ئەرەبچە نامى: ئەنجىبار
خەنزۇچە نامى: 拳参
تونۇش: بۇ قامچىئوت ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك ئەنجىبارنىڭ كولاپ ئېلىنىپ قۇرۇتۇلغان يىلتىز غولى بولۇپ، بۇ يىلتىز ئەنجىبار نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ، خەلق ئارىسىدا بۇنى پاتمۇتەك، ئۈگۈنەك، يىلانسىمان قامچىئوت دەپمۇ ئاتايدۇ.
تەبىئىتى: ئۈچىنچى دەرىجىدە قۇرۇق سوغۇق.
شىپالىق رولى: ئىچى سۈرۈش ۋە قۇسۇشنى توختىتىش، ھەرقانداق ئەزادىن كەلگەن قاننى توختىتىش، جاراھەت پۈتتۈرۈش قاتارلىق خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئىشلىتىلىدىغان كېسەللىكلەر: كۆكرەك، ئۆپكە، بوۋاسىر ۋە سۈيدۈكتىن قان كېلىش، ئىشتىھاسىزلىق، كونا-يېڭى سىل كېسەللىكى، كونا-يېڭى يىرىڭلىق جاراھەتلەر، بۇرۇن قاناش، قان تۈكۈرۈش، قان سىيىش، ھەيز كۆپ كېلىش، قان قۇسۇش، جىگەر مەنبەلىك ئىچ سۈرۈش، تولغاق قاتارلىقلاردا ئىشلىتىلىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى: 3-5 گرامغىچە ئېلىپ سۇدا قاينىتىپ ئازراق قەنت سېلىپ ئىچىلىدۇ. مۇناسىپ دورىلار بىلەن قوشۇپ تالقان قىلىپ سېپىلسە گۆش ئۈندۈرىدۇ ۋە بۇرۇن قاناشنى توختىتىدۇ. ھەرخىل زەخىملەرنى توختىتىش ئۈچۈن ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا ئۇسارە چىقىرىپ ياكى ئەرەق تارتىپ ئىچىلىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: 3-5 گرام.
زىيانلىق تەسىرى: سوغۇق مىزاجلارغا زىيان قىلىدۇ.
ئورۇنباسارى: ھەببۇلئاس.
چىقىش ئورنى: رايونىمىزنىڭ كۆپلىگەن يەرلىرىدىن چىقىدۇ ھەمدە كەشمىر، سىككىم قاتارلىق جايلارنىڭ تاغلىرىدىنمۇ چىقىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com
ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)
ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号