ئەرەپچە نامى: سەلىخولھەييە
پارسچە نامى: پوستى مار
ئوردۇچە نامى: سانىب كى پوست
تەبىئىتى: ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق.
شىپالىق رولى: ئىچكى ۋە تاشقى بوۋاسىرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، بۆرەك ۋە سۈيدۈكتىكى تاشلارنى ئېزىپ چىقىرىش، سۆگەلنى يوقىتىش، ئارتۇق ھۆللۈكلەرنى قۇرۇتۇش، ئىششىق ياندۇرۇش قاتارلىق خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە.
ئىشلىتىلىدىغان كېسەللىكلەر: بوۋاسىر، قۇلاق ئاغرىقى، كۆز ياشاڭغۇراش، مەقئەت يارىسى، تەمرەتكە، ھەرخىل يارا، چاقىلار، ئېغىز ۋە ئاقمىلار، خانازىر، ئاقكېسەل، تەڭگىسىمان چاچ چۈشۈش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى: بوۋاسىر كېسىلى ئۈچۈن ئۈچ گرام يىلان قاسرىقىنى ئارپا ئۇنىنىڭ خېمىرىنىڭ ئىچىگە ئېلىپ قوقاسقا كۆمۈپ، تەييار بولغاندا ئېلىپ دورا ياكى شېكەر بىلەن قوشۇپ ئىستىمال قىلىنىدۇ، دوۋسۇندىكى تاشنى ئېزىپ چىقىرىشتا، يىلان قاسرىقى كۈشتە قىلىنغان شېشە تالقىنى بىلەن قوشۇپ مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىنىدۇ، ئېغىز ئىچىدىكى ھەرخىل مۇدۇر، يىرىڭلىق يارا ۋە چىش ئاغرىقىغا مۇۋاپىق مىقداردىكى يىلان قاسرىقىنى سىركە بىلەن قوشۇپ قاينىتىپ ئېغىزغا ئېلىپ تۇتۇپ تۇرۇلىدۇ، قۇلاق ئاغرىقى ۋە قۇلاق ئېغىرلىقىغا زەيتۇن يېغى بىلەن قوشۇپ قۇلاققا تېمىتىلىدۇ، كۆز ياشاڭغۇراش، كۆز جىيەكلىرى قىزىرىپ يارىلىنىش ۋە كۆز قۇتۇرى ئۈچۈن سوقۇپ كۆزگە تارتىلىدۇ، مەقئەت يارىلىرىغا مەلھەم قىلىپ چېپىلىدۇ، قۇلاقنىڭ ھەرخىل ئاغرىقلىرىغا ھاراققا چىلاپ تېمىتىلىدۇ، تەمرەتكە، ئاقكېسەل، تېرە كېسىلى قاتارلىقلارغا نۆشۈدۈر بىلەن قوشۇپ مەلھەم قىلىپ چېپىلىدۇ، تەڭگىسىمان چاچ چۈشۈپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە چاچ ئۈندۈرۈشكە زەيتۇن يېغى ۋە ھاراق بىلەن كۆيدۈرۈلگەن يىلان قاسرىقى سىرتتىن چېپىلىدۇ، بالا ھەمرىيىنى ۋە ئۆلۈك ھامىلىنى چۈشۈرۈشتە، يىلان قاسىرىقىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ كۆيدۈرۈپ، تۈتۈنى بىلەن بالىياتقۇ ئىسلىنىدۇ، ھۆل يىرىڭلىق جاراھەتلەرگە كۆيدۈرۈلگەن يىلان قاسرىقىدا مەلھەم قىلىپ ياغلىنىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: 1-3 گرام.
زىيانلىق تەسىرى: كۆزگە زىيانلىق، تېرىنى يىرىكلەشتۈرىدۇ.
تۈزەتكۈچىسى: يۇمغاقسۈت
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com
ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)
ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号