ئەرەپچە نامى: ئەنزىرۇت، غەزرۇت
پارسچە نامى: كەھۇل كىرمانى
ئوردۇچە نامى: لائى
خەنزۇچە نامى: 甘草味胶
تونۇش: بۇ بىرخىل تىكەنلىك دەرەخنىڭ يېلىمى بولۇپ، ئەنزىرۇت ياكى گۆشخور نامىدا دورا ئورنىدا ئىشلىتىلىدۇ.
تەبىئىتى: ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق.
شىپالىق رولى: ئارتۇق ھۆللۈكنى قۇرۇتۇش، توسالغۇلارنى ئېچىش، يەل تارقىتىش، ئىششىق قايتۇرۇش، يارىلارنى قۇرۇتۇش قاتارلىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە.
ئىشلىتىلىدىغان كېسەللىكلەر: بوغۇم ئاغرىقى، ئولتۇرغۇچى نېرۋا ئاغرىقى، ھەرخىل يىرىڭلىق جاراھەتلەر، قۇلاق ئاغرىقى ۋە قۇلاق ئېقىش كېسەللىرى قاتارلىقلاردا ئىشلىتىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى: يۇمشاق سوقۇپ جاراھەتكە سېپىلىدۇ ياكى مەلھەم تەييارلاپ ئىشلىتىدۇ ھەم مۇرەككەپ دورا تەركىبىگە قوشۇلىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: 0.5-3 گرام.
زىيانلىق تەسىرى: ئۈچەيگە زىيان قىلىدۇ.
تۈزەتكۈچىسى: بادام يېغى، كەتىرا.
ئورۇنباسارى: باراۋەر مىقداردا سەبرى.
چىقىش ئورنى: ئۆزبېكىستان، تۈركمەنىستان قاتارلىق ئەللەردىن چىقىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com
ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)
ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号