ئەرەپچە نامى: ئەفتىمۇن
ئوردۇچە نامى: ئاكاس بىل
خەنزۇچە نامى: 金丝草
تونۇش: بۇ يۆگەيلەر ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق تەييارتاپ، سامان غوللۇق، يۇمران يىپسىمان، رەڭگى سېرىق، يۆگىمەچ غول ئۆسۈملۈكنىڭ پۈتۈن چۆپىدىن ئىبارەت بولۇپ، خەلق ئارىسىدا بۇ چۆپنى <سېرىق يۆگەي>. <سېرىق ئوت> دەپمۇ ئاتايدۇ. بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پۈتۈن چۆپى <ئەفتىمۇن> ياكى <سېرىق ئۆت>، ئۇرۇقى <سېرىق ئوت ئۇرۇقى> ياكى <ئەفتىمۇن ئۇرۇقى> نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.
تەبىئىتى: ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق.
شىپالىق رولى: بەدەندىكى يەلنى تارقىتىش، توسالغۇلارنى ئېچىش، غەيرىي تەبىئىي سەۋدا ۋە بەلغەمنى سۈرۈش، نېرۋىنى پەسەيتىش، ئاغرىقنى پەسەيتىش، مېڭىنى تازىلاش، كۆڭۈلگە خۇشلۇق يەتكۈزۈش قاتارلىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە.
ئىشلىتىلىدىغان كېسەللىكلەر: مالىخۇلىيا، ئۈچەي قۇرتى كېسەللىكلىرى، ئاشقازان ئاجىزلىقى، گالنىڭ يىرىكلىشىشى، تۇتقاقلىق تەپ، ساراڭلىق (جۇنۇن)، سەۋدا كېسەللىكلىرى، پەي تارتىشىش، ئۇيقۇسىزلىق، قاتتىق جاراھەتلىك ئىششىق قاتارلىقلاردا ئىشلىتىلىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى: ئومۇمەن يالغۇز ياكى مۇناسىپ دورىلار بىلەن قوشۇپ بىر كېچە قايناق سۇغا چىلاپ، سۈزۈپ ئېلىپ ئىشلىتىلىدۇ. سېرىق ئوتنى بىنەپشە بىلەن قوشۇپ بېرىلسە، بەدەندىكى يەلنى تارقىتىدۇ، تومۇرلاردىكى توسالغۇلارنى ئاچىدۇ، سەۋدا ۋە بەلغەمنى سۈرىدۇ، بۇنىڭدىن 30 گرامنى يېڭى سىقىلغان 450 مىللىلىتىر سۈتكە چىلاپ قاينىتىپ 60 مىللىلىتىر سىركەنجىۋىل قوشۇپ بىر ھەپتە داۋاملىق ئىچىپ بەرسە، سەۋدادىن بولغان باش ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ. بۇنىڭدىن 18 گرامنى 30 گرام ۋاسالغۇ بىلەن سۇس ئوتتا قاينىتىپ سۈزۈپ ئىچكۈزسە مالىخولىياغا ھەم سەۋدا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرگە پايدا قىلىدۇ. 21 گرامنى يۇمشاق سوقۇپ ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ سىركەنجىۋىل بىلەن قوشۇپ ئىچكۈزسە مالىخولىيا، ساراڭلىق ۋە سەۋدا كۆيگەنلىكتىن بولغان كېسەللىكلەرگە ھەم سوغۇقتىن بولغان سەۋدا كېسەللىكلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ. ئەمەن ۋە ئاچچىقتاۋۇز يوپۇرمىقى بىلەن قوشۇپ بېرىلسە يۇقىرىقى كېسەللەرگە پايدا قىلىدۇ، ئەفتىمۇننى بىر-ئىككى قاينىتىپ سۈيىنى سىقىپ چىقىرىپ، سۈزۈپ گۈلقەنت بىلەن بېرىلسە بۇزۇلغان خىلتلارنى تازىلايدۇ، بۇنى ئۈستقۇددۇس بىلەن بەرسە، مېڭىنى تازىلايدۇ. بۇنىڭدىن 30 گرامنى مۇسەللەس بىلەن قوشۇپ ئازراق قاينىتىپ بەرسە، ئۇيقۇسىزلىق، پەي تارتىشىش ۋە قاتتىق جاراھەتلەرنىڭ ئىششىقلىرىغا پايدا قىلىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: سىقىپ چىقىرىلغان سۈيىدىن 60 مىللىلىتىر چۆپىدىن 9-12 گرام، قايناتمىسىدىن 30 مىللىلىتىر.
زىيانلىق تەسىرى: ئۆپكە كېسىلى بارلارغا ئىشلىتىلمەيدۇ، كۆڭۈلنى ئېلىشتۈرىدۇ.
ئورۇنباسارى: لاجىۋەرد، شاھتەررە، تۇربۇت.
چىقىش ئورنى: ئېلىمىزنىڭ كۆپلىگەن رايونلىرىدىن ھەم شىنجاڭنىڭ ھەممە جايلىرىدىن چىقىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com
ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)
ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号