ئاپپاپپەرەس ئۇرۇقى بۇ مۇرەككەپ گۈللەر ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈك ئاپپاپپەرەسنىڭ پىشقان قۇرۇتۇلغان ئۇرۇقىدىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ ئۇرۇق < گازىر> نامىدا مەشھۇردۇر.
تەبىئىتى: قۇرۇق سوغۇق.
شىپالىق رولى: ئۈچەينى سىلىقلاشتۇرۇش، سۈيدۈك ھەيدەش، سۈت كۆپەيتىش، ئىششىق ياندۇرۇش.
ئىشلىتىلىدىغان كېسەللىكلەر: سۈيدۈك يولى ياللۇغى، سۈيدۈك ئېچىشىپ كېلىش، قەۋزىيەت، ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى سۇلۇق ئىششىق، قانلىق تولغاق، ئىشتىھاسىزلىق، بەدەن ئاجىزلىق قاتارلىقلارغا ئىشلىتىىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى: ئاپپاپپەرەس ئۇرۇقىنى چېقىشقىمۇ، ياغ تارتىپ ئىشلىتىشكىمۇ بولىدۇ ھەم يېغى ھەرخىل مەلھەم، زىمات، ياغ دورىلار تەركىبىگە كىرگۈزۈلىدۇ. ئۇندىن باشقا يەنە ئاپپاپپەرەس ئۇرۇقىنى قاينىتىپ سۈيى ئىچكۈزۈلسە ياكى مېغىزى يىگۈزۈلسىمۇ، يۇقىرىقى كېسەللىكلەرگە مەنپەت قىلىدۇ.
زىيانلىق تەسىرى: كۆپ ئىستىمال قىلىنسا تالغا ۋە ئىسسىق مىزاج كىشىلەرگە زىيان قىلىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com
ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)
ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号