بۇ كەندىر ئائىلىسىدىكى ئېگىزلىكى 1-3 مېتىر ئۆسىدىغان بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك كەندىر بولۇپ، بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ ئۇرۇقى <بەڭ> ياكى <بەزرۇلقەنەپ> نامىدا دورىغ ئىشلىتىلىدۇ.
تەبىئىتى: قۇرۇق سوغۇق.
شىپالىق رولى: تۇتۇش (قابىزلىق)، ئاغرىق پەسەيتىش، قىزىتما قايتۇرۇش، كۆڭۈلنى خۇش قىلىش، باھنى قۇۋۋەتلەش، مەنىي تۇتۇش، ئۇيقۇ كەلتۈرۈش، مەست قىلىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئىشلىتىلىدىغان كېسەللىكلەر: باشنىڭ يېرىمى ئاغرىش، ئادەتلەنگە باش ئاغرىقى، ئۇيقۇسىزلىق، مەنىي تۇتالماسلىق، ھەرخىل ئاغرىشلىق كېسەللىكلەر قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى: مۇناسىپ دورىلار بىلەن قوشۇپ دورا ياساپ يېيىلىدۇ، ھەيز كۆپ كېلىشى قاتارلىقلارغا تالقان تەييارلاپ يېگۈزۈلىدۇ، بوۋاسىر قېنىنى توختىتىش ئۈچۈن كالىنىڭ سۈتى بىلن قوشۇپ بېرىلىدۇ، باشنىڭ يېرىمى ئاغرىش، ئادەتلەنگەن باش ئاغرىقى، ئۇيقۇسىزلىق، تارتىشىپ قېلىش، كۆكيۆتەل، جىگەر ئاغرىقى، قۇلۇنجى ۋە تېتانۇس قاتارلىقلاردا يېگۈزۈلىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: 3 گرام.
زىيانلىق تەسرى: نەشىنى كۆپ ئىشلىتىپ ئادەتلەنسە ئۇيقۇنى قاچۇرىدۇ، مېڭە خىزمىتىنىقالايمىقانلاشتۇرىدۇ، كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاجىزلاشتۇرىۋېتىدۇ، ۋەسۋەسىچىلىك، مالىخولىيا ۋە ساراڭلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com
ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)
ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号