ئەرەپچە نامى: ئەفەس
پارسچە نامى: مازۇ
ئوردۇچە نامى ماجوپەل
تونۇش: بۇ قاسىراقلىقلار ئائىلىسىدىكى چاتقال ياكى يوپۇرماق تاشلايدىغان ئۆسۈملۈك موزا دەرىخىنىڭ يۇمران شاخلىرى ئۈستىدە قۇرۇپ قالغان قۇرت قاپارتقۇلىرىدىن ئبارەت بولۇپ، موزا ھەرىسىنىڭ لىچىنكىلىرى موزا دەرىخىنىڭ يۇمران شېخى ياكى يوپۇرماقلىرى ئۈستىدە پارازىتلىق بىلەن ياشاپ ھاسىل بولىدۇ. بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ مۇشۇ خىل قۇرت قاپارتقۇسى <موزا>، <ئىفەس>،<ماجۇبھەل>،<سۇۋا>،<دوقۇززاد> نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.
تەبىئىتى: قۇرۇق سوغۇق
شىپالىق رولى: قورۇش، قۇرۇتۇش، تۇتۇش، قان توختىتىش، چىرىشكە قارشى تۇرۇش خۇسۇسىيەتلىرىگە ئىگە.
ئىشلىتىلىدىغان كېسللىكلەر: بوۋاسىر، چىش تۈۋى بوشاپ قېلىش، چىش مىلىكى ئىششىقى، ئېغىز شەلۋەرەپ كېتىش، گال ئېچىشىش، ئېغىز پۇراش، قۇلاق ئېقىش، ھەر خىل يامرىغۇچى جاراھەتلەر، تەمرەتكە، تەڭگىسىمان چاچ چۈشۈش، سەپكۈن، بۇرۇن قاناش، چوڭ چىقىپ قېلىش، مەقئەت ئىششىقى قاتارلىقلارغا سىرتقى تەرەپتن، ھەيز ۋە ئاق خۇن كۆپ كېلىش، ئۈچەي يارىسى، كونا ئىچى سۈرۈش، قان سىيىش، قانلىق ئىچى سۈرۈش، تولغاق قاتارلىقلارغا ئىچكى تەرەپتىن ئىشلىتىلىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى: چىش لىڭشىپ قېلىش، چىش ملىكى ياللۇغى ۋە باشقا ئېغىز كېسەللىرىدە ئېغىزنى چايقاش ئۇسۇلى بويىچە ئىشلىتىلىدۇ يامرىغۇچى جاراھەت، ئاكىلە،نەملە قاتارلىقلارغا موزا يۇمشاق ئېزىپ سېپىلىدۇ. موزىنىڭ سۇفۇپىنى سىركىگە قوشۇپ تەمرەتكە، تەڭگىسىمان چاچ چۈشۈشكە چپىلدۇ، بۇرۇن قاناشقا موزىنىڭ سۇفۇپى تارتىلىدۇ، ئاق خۇن كۆپ كېلىش ۋە ھەيزنىڭ كۆپلۈكىدە، ئىچ سۈرۈش ۋە باشقىلاردا سۇفۇپى ئىشلىتىلىدۇ، بالىياتقۇ كېسىلىدە ھومول قىلىنىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: 0.5 - 3 گرام.
زىيانلىق تەسىرى: كۆكرەككە ۋە ئۆپكىگە زىيان قىلىدۇ.
تۈزەتكۈچىسى: كەتىرا، ئەرەب يېلىمى.
ئورۇنباسارى: ئانار پوستى، يۇلغۇن مېۋىسى.
چىقىش ئورنى: تۈركىيە، ئىران، ئەرەبىستان، ھىندىستان قاتارلىق ئەللەردىن چىقىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com
ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)
ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号