ئەرەپچە نامى: بابۇنەج
ئوردۇچە نامى: بابۇنە
خەنزۇچە نامى: 洋柑菊
تونۇش: بۇ مۇرەككەپ گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بابۇنىنىڭ گۈلى ۋە پۈتۈن چۆپىدىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ گۈلى <گۈلى بابۇنە> يىلتىزى <بىخ بابۇنە> نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.
تەبىئىتى: ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق.
شىپالىق رولى: ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش، يەل ھەيدەش، ئىششىق تارقىتىش، مېڭە ۋە پەيلەرنى قۇۋۋەتلەش، سۈيدۈك ۋە ھەيزنى راۋان قىلىش، ئاغرىق پەسەيتىش قاتارلىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە.
ئىشلىتىلىدىغان كېسەللىكلەر: تۇتقاقلىق تەپ، ھەم ئاجىزلىقى، ھەيز تۇتۇلۇش، بۇغۇم ئاغرىقى، قۇلاق ئاغرىقى، ھەرخىل قاتتىق ئىششىقلار. ئاشقازان ئاجىزلىقى، يەرقان، قۇلۇنجى، مېڭە ۋە پەيلەرنىڭ ئاجىزلىقى قاتارلىقلاردا ئىشلىتىلىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى: كۆكرەك ۋە قۇلاق ئاغرىقلىرى ئۈچۈن يېغى چىقىرىلىپ ئىشلىتىلىدۇ، ھەيز تۇتۇلۇش ۋە قۇلۇنجى، ئاشقازان ئاجىزلىقى، يەرقان كېسىلى قاتارلىقلاردا قاينىتىلىپ، ھورىدا ئولتۇرغۇزۇلىدۇ ياكى ئىچكۈزۈلىدۇ. ئۇندىن باشقا كۆپىنچە مۇرەككەپ دورىلار تەركىبىگە قوشۇپ ئىشلىتىدۇ.
ئىشلىتىش تەسىرى: 2-10 گرام.
زىيانلىق تەسىرى: گالغا زىيان قىلىدۇ.
تۈزەتكۈچىسى: ھەسەل، ئانار شەربىتى
ئورۇنباسارى: بەرەنجاسىپ.
چىقىش ئورنى: رايونىمىزنىڭ تاغلىرى ۋە بالىرىدىن چىقىدۇ.
قوشۇمچە: بابۇنە يىلتىزى يەنى بىخ بابۇنە. تەبىئىتى قۇرۇق ئىسسىق، گۈلىدىن تۆۋەنلىكرەك، گۈلىدىن تۆت گىرامنى ھەسەل ياكى مۇسەللەسكە قوشۇپ يېسە باھنى قوزغايدۇ.
بابۇنە يېغىنى چىقىرىش ئۇسۇلى: بابۇنە گۈلىنى قازانغا سېلىپ قاينىتىپ سىقىپ سۈزۈپ ئىككى كىلوغا تۆت كىلو كۈنجۈت يېغى قوشۇپ سۇغا پارغا ئايلىنىپ يېغى قالغۇچە كۆيدۈرۈۋەتمەي قاينىتىپ ئېلىپ ئىشلىتىلىدۇ.
شىپالىق رولى: سوغۇقتىن بولغان ئىششىق ۋە مۇرەككەپ ئىششىقلارنى ياندۇرىدۇ، ھۆللۈكنى قۇرۇتىدۇ. بۇ ياغ بىلەن ياغلانسا تىترەك بىلەن تۇتىدىغان بەلغەمنى ۋە سەۋدادىن بولغان تەپنى توختىتىدۇ ھەم تەرلىتىدۇ. تەر تۆشۈكچىلىرىنى ئاچىدۇ، تېرىنى كېڭەيتىدۇ، يەل تارقىتىدۇ، بەل ئاغرىقى، مۇپاسىل، نىقرەس قاتارلىقلاردا چاپسا پايدا قىلىدۇ. قۇلاققا تېمىتسا گاسقا پايدا قىلىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى - www.Saglamlik.com
ئادرېسىمىز: ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى ئات بەيگە مەيدان يولى 155-نومۇر (17 تۈتۈن)
ئالاقىلىشىش نومۇرىمىز: 15999455501 - تور بېتىمىزنى ئەنگە ئالدۇرغان نومۇر: 新ICP备16002923号