ئەرەبچە نامى: قەشرى رومان
پارسچە نامى: پوستى ئانار
خەنزۇچە نامى: 石榴皮
تونۇش: بۇ ئانار ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈك دەرىخىنىڭ مېۋىسىنى كۈزدە پىشقاندا يىغىۋېلىپ، ئانار دانىلىرى ئايرىۋېتىپ قالغاندىن كېيىنكى قۇرۇتۇلغان پوستىدىن ئىبارەت بولۇپ، <ئانار پوستى> نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.
تەبىئىتى: قۇرۇق سوغۇق.
شىپالىق رولى: ئارتۇق ھۆللۈكنى قۇرۇتۇش، پەينى چىڭىتىش، قۇرت ئۆلتۈرۈش، ئىچ سۈرۈش ۋە قاناشنى توختىتىش، مەنىينى قويۇلدۇرۇش قاتارلىق خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە.
ئىشلىتىلىدىغان كېسەللىكلەر: ئۇزۇنا سوزۇلغان ئىچ سۈرۈش، تولغاق، قانلىق تەرەت، مەقئەت چىقىپ قېلىش، مەنىي سۇيۇلۇپ كېتىش، قان تۈكۈرۈش، ئۈچەي مەددە قۇرتى، قان قۇسۇش، بالىياتقۇ قاناش قاتارلىقلاردا ئىشلىتىلىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى: قاينىتىپ ھەسەل قوشۇپ ئىچىلىدۇ ياكى مۇناسىپ دورىلار بىلەن قوشۇپ قاينىتىپ ھەسەل قوشۇپ ئىچىلىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: 3-9 گرام.
زىيانلىق تەسىرى: قەۋزىيەت پەيدا قىلىدۇ.
تۈزەتكۈچىسى: ھەسەل
ئورۇنباسارى: ئانارگۈلى.
چىقىش ئورنى: ئېلىمىزنىڭ ھەم رايونىمىزنىڭ ھەممە يەرلىرىدىن چىقىدۇ ۋە ئۆزبېكىستان، پاكىستان قاتارلىق قوشنا ئەللەردىنمۇ چىقىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com
ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)
ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号