ئەرەبچە نامى: بەرەنجاسىپ
ئوردۇچە نامى: گەندار
خەنزۇچە نامى: 艾蒿
تونۇش: بۇ مۇرەككەپ گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك ئەمەننىڭ قۇرۇتۇلغان يوپۇرمىقىدىن ئىبارەت.
تەبىئىتى: قۇرۇق ئىسسىق.
شىپالىق رولى: توسالغۇلارنى ئېچىش، ئىشتىھانى ئېچىش، ئىچى سۈرۈشنى توختىتىش، ئىششىق قايتۇرۇش، ئاغرىق پەسەيتىش، سۈيدۈك ھەيدەش، ھەيز ماڭدۇرۇش، قۇرت ئۆلتۈرۈش، تەرلىتىش قاتارلىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە.
ئىشلىتىلىدىغان كېسەللىكلەر: ھەرخىل قىزىتما، ھەرخىل سۇلۇق ئىششىق، سۈيدۈك ۋە ھەيز تۇتۇلۇش، قىيىن تۇغۇت، كۆكرەك ئاغرىقى، نەپەس سىقىلىش، بۆەك ۋە دوۋسۇنغا تاش پەيدا بولۇپ قېلىش، يانپاش ۋە بوغۇم ئاغرىقى، زەھەر قايتۇرۇش، يىرىڭلىق تېرە جارەھەتلىرى قاتارلىقلاردا ئىشلىتىلىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى: ئەمەننى قاينىتىپ ئىچىشكە ۋە سىرتتىن چېپىشقا بولىدۇ. ئۇندىن باشقا ئەمەننى ئابدىمىلىك يېغى ياكى تۇرۇپ يېغغى بىلەن قوشۇپ چاچقا سۈركىسە چاچ چۈشۈشتىن ساقلايدۇ، چاچنى تېز ئۆستۈرىدۇ. كۆرپىنىڭ ئاستىغا سېلىپ ياتسا ھاشاراتلارنى يوقىتىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: 5-6 گرام.
زىيانلىق تەسىرى: باش ئاغرىتىدۇ، بەدەننى قۇرۇتىدۇ.
تۈزەتكۈچىسى: سوغۇق مىزاج كىشىلەر ئۈچۈن رۇم بەدىيان، مەستىكى، ئىسسىق مىزاج كىشىلەر ئۈچۈن شەربىتى رۇممان.
ئورۇنباسارى: ئىچ سۈرۈشتە غاپەس، ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەشتە باراۋەر مىقداردا ئاسارۇن، يېرىم مىقدار سېرىق ھېلىلە.
چىقىش ئورنى: ئېلىمىزنىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدىن، رايونىمىزدىن ھەم ياۋروپا ۋە ئاسىيا ئەللىرىدىن چىقىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com
ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)
ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号