: سانپ
تونۇش: ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق.
شىپالىق رولى: يەل تارقىتىش، قان تازىلاش، ئاغرىق پەسەيتىش، سپازما ۋە زەھەر قايتۇرۇش خۇسۇسىيەتلىرىگە ئىگە.
ئىشلىتىلىدىغان كېسەللىكلەر: رېماتىزم، بەل، پۇت، يانپاش ئاغرىقلىرى، لىمفا تۇربېركۇليوزى، ئۆپكە سىلى، ھەرخىل ئۆسمە، تېرە كېسەللىكى، بەرەس، تەمرەتكە، ھۆل سېرىق چاقا، جاراھەت، بەھەق كېسەللىكلىرىگە ئىشلىتىلىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى: رېماتىزم، بەل، پۇت، يانپاش ئاغرىقلىرىغا سىركىگە چىلاپ قۇرۇتۇلغان يىلاندىن مۇۋاپىق مىقداردا سوفۇپ تەييارلاپ مۇناسىپ دورىلار بىلەن ئىستىمال قىلىنىدۇ، گلقەنت بىلەن سۇ يىلىنى سوفۇپىنى بىرگە ئىستېمال قىلسا، خاپىغانغا پايدا قىلىدۇ، تېرە كېسىلى، تەمرەتكە، قۇبا، جەرەپ، ھۆل سېرىق چاقا جاراھەتلىرىگە ھەببى مارى بەرەس تەييارلاپ بېرىلىدۇ. بەھەق، يىرىڭلىق جاراھەت، قىچىشقاقلارغا يىلاننى سىركىگە ياكى ئىسپىرتقا چىلاپ سىرتتىن چېپىلىدۇ ياكى ئېزىپ ئۆچكە مىڭىسىنىڭ يېغى بىلەن بىرگە سىرتتىن چېپىلىدۇ، سۇ يىلىنىنىڭ سۇفۇپى قىزىل كىشمىش بىلەن ئىستېمال قىلىنسا، بەدەندىكى ئارتۇق ھۆللۈكلەرنى يوقىتىشقا پايدا قىلىدۇ. كۆپىنچە يىلان تالقىنى ھەسەل بىلەن ئىستېمال قىلىنىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: 1-2 گرام.
زىيانلىق تەسىرى: مىقدارىدىن كۆپ ئىستېمال قىلىنسا مېڭىنى قۇرۇتىدۇ، كۆپ تەرلىتىدۇ، زەھەرلىك.
تۈزەتكۈچىسى: سۈت، تۇخۇم ئېقى، مايلىق شورپا.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com
ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)
ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号