ئەرەپچە نامى: ھورمىل
خەنزۇچە نامى: 骆驼蓬
تونۇش: بۇ تۆگىتاپان ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك ئادراسمان بولۇپ، بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ قۇرۇتۇلغان پۈتۈن چۆپى < ھورمىل > ياكى < ئادراسمان > نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.
تەبىئىتى: ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق.
شىپالىق رولى: كۆكرەك ۋە ئۆپكىدىكى شىلىمشىق ھۆللۈكلەرنى تازىلاش، يەل تارقىتىش، توسالغۇلارنى ئېچىش، باھنى قۇۋۋەتلەش، بەدەننى سەمرىتىش، سۈيدۈك ۋە ھەيزنى راۋانلاشتۇرۇش، قويۇق بەلغەم ۋە سەۋدانى، مەددە قۇرتلارنى يوقىتىش قاتارلىق خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئىشلىتىلىدىغان كېسەللىكلەر: تۇتقاقلىق، پالەچ، رىماتىزىم، ساراڭلىق، ئۇنۇتقاقلىق، مېڭە ۋە پەيلەرنىڭ سوغۇقتىن بولغان كېسەللىكلەرنى داۋالاش، ئىستىسقا ۋە يەرقان، يانپاش ئاغرىقى قاتارلىقلاردا ئىشلىتىلىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى: يالۇز ياكى مۇناسىپ دورىلار بىلەن قوشۇپ، قاينىتىپ ئىچىلىدۇ ھەم قاينىتىلغان سۈيى بىلەن سىرتتىن يۇيۇلىدۇ. بۇنىڭدىن 30 گرامنى 120 گرام سۇ بىلەن قاينىتىپ، ئاندىن سۈزۈپ 90 گرام ھەسەل، 60 گرام كۈنجۈت يېغىنى قوشۇپ ئىچسە، كۈچلۈك قەي (قۇستۇرۇش) قىلىپ، قەي ئارقىلىق كۆكرەكتىكى شىلىمشىق ھۆللۈكنى تازىلايدۇ، نەپەس سىقىلىش ۋە يۆتەلگە پايدا قىلىدۇ. بۇنىڭدىن 500 گرامنى 500 گرام شاراب ياكى ئۈزۈم سۈيىدە قاينىتىپ، تۆتتىن بىرى قالغاندا ئېلىپ، 30 كۈنگىچە ھەر كۈنى 60 گرامدىن ئىچىپ بەرسە، كونا باش ئاغرىقى ۋە تۇتقاقلىق كېسىلىگە پايدا قىلىدۇ. تۇغۇشتىن مۇددەتتىن بۇرۇن توختاپ قالغان ئايال بۇ سۇدىن ئۇدا ئۈچ كۈن ئىچسە قايتا ھامىلدار بولىدۇ. ھەركۈنى 4-6 گرامدىن 15 كۈن ئىچىپ بەرسە، رىماتىزىم كېسىلىنى داۋالايدۇ. بۇنى كۆيدۈرۈلگگن شىشە بىلەن قوشۇپ يېسە تاش پارچىلايدۇ. زەپەر، تۇخۇمنىڭ ئېقى، ھەسەل شاراب، ھۆل ئارپىبەدىيان سۈيى قاتارلىقلار بىلەن قوشۇپ كۆزگە سۈرسە كۆز ئاجىزلىقىنى يوقىتىدۇ. قاينىتىلغان سۈيىنى بىر غېرىچ ئىگىزلىكتىن باشقا قويسا ئەزالارنى قۇۋۋەتلەيدۇ. چاچنى قارايتىدۇ. ئەزالاردىكى بوشىشىپ كېتىشنى يوقىتىدۇ. قاينىتىلغان سۈيىنى كۈنجۈت يېغى ۋە سۇ بىلەن قوشۇپ ئىچسە ئۆپكە ۋە جىگەر كېسىلىگە پايدا قىلىدۇ. سېرىقچىچەك يېغى بىلەن قوشۇپ ئىزىپ كىندىككە ۋە بېقىنىغا چاپسا قونا قۇلۇنجىغا پايدا قىلىدۇ.
زايانلىق تەسىرى: ئىسسىق مىزاج كىشىلەرگە زىيان قىلىدۇ. باشنى ئاغرىتىدۇ. كۆڭۈلنى ئېلەشتۈرىدۇ.
تۈزەتكۈچىسى: ئاچچىق-چۈچۈك نەرسىلەر ۋە سىركەنجىۋىل، ھەرخىل مېۋىلەرنىڭ سۈيى.
ئورۇنباسارى: قەدرمانا ياكى سۇزاپ ئۇرۇقى.
چىقىش ئورنى: رايونىمىزدىن ھەم چەت ئەللەردىن چىقىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com
ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)
ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号