ئەرەپچە نامى: خانىقۇلكەلب، ئازاراقى
ئوردۇچە نامى: كۇچۇلا
خەنزۇچە نامى: 马钱子
تونۇش: بۇ كۇچۇلا ئائىلىسىدىكى ياغاچ غوللۇق ئۆسۈملۈك كۇچۇلا دەرىخى بولۇپ، بۇ دەرەخنىڭ مېۋىسى پىشقاندا پوستى ئېلىۋېتىلىپ، قۇرۇتۇلغان پىششىق ئۇرۇقى <ئازاراقى> ياكى <كۇچۇلا> نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ. ئۇنىڭ شەكلى ئادەتتە تۈگمىسان يۇمىلاق، ياپىلاق بولىدۇ.
تەبىئىتى: ئۈچىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق.
شىپالىق رولى: پەينى قۇۋۋەتلەش ۋە پەي بىلەن گۆشلەرنى چىڭىتىش، مەنىي تۇتۇش، ئارتۇق ھۆللۈكنى قۇرۇتۇش، ئاغرىش توختىتىش، ئىشتىھانى ئېچىش، مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىنى ۋە يۈرەكنى قوزغىتىش، باھنى قۇۋۋەتلەش قاتارلىق خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە.
ئىشلىتىلىدىغان كېسەللىكلەر: بەلغەمدىن بولغان كېسەللەر يەنى نېرۋا ئاجىزلىقى، پەي بوشىشىپ كېتىش، باھ ئاجىزلىقى، ئىشتىھاسىزلىق، يۈرەك ئاجىزلىقى، يۈرەك رىتىمىنىڭ نورمالسىزلىقى، پالەچ، لەقۋا، بوغۇم ئاغرىقى، بەل ئاغرىقى، ئۈچەي ئاجىزلىقىدىن بولغان قەۋزىيەت، ياشانغان كىشىلەردىكى سۈيدۈك كۆپ كېلىش، بالىلاردىكى دوۋساق ئاجىزلىقى، يۆتەل، دېمى سىقىلىش، سىل قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى: بەز تائۇنى كېسەللىكىگە ئېزىپ سۈركىلىدۇ، بوغۇم ئاغرىقى ۋە باشقا كېسەللەرگە كۈنجۈت يېغى بىلەن قاينىتىپ، ياغ تەييارلاپ سۈركىلىدۇ، كۇچۇلا زەھەرلىك بولغىنى ئۈچۈن ئۇنى زەھەرسىزلەندۈرۈپ مەجۈن تەييارلاپ ئىشلىتىلىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: مەجۈنى ياكى سوفۇپ تەييارلاپ، بىر قېتىمدا 0.2 گرام بېرىلىدۇ.
زىيانلىق تەسىرى: بۇ دورىنى كۆرسەتمىدىن ئارتۇق ئىستېمال قىلسا، پەرلەرنى ۋە پۈتۈن بەدەننى تارتىشتۇرۇپ قويۇشى، ھەتتا ھاياتقا خەۋپ كەلتۈرۈپ قويۇشى مۇمكىن. شۇڭا بۇ دورىنى زەھەرسىزلەندۈرۈپ ئىشلىتىش لازىم.
تۈزەتكۈچىسى: كالىنىڭ يېڭى سېغىلغان سۈتىنى ياكى قايمىقىنى قايتا-قايتا بېرىش ياكى خۇشبۇي دورىلارنى ئىچكۈزۈش، تېزدىن ئاشقازاننى يۇيۇپ قۇتقۇزۇش كېرەك.
ئورۇنباسارى: بالادۇر
چىقىش ئورنى: ھىندىستان، مالايسىيا، سىنگاپور، تايلاند، ۋېيتنام، يۈننەن قاتارلىق جايلاردىن چىقىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com
ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)
ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号